خىتاي، پاكىستاندىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارغا 200 مىڭ يۈەن 'ياردەم' بەرگەن

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، بىز ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدىكى بىر پراگرامىمىزدا، خىتاينىڭ چەتئەلدىكى بىر قىسىم مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنى زىيارەتكە تەكلىپ قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلى ۋە خىتاينى زىيارەت قىلدۇرغانلىقى ۋە ئۇلارغا ئۆزلىرى تۇۇىۋاتقان دۆلەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە خىتاي ئۈچۈن "ئىجابىي" تەشۋىقات قىلىشنى تاپشۇرغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەگەن ئىدۇق.

0:00 / 0:00

شۇنداقلا بۇ تاپشۇرۇققا بىنائەن پاكىستاندا ياشاۋاتقان سىيىت سۇلتانخان ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنىڭ گېلگىت گېزىتىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنى ماختاپ تەسىرات بايان قىلغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق.

مۇخبىرىمىزنىڭ داۋاملىق ئەھۋال ئىگىلىشى نەتىجىسىدە ،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىستاندىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارغا 200 مىڭ يۈەن پۇل بەرگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

خىتاينىڭ پاكىستاندىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارغا بەرگەن 200 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلىنىڭ سىرىنى بىلىش ئۈچۈن، پاكىستاندىكى "خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتى"نىڭ ئەزاسى ۋە 6 ‏- ئايدا ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن سىيىت سۇلتانخان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىسىنى سىلەرگە يەن سۇنىمىز.

بىز مەزكۇر 200 مىڭ يۈەننىڭ كىملەرگە بېرىلگەنلىكى ۋە نەگە ئىشلىتىلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن پاكىستاندىكى باشقا ئۇيغۇرلارنىمۇ زىيارەت قىلدۇق؛ زىيارەت داۋامىدا ئېرىشكەن جاۋابىمىز ئوخشاش. بۇ پروگراممىمىزدا، پاكىستاندىكى ئۈمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ ئەزاسى ئابدۇسەلىم ئەپەندىنىڭ جاۋابىنى سىلەرگە سۇندۇق.

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىرلىق ياردەم پۇلىنى تاپشۇرۇۋالغان پاكىستاندىكى "خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتى" گە ئەزا 3 كىشى نۆۋەتتە خىتايدا زىيارەتتە ئىكەن؛ ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ تەشكىلىي زىيارەت ياكى شەخسىي زىيارەت ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.