ماقالىدە نۇقتىلىق ھالدا خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى مەدھىيىلەنگەن بولۇپ، ئاپتۇر خىتاينى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئارقىلىق دۇنيا ئېكولوگىيىسىگە زور تۆھپە قوشۇۋاتىدۇ دەپ مەدھىيلىگەن. ئۇ ماقالىسىدە ئىنسانىيەتنىڭ كىشىنى بىئارام قىلىدىغان بىر ھەقىقەت بىلەن قارشىلىشىۋاتقانلىقىنى، دۇنيا كېلىماتىنىڭ مەيلى ئىسسىپ كېتىشى ۋە ياكى سوۋۇپ كېتىشىنى بولسۇن، ھەممىسىنى دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئېشىپ كېتىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىغىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تۇغۇتنى ئىنتايىن قاتتىق كونترول قىلغان ئەھۋال ئاستىدا، دۇنيا بويىچە ھەر 4 كۈندە بىر مىليۇن بوۋاق تۇغۇلۇۋاتىدۇ، شۇڭا خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى دۇنيا ئېكولوگىيىسىنى ياخشىلاشتىكى ئۈلگىلىك سىياسەت دەپ قاراش كېرەك دېگەن ئىدىيەنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئاپتۇر دىئانە خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى مەدھىيىلىگەن بۇ ماقالىسىدە يەنە، بىر خەلقئارالىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، "ئەگەر ھازىر دۇنيا بويىچە خىتايدەك ھەر بىر ئائىلە بىر پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى يولغا قويۇلسا،2050 - يىلىغا بارغاندا دۇنيا نوپۇسى ھازىرقى 6.5 مىلياردلىق ئېشىش سۈرئىتىدىن تۆۋەنلەپ 5.5 مىلياردلىق سەۋىيەنى ساخلاپ قالغان بولاتتى. 2075 - يىلىغا بارغاندا بۇ خىل ئېشىش سەۋىيىسى 3.43 مىلياردقا چۈشكەن بولاتتى. ئەگەر بۇنداق بولغاندا دۇنيادىكى ئورمانلىقلار، ئۆسۈملۈكلەر، دېڭىز - ئوكيانلار ۋە ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى قوغداپ قېلىنىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتەرگىلى بولاتتى. ئەگەر بۇنىڭ ئەكسىچە بولغاندا يەنى دۇنيادا نوپۇس كونترول قىلىنمىغاندا 2050 - يىلىغا بارغاندا دۇنيا نوپۇسى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، 9 مىلياردقا يېتىشى مۇمكىن،" دەپ يازىدۇ.
بۇ ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. 3 كۈنگە يەتمىگەن ۋاقت ئىچىدە، دۆلەتلىك پوچتا گېزىتىگە بۇ ماقالىغا قارىتا يېزىلغان ئىنكاس خاراكتېرلىك ماقالىلەرنىڭ سانى 10 غا يەتتى. ئۇندىن باشقا بۇ گېزىتنىڭ بۇ ماقالە ھەققىدىكى پىكىر - ئىنكاسلار سەھىپىسىدىمۇ خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى دۇنيا ئېكولوگىيىسىنى تۈزەشتىكى بىردىن - بىر چارە دېيىشكە بولامدۇ دېگەن مۇنازىرىلەر داۋام قىلماقتا.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.