خىتاينىڭ نوپۇس تۈزۈمىنى بىكار قىلىشى كىمگە پايدىلىق؟

خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى نوپۇس تۈزۈمى يېقىندىن بۇيان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان بىر مەسىلە بولۇپ قالدى.

0:00 / 0:00

بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا چاقىرىلغان خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەملىكەتلىك يىغىنى مەزگىلىدە خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۆكتىچىلەر ھەم خەلقئارا تەشكىلاتلار چاقىرىقنامە ئېلان قىلىپ، بۇ مەسىلە پۇقرالارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىۋاتقانلىقىنى، نوپۇس تۈزۈمىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. لېكىن بۇ مەسىلىدە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەردە تۈرلۈك پىكىرلەر مەۋجۈت.

خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى نوپۇس تۈزۈمى 1958 - يىلدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئەينى چاغدىكى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى لو رۇيچىڭ مەزكۇر تۈزۈم "سەھرا خەلقىنىڭ شەھەرلەرگە قالايمىقان كۆچۈپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى"نى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. لېكىن لو رۇيچىڭنىڭ سۆزى ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاي ئاساسىي قانۇنىنىڭ "كۆچۈش ۋە خالىغان يەردە ئولتۇراقلىشىش ئەركىنلىكى"گە دائىر ماددىسىغا توغرا كەلمەيتتى. نوپۇس تۈزۈمى 1975 - يىلغا كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىي قانۇندىكى "كۆچۈش ۋە ئولتۇراقلىشىش ئەركىنلىكى"گە دائىر ماددىنى بىكار قىلىشى بىلەن ئۆزىنىڭ قانۇنى ئاساسىنى يوقاتقان.

خىتاي ئىقتىسادىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى تەرەققىياتى ۋە شەھەرگە كىرىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان يېزا نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاينىڭ پۇقرالارنى شەھەر ۋە يېزا نوپۇسى دەپ ئىككىگە ئايرىيدىغان نوپۇس تۈزۈمى جىددىي رىقابەتكە دۇچ كېلىشكە باشلىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى تەشكىلاتلار ۋە ئۆكتىچىلەر نوپۇس تۈزۈمىنى بىكار قىلىشنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يېقىندا چاقىرىلغان مەملىكەتلىك يىغىنى مەزگىلىدە يەنە ئوتتۇرىغا قويۇپ، كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.

بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئالدى بىلەن خىتايدىكى"ئىقتىساد كۆزىتىش"، "جەنۇبىي ئاستانە" قاتارلىق 13 يەرلىك گېزىت باش ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنى نوپۇس تۈزۈمىنى بىكار قىلىشقا چاقىرغان. باش ماقالىدە خىتاينىڭ ھازىرقى نوپۇس تۈزۈمى شەھەر ئاھالىسى بىلەن يېزا ئاھالىسى، شەھەر خەلقى بىلەن شەھەر خەلقى ئارىسىدا تەڭسىزلىك يارىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مەزكۇر تۈزۈمنىڭ خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

خىتاي يەرلىك گېزىتلىرىنىڭ نوپۇس تۈزۈمىنى بىكار قىلىش ھەققىدىكى باش ماقالىسى مەركىزى نيۇيوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ 8 - چىسلا خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋغا خەت يېزىپ، نوپۇس تۈزۈمىنى بىكار قىلىشنى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىشىغا تۈرتكە بولغان. ئامېرىكىدىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەر بولسا نوپۇس تۈزۈمى ئاققۇن ئىشچىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، ئىشسىزلىك قۇتقۇزۇش پۇلى، داۋالىنىش، مائارىپ ۋە تەلىم - تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىنىڭ رەت قىلىنىپ، ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىشىغا سەۋەبچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئامېرىكىدىكى ئىستاتىستىكا مۇتەخەسسىسى تۇغلۇق ئابدۇرازاق ئەپەندى بۇ قاراشتىكى زاتلارنىڭ بىرىدۇر.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى نوپۇس تۈزۈمى شەھەرلەردە تىرىكچىلىك قىلىدىغان 150 مىليون ئاققۇن ئىشچىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندىگە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى، بۇ، تۆۋەن قاتلام خەلقلەردىكى غەزەپ - نەپرەت ۋە ئۈچمەنلىكنىڭ مەنبەسى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. "جەنۇبىي ئاستانا گېزىتى" قاتارلىق 13 گېزىت - ژۇرنالنىڭ نوپۇس تۈزۈمىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى چاقىرىقىدا نوپۇس تۈزۈمى كومپارتىيە كادىرلىرىدىكى خىيانەتچىلىكنىڭ قورالى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى، نوپۇس سودىسى ھۆكۈمەت كادىرلىرىدا مەۋجۈت ئومۇميۈزلۈك ھادىسە بولۇپ قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

نوپۇس تۈزۈمىنى تەنقىد قىلغۇچى شەخسلەر، "خىتايدىكى ھەر قايسى شەھەرلەردە نوپۇسنىڭ كىشى بېشىغا مۇقىم باھاسى بارلىقىنى، بېيجىڭ ياكى شاڭخەي شەھىرىنىڭ نوپۇسىنى ئېلىش ئۈچۈن 3 مىليون يۈەن خەجلەشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى، گۇاڭجۇ شەھىرىنىڭ نوپۇسىنى ئالماقچى بولغانلار 2 مىليون يۈەن، داليەننىڭ شەھەر نوپۇسىنى ئالماقچى بولغانلار بىر مىليون يۈەن خەجلىسە، شەھەر نوپۇسىغا ئۆتەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

نوپۇس تۈزۈمى مەسىلىسىدە خىتاي ئۆكتىچى زاتلار بىلەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ كۆز - قارىشىدا زور پەرقلەر مەۋجۈت. بەزى مۇتەخەسسىسىلەر نوپۇس تۈزۈمى بىكار قىلىنسا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىغا تېخىمۇ كۆپلەپ كۆچۈپ كىرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بەزىلەر نوپۇس تۈزۈمى بىكار قىلىنسا بۇ ئۇيغۇر ئىلىدىكى خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ دېڭىز بويىدىكى تەرەققى قىلغان رايونلارغا كۆچۈشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە. لېكىن تۇغلۇق ئەپەندى نوپۇس تۈزۈمى بىكار قىلىنسا بۇ ئۇيغۇرلارغا پايدىسىز، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ نوپۇس تۈزۈمىنى تەنقىد قىلغۇچىلار، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىتىنىڭ يۆلۈنۈشىگە قارىغاندا، كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نوپۇس تۈزۈمىنى قولاي ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى نوپۇس تۈزۈمى خىتاي ج خ ئورگانلىرىنىڭ يېزا ۋە شەھەر ئاھالىسىنى كونترول قىلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك قورالى بولۇپ، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تۈزۈمنى ئۆزگەرتسە پۇقرالارنى نازارەت قىلىشى قىيىنلىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.