خىتايدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان پۇقرالار زوراۋانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، 5 ‏ - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارغا قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە ياندىشىپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى ئەۋج ئالماقتا. پۇقرالار زوراۋانلىق ھەرىكىتىدە خىتاي پۇقرالىرى ئۇيغۇرلارغا گاھىدا كوللىكتىپ، گاھىدا كىچىك گۇرۇپپا ھالىتىدە ھۇجۇم قىلماقتا.

0:00 / 0:00

ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 7‏ - ، 8 ‏ - ئىيۇل ۋە 3 ‏ - ، 4 ‏ - سېنتەبىر ۋەقەلىرىدىن باشقا، فوتوگرافچى قاينام جاپپارنى يارىلاندۇرۇش ۋەقەسى، ناخشىچى مىرزات ئالىمنىڭ سىرلىق ئۆلۈمى ۋە بۇ قېتىم شېنجىندا يۈز بەرگەن تۇرسۇن ئىسىملىك ئاشخانا كۈتكۈچىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى، دەل ئەشۇ پۇقرالار زوراۋانلىقىنىڭ ئاخباراتقا ئاشكارىلانغان مىساللىرىدۇر.

ئۇنداقتا پۇقرالار زوراۋانلىقىنىڭ ئەۋج ئېلىشىنىڭ سەۋەبلىرى نېمە، بۇ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ كەلگۈسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟ بۇ ھەقتە، شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىسى تۇرسۇنجان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

سوئال: سىزچە، شېنجىندىكى بۇ ۋەقە، قانداق بىر ۋەقە، يەنى بۇ بىر تاساددىپىي ۋەقەمۇ ياكى مەلۇم بىرخىل ۋەزىيەتنىڭ ئىنكاسىمۇ؟

جاۋاب: 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارغا قارىتا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كوللىكتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى ھەممىمىز خەۋەرلەردىن كۆردۇق. يەنە مۇنداق ھۇجۇملارنىڭ داۋاملىق يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمىز. مەن شېنجىندىكى قاتىللىق ۋەقەسىنى ئەنە شۇ پۇقرالار زوراۋانلىقىنىڭ بىر پارچىسى دەپ قارايمەن.

سوئال: سىزچە، بۇ پۇقرالار زوراۋانلىقى يېڭى بىر ھادىسىمۇ ياكى بۇرۇندىن يۈز بېرىپ كىلىۋاتقان، ئەمدى ئاشكارىلىنىۋاتقان ئەھۋالمۇ؟

جاۋاب: بۇ بۇرۇندىن بار بولغان، 5 - ئىيۇلدىن كېيىن ئەۋج ئالغان بىر ئەھۋال دەپ قارايمەن.

سوئال: سىزچە، بۇ خىل ئەۋج ئېلىپ كېتىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

جاۋاب: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ۋە چاقىرىقلىرى ئاساسلىق سەۋەب دەپ قارايمەن. چۈنكى ئۇيغۇرلارغا قارشى توختىمايۋاتقان ئۆلۈم جازالىرى خىتاي پۇقرالىرى ئىچىدىكى بىر قىسىم زوراۋان تەبىئەتلىك ( فاشىستتىك ئاڭ ۋە ھېسسىياتتىكى) كىشىلەرنى جاسارەتلەندۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە شياۋگۈەن ۋەقەسىدىكى قاتىللارنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە جازاغا تارتىلماسلىقى، 5 - ئىيۇل نامايىشچىلارغا ئوق چىقارغان ساقچى ‏ - ئەسكەرلەرنىڭ جازالانماسلىقى، ئۈرۈمچىدە ئىيۇل ۋە سېنتەبىر ئايلىرىدا ۋەقە سادىر قىلغان خىتايلارنىڭ يېتەرلىك جازالانماسلىقى، ئۇلارنىڭ جاسارىتىگە جاسارەت قوشۇۋاتىدۇ.

پۇقرالار ھۇجۇمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان يەنە بىر سەۋەب خىتاي ئاخباراتى. ئوقۇپ تۇرۇۋاتىمىز، خىتاي ئاخباراتى 5 - ئىيۇل ۋەقەسى ھەققىدە خەۋەر بېرىشتە تەرەپبازلىقنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ؛ بۈگۈنگە قەدەر 5 - ، 7 - ، 8 - ئىيۇل ۋەقەسىدە ھەم 3 - ، 4 - سېنتەبىر ۋەقەسىدە خىتاي كالتەكچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنى خەۋەرلەردە ھېچ كۆرسەتكىنى يوق؛ ئەكسىچە 5 - ئىيۇلدا ئۆلگەن ۋە يارىلانغان خىتاي پۇقرالىرىنى داۋاملىق خەۋەرلەردە كۆرسىتىۋاتىدۇ؛ مانا بۇ تەرەپباز ئاخبارات خىتاي خەلقىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئۆچمەنلىك تۇيغۇسىنى ئۇلغايتىۋاتىدۇ، ئۇلارنى ھۇجۇم قىلىشقا كۈشكۈرتىۋاتىدۇ.

سوئال: بايا سىز، بۇ، پۇقرالار زوراۋانلىقىنىڭ ئەۋج ئېلىشىدا باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى بىلەن بىللە، ھۆكۈمەت چاقىرىقلىرىنىڭمۇ رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئېيتتىڭىز. مىسال ئۈچۈن قايسى چاقىرىقلارنى تىلغا ئېلىشىڭىز مۇمكىن؟

جاۋاب: مەسىلەن ۋاڭ لېچۈەن، 5 - ئىيۇلنىڭ ئالدىدا 3 خىل كۈچلەرگە قارشى كۈرەش ھايات - ماماتلىق كۈرەش دەپ ئاتىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ گەپنى نېمە دەپ پەدەزلىسە ‏ - پەدەزلىسۇن، خىتاي خەلقىغە بېرىدىغان سىگنالى پەقەتلا بىر، ئۇ بولسىمۇ: ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن خىتاي مىللىتى بىر - بىرىگە دۇشمەن؛ بىرى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئۇچۇن يەنە بىرىنى يوقىتىش كېرەك دېگەندىن ئىبارەت. بىر جەمئىيەتتە ھۆكۈمەت بۇنداق رادىكال چاقىرىقنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن، خەلقنىڭ ئىچىدىن ئەلۋەتتە بۇ چاقىرىققا ئەگىشىدىغان ھەتتا ئاشۇرۇپ ئىجرا قىلىدىغانلار چىقىدۇ.

قىسقىسى، بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى، ئىجرائىتى، ئاخباراتى بولۇپ ھەممە ساھەسى، ئۇيغۇرلارنى خىتاي خەلقىغە دۆلەت دۈشمىنى قىلىپ كۆرسىتىۋاتىدۇ. خىتاي خەلقىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلسا جازالانمايدىغانلىقى ياكى ناھايىتى يەڭگىل جازالىنىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىۋاتىدۇ. مانا بۇ نۆۋەتتىكى پۇقرالار زوراۋانلىقىنىڭ تۈپ يىلتىزى.

سوئال: سىزچە بۇ پۇقرالار زوراۋانلىقى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟

جاۋاب: ئەسلىدە مەيلى ھۆكۈمەتنىڭ باستۇرۇشى بولسۇن، مەيلى پۇقرالارنىڭ زوراۋانلىقى بولسۇن، مەقسەت پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇش، روھىنى سۇندۇرۇش، بۇ ئارقىلىق باش كۆتۈرگۈزمەسلىك. ئەمما تارىخ ۋە رېئاللىق ئۇيغۇرلارنى زورلۇق يوللىرى بىلەن بويسۇندۇرۇشنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى تەكرار - تەكرار ئىسپاتلىدى. ھازىر داۋام قىلىۋاتقان پۇقرالار زوراۋانلىقىمۇ، كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى بىللە ياشاۋاتقان مىللەتنىڭ تەبىئىتىنى، ئۆزىنى باشقۇرۇۋاتقان ھاكىمىيەتنىڭ خاراكتېرىنى تولۇق ۋە بالدۇر تونۇپ يېتىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. ھەر قانداق بىر تەھدىت يوشۇرۇن ھالەتتە تۇرغىنىدىن ئاشكارا ھالەتكە ئۆتكىنى تەھدىتكە ئۇچرىغۇچى ئۇچۇن پايدىلىق. ھېچ بولمىدى دېگەندە ھۇشيارلىقىنى ئۆستۈرۈشكە، ئۆزىنى قۇتقۇزۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرى ئۈستىدە بالدۇرراق ئىزدىنىشكە پايدىلىق.

سوئال: بايا سىز، تارىخ ۋە رېئاللىق، ئۇيغۇرلارنى زوراۋانلىق بىلەن بويسۇندۇرۇشنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى ئىسپاتلىدى دېدىڭىز، مۇشۇ نۇقتىنى يەنە بىر ئاز تەپسىلىيرەك چۈشەندۈرسىڭىز.

جاۋاب: ئەگەر ئۇرۇپ - سوقۇش بىلەن، جازالاش بىلەن ئۇيغۇرلارنى بويسۇندۇرۇش مۇمكىن بولغان بولسا، خىتاينىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىن، بۇ مىللەت باش كۆتۈرەلمىگەن بولاتتى. ئەگەر بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش بىلەن بۇ مىللەتنى قارشىلىق كۆرسىتىشتىن توسۇپ قالالايدىغان ئىش بولسا، ئولىمپىك مەزگىلىدە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇيغۇرلاردا ۋەقە چىقمىغان بولاتتى. ئەمما كۆردۇقكى، نەتىجە ئۇنداق بولمىدى، پاكىتلارنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. خىتاي سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادىسىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، شىۋىتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىسى تۇرسۇنجان ئەپەندى بىلەن بۇ ھەقتە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.