خىتاي دۆلىتى پۇقرالىرىنىڭ ھىجرەتلىرىدىن راھەتسىزلەنمەكتە

دۇبەينىڭ " ئەل جەزىرە" تېلېۋىزىيە قانىلى 2008 - يىلى 21 - ئاپرىل كۈنى "خىتاي دۆلىتى پۇقرالىرىنىڭ ھىجرەتلىرىدىن راھەتسىزلەنمەكتە " دېگەن تېمىدا خىتايلار توغرۇلۇق مەخسۇس پروگرامما سۇنغان.

0:00 / 0:00

پروگرامما ئىشتىراكچىلىرىدىن سۈرىيىلىك دوكتور ھەسسان ئابدۇسەمەت مۇنداق دېدى:" خىتاينىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دۆلىتى چەتئەللەرگە چىققان ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قايتىپ كەلمەستىن، بارغان دۆلەتلىرىدە پاناھلىق تەلەپ قىلىپ قېلىپ قالغان. ھەتتا 80 - يىللىرىدىن باشلاپ چەتئەللەرگە ئوقۇش ئۈچۈن چىقىپ كەتكەن خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى خىتايغا قايتىپ بارمىغان. بۇ خىتاي تارىخىدا مۇندىن بۇرۇن كۆرۈلمىگەن ۋە خىتاي دۆلىتىگە نىسبەتەن ئەڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋال ھېسابلىنىدىكەن".

چەتئەللەردىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى ئۆز دۆلىتىگە قايتمىغان

دوكتور ھەسسان ئابدۇسەمەت يەنە مۇنداق دېدى :"بېيجىڭ ئىلمىي تەتقىقات ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، چەتئەللەردىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنىڭ ئۆز دۆلىتىگە قايتمىغانلىقى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ رەقەم ئىكەن. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي دۆلىتىنىڭ تەجرىبە ئىگىلىرىگە زور ئېھتىياجى بولغان بىر ۋاقىتتا، ھۆكۈمەتنىڭ خىراجىتى بىلەن چەتئەللەرگە چىقىپ ئېلىم تەھسىل قىلغان خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىگە قايتمىغانلىقى خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن چوڭ بىر قولدىن بېرىش ھېسابلىنىدىكەن. چۈنكى چەتئەللەردە قېلىپ قالغانلارنىڭ كۆپىنچىسى يۇقىرى مەلۇماتلىق ئىختىساس ئىگىلىرى ئىكەن. يەنە خىتاي مەنبەلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، 2002 - يىلدىن بۇيان 100 مىڭدىن كۆپرەك خىتاي ئوقۇغۇچى چەتئەللەرگە ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن چىقىپ كېتىپ 20 مىڭدىن ئازراقىدىن باشقىسى خىتاي دۆلىتىگە قايتمىغان. شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەردىكى مۇھاجىرلارنى ئۆز دۆلىتىگە قايتىشقا قاتتىق تەشەببۇس قىلماقتا ئىكەن".

خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەردىكى پۇقرالىرىنى ئۆز دۆلىتىگە قايتىشقا تەشەببۇس قىلماقتا

پروگراممىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئاخبارات مەنبەلىرى چەتئەللەردىكى پۇقرالىرىنى ئۆز ۋەتىنىگە قايتىشقا تەشەببۇس قىلىشتا مۇنداق دېگەن:" چەتئەللەردىن قايتىپ كەلمىگەن ياكى قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ ئۆز دۆلىتىدە ئۆزلىرىنىڭ سەۋىيىسىگە لايىق ھالدا مۇناسىپ ئىش تاپالمىغانلىقىنى باھانە قىلىپ قايتا چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىپ بارغان دۆلەتلىرىدە تۇرۇپ قالغانلار ئەگەر ئانا ۋەتەنگە قايتىپ كەلسە ئۇلار تولۇق ئىش بىلەن تەمىنلىنىدۇ. ئەھۋال بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ" ئەمما چەتئەللەردىكى خىتاي پۇقرالىرى، بولۇپمۇ خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى خىتاي دۆلىتىنىڭ بۇ تەشەببۇسىغا قۇلاق سالامدۇ؟ ئۇلارنىڭ ۋەدىلىرىگە ئىشىنەمدۇ؟ بۇ تەرىپى مەلۇم ئەمەس. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ھازىر 150 دىن كۆپرەك دۆلەتتە 35 مىليون خىتاي پۇقراسى ياشايدىكەن.