8-ئىيۇندىن باشلاپ خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە ئىلى ئوبلاستلىق پارتكوم سېكرېتارى جياۋ باۋخۇا ھەم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى جيەنجۈن قاتارلىقلارنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ دېلو تۇرغۇزۇلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆچۈرۈپ بېسىلدى.
خىتاي تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەرلەردە جياۋ باۋخۇا ھەم لى جيەنجۈنلەر ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولغان جىنايى قىلمىشلار ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى. لېكىن خىتاي تور بەتلىرىدىكى مۇنازىرە مەيدانلىرىدا ئېلان قىلىنغان تور ئابونتلىرىنىڭ يازمىلىرىدا بۇ ئىككى ئەمەلدارنىڭ ئۆز خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ ئىگىلىۋالغان مال مۈلكىنىڭ نەچچە مىليون خەلق پۇلىغا يېتىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ھازىرچە ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مەلۇم بىر ھۆكۈمەت خىزمەتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىم پارىخورلۇق قىلمىشى بىلەن تەكشۈرۈلۈۋاتقان ئىلى ئوبلاستىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جياۋ باۋخۇا 2011-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ خىزمىتىدىن توختىتىلىپ تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ، ئۇ جاڭ چۈنشيەندىن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى قىلىپ تەيىنلىگەن ۋاڭ لېچۈەننىڭ يېقىن ئادەملىرىنىڭ بىرى ئىكەن.
بۇ كادىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جياۋ باۋخۇا 2006-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ ئىلى ئوبلاستى ۋە غۇلجا شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى قىلىپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن، باشقىلارغا ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان جايى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇ ۋېي دېگەن يېرى بولسىمۇ، ئەمما ئاتا-ئانىسىنىڭ سەندۇڭدىن كەلگەنلەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ۋاڭ لېچۈەننىڭ يۇرتلۇقى ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم ئەسكەرتكەن ئىكەن. جياۋ باۋخۇا ئىلى ئوبلاستىدا پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ تۇرغان مەزگىلىدە 2008-يىلدىكى خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك يىغىنى مەزگىلى ھەم 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئۆزىنىڭ قاتتىق قوللۇقى بىلەن ۋاڭ لېچۈەننىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن. 2010-يىلى «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى»دىن كېيىن بولسا جياۋ باۋخۇا «ئىلىدا ھالقىما تەرەققىيات رايونى قۇرۇش» نامىدا ئىلىدىكى ئەسلىدىكى كۆمۈر كان رايونلىرى ھەم دېھقان-چارۋىچىلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەر، يايلاقلىرىنى مەجبۇرىي ھالدا تۈركۈم-تۈركۈملەپ خىتاي شىركەتلىرىگە سېتىپ بېرىپ ئارىدىن زور بايلىق توپلىغان. ھازىر ئىلىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇنىڭ ئەمەل تۇتقان مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى ھەم يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان دېھقانلارنىڭ ئەھۋالى ئاساسى سۆز تېمىسى بولسا، خىتايلار ئارىسىدا ئۇنىڭ پارىخورلۇق قىلىپ توپلىغان مال دۇنياسى ئەڭ قىزىق مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلانماقتا ئىكەن.
ئىلى رايونىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دېھقانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلگىرى غۇلجا ناھىيىسىدە ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن يېرىنى سېتىشقا مەجبۇر بولغان دېھقانلار ئۆزلىرىنىڭ يېرىنىڭ سېتىلىشىدا ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرلىشى بارلىقىنى ئەرز قىلىش بىلەن بىرلىكتە ئىلى ئوبلاستى ئۈستىدىنمۇ كۆپ قېتىم ئەرز قىلغان ئىكەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار ئۆز بايانلىرىدا، ھۆكۈمەتنىڭ گەرچە جياۋ باۋخۇادەك ئەمەلدارلارنى تەكشۈرۈپ جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنداق ئەمەلدارلارنىڭ تۈگۈشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
جياۋ باۋخۇا ھەم ئۇنىڭ خوتۇنىنىڭ توپلىغان بايلىقلىرىنىڭ ھېسابسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بىر خانىم، بۇنداق ئەمەلدارلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە نۇرغۇنلۇقىنى، جياۋ باۋخۇانىڭ بولسا پەقەت ئاشۇلار ئىچىدىكى تورغا چۈشۈپ قالغان بىر بېلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە بېرىلگەن خەۋەرلەردە، بۇ قېتىم خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» نىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بېيجىڭدا ئاچقان يىغىنىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەرەققىيات قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش، تەرەققىيات قۇرۇلۇشى جەريانىدا، شىركەتلەرنىڭ پىلانسىز تېرىلغۇ يەر ھەم يايلاقلارنى ئىگىلىشىگە چەكلىمە قويۇلىدىغانلىقىنى، ھۆكۈمەت كادىرلىرىدىن خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ بايلىق توپلىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
ئەمما زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قۇرۇلۇشى، يەرلىك ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق مەنپەئەت ئېلىپ كەلمىگەننىڭ ئۈستىگە، رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنى بارغانچە كۆپەيتىپ، بۇ يەرگە كېلىپ ئورۇنلاشقان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ باي بولۇشى، يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ پارىخورلۇق قىلىشى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پۇرسەت ھازىرلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ خانىم ئۇيغۇر ئېلىدە پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ بارغانچە كۆپىيىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا خىتاينىڭ 19 ئۆلكە، شەھەرلىرىدىكى شىركەتلەرنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا جەلپ قىلىش سىياسىتىنىڭ ئۆزىلا، رايوندا خىتاي كۆچمەنلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىپ، ناھىيە، ۋىلايەتلەردىكى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، يەر سودىسى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، بايلىق توپلىشىغا ئەڭ ياخشى شارائىت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
[ http://news.xinhuanet.com/legal/2011-06/08/c_121509565.htmOpens in new window ]