شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ 90 يىلى كوممۇنىست پارتىيە خىتاي خەلقىنى يېتەكلەپ زەپەر قۇچۇپ ئالغا ئىلگىرىلىگەن، خىتاي دۆلىتىنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىپ غەلىبە قىلغان 90 يىل دەپ مەدھىلىيىدى. خەلق گېزىتى، بۇنىڭدىن كېيىنكى 90 يىلمۇ كوممۇنىست پارتىيە غەلىبە قازىنىدىغان 90 يىل بولىدۇ دەپ جاكارلىدى.
ئەمما، ئامېرىكا ئاۋازى، خىتاي كوممىۇنىست پارتىيىسىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ پارتىيىنىڭ 90 يىللىقنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا قىلغان تەبرىك سۆزىدە، ھازىر كوممۇنىست پارتىيىنىڭ تەقدىرىگە قارىتا قاتتىق غەم-ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى، دەپ بايان قىلدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ھازىر روھى خۇنۈكلەشكەن خەۋپ ئىچىدە، خەلقتىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپى ئىچىدە، پاسسىپلىق-چېرىكلىك خەۋپى ئىچىدە قالغانلىقى مانا كۆز ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ، ئەمدى كوممۇنىست پارتىيىنى قاتتىق ئىدارە قىلىش كېرەك، دېگەن. شۇڭلاشقا ھازىر كوممۇنىست پارتىيىنى «خەۋپ» لەردىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ مىراسخورلىرى خىتاينىڭ ھەممە يېرىدە قىزىل ناخشا ئېيتىش ھەرىكىتى قوزغىغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 90 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقاندا، خىتاينىڭ تولۇق ئاپتونومىيىسى خوڭكوڭدا 220 مىڭ ئادەم كۇچىغا چىقىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنى كەمسىتىدىغان سىياسەتلىرىگە ۋە ئۆي باھاسى ئۆرلەپ كەتكەنلىكىگە نارازىلىق ئىپادىلىگەن. ئۇلار نامايىشتا يۇقىرى ئاۋازلىق سىگنال ياڭرىتىش، قاتتىق دۇمباق چېلىش، ساقچىلارنىڭ كاسكىلىرىنى ئۇرۇپ تاراڭلىتىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللانغان. يەر-زېمىن خوجايىنلىرى يوقالسۇن دەپ شوئار توۋلىغان. بۇ، خوڭكوڭ 1997-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتايغا تەۋە بولغاندىن كېيىن، خوڭكوڭدا تۇنجى قېتىملىق ئەڭ قاتتىق غەزەپ ئىپادىلەپ ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
چەتئەللەردىكى خىتايپەرەس ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن دوۋېي ئاگېنتلىقىمۇ بۈگۈن، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 90 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقاندا، خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى يەنتەي شەھىرىدە مىڭدىن ئارتۇق كەسىپ ئالماشتۇرغان ھەربىيلەر كۇچىغا چىقىپ، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئۆزى چىقارغان سىياسەتلەرگە ئەمەل قىلمىغانلىقىغا قارشى نامايىش قىلغان نەق مەيدان كۆرۈنۈشىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدا يەنە، شەنشى ئۆلكىسىدىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش نامايىش بولغان نەق مەيدان كۆرۈنۈشىمۇ بار.
خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ دوستى تەيۋەندىكى گومىنداڭ بۈگۈن، بېيجىڭدىكى كوممۇنىست پارتىيە بايرىمىغا سوغۇق مۇئامىلە قىلدى.
گومىنداڭچىلارنىڭ تور پونكىتلىرىدا، كوممۇنىست پارتىيە بۇ 90 يىلىنىڭ ئالدىنقى 30 يىلىدا گومىنداڭنى ئالدىدى، ئىككىنچى 30 يىلىدا چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى خەلقنى ئازابلىدى ۋە قىرغىن قىلدى، كېيىنكى 30 يىلدا خەلقنى بۇلاڭ-تالان قىلدى، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە ھاكىمىيەت تۇتىمەن دېسە، ئۇ بىر شېرىن چۈش دېگەن باھا تارقالدى.
ئاساخى شىنبون قاتارلىق ياپونىيە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 90 يىللىقىدا ئېلان قىلغان ئوبزورلاردا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى سوتسىيالىزم قۇرىمەن دەپ مەغلۇپ بولغان 90 يىل، ئەمدى يولىنى ئوڭلاپ ماڭىدىغان بولۇشى كېرەك، قوشنىلارغا زومىگەرلىك قىلىمەن دەپ ئويلىماسلىقى كېرەك دېگەن مەزمۇنلار ئىپادىلەندى.
ھازىر ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى ساۋ چاڭچىڭ ئەپەندى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 90 يىلىغا بەرگەن باھاسىدا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۇيغۇرلارغا سالغان زۇلۇملارنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: غۇلجىدا 1961-يىلى خەلق توپلىنىپ ھۆكۈمەتكە تەلەپ سۇنسا، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ شىنجاڭ ھەربىي رايونى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ خەلقنى ئوققا تۇتۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەرگە قېچىش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 1962-يىلى باي ناھىيىىسدىلا، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئاشلىق ئىسكىلاتى ئالدىدا زارلىنىپ تۇرۇپ ۋە زارلانغىلى كېلىۋېتىپ يولدا ئۆلگەن ئونمىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ جەسىتى قالدى. 1997-يىلى غۇلجىدا، كوممۇنىست پارتىيىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان بىرنەچچە مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدىكى ياشلارنى، قەھرىتان قىشتا مۇز توڭلاتقان پۇتبول مەيدانىغا سولاپ ئازابلىدى. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى توڭلاپ قېتىپ قالدى. 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچىدە، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ مىللىي كەمسىتىشى سىياسىتىگە قارشى نامايىش قىلىپ، خاتا سىياسەتلەرنى تۈزىتىشنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلارنى قوراللىق باستۇردى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئۇرغۇزدى. بۇ ۋەقەدە بىر نەچچە يۈز ئادەمنى ئۆلتۈردى، بىرنەچچە مىڭ ئادەمنى تۇتقۇن قىلدى.