خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ماقۇللىشىغا سۇنۇلغان خىتاي «جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنى» نىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈش نۇسخىسىغا پىكىر بېرىش ۋاقىت قەرەلى 30-سېنتەبىر كۈنى تولىدۇ.
قانۇن تەكلىپ لايىھىسىگە پىكىر بېرىش ۋاقىت قەرەلى توشۇش ھارپىسىدا، خىتاي تور بەتلىرىدىكى مەزكۇر قانۇنغا مۇناسىۋەتلىك مۇنازىرە ۋە تالاش-تارتىشلار كۈچىيىشكە باشلىدى. بەزى ئۆكتىچىلەر تور بېتى ۋە چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە سۆھبەت ئېلان قىلىپ، قۇرۇلتاي ئەزالىرىدىن مەزكۇر قانۇن تەكلىپ لايىھىسىنى رەت قىلىشنى تەلەپ قىلسا، يەنە بەزى ئۆكتىچىلەر خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىغا مەكتۇپ يېزىپ، مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكنى ئىلگىرىلەپ بوغۇشقا يول ئاچىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
تۈنۈگۈن، مەشھۇر سەنئەتچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئەي ۋېيۋېينىڭ ئايالى لۇ چىڭ خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىغا مەكتۇپ يېزىپ، «جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنى» نىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسىدىكى بەزى ماددىلارنىڭ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدا ج خ ئورگانلىرىنىڭ ھوقۇقى كېڭەيتىلىپ، پۇقرالارنىڭ ئاساسى كىشىلىك ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
بۈگۈن يەنە بىر مەشھۇر پائالىيەتچى، ياۋروپا ساخاروپ كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى خۇ جيا، چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە سۆھبەت ئېلان قىلىپ، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ئەزالىرىنى مەزكۇر قانۇن تەكلىپ لايىھىسىنى رەت قىلىشقا چاقىردى. ئۇ، مەزكۇر قانۇن تەكلىپ لايىھىسىنىڭ خىتاي ج خ ئورگانلىرىنى «ك گ ب لاشتۇرىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.
ئۆكتىچىلەر، مەزكۇر ماددىلاردا ج خ ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىغا تۇتقۇنلارنى ئۆزى خالىغان ۋاقىت ۋە خالىغان يەردە مەخپىي تۇتۇپ تۇرۇش، بۇ جەرياندا ھېچكىمگە خەۋەر بەرمەسلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلىكىنى تەنقىد قىلماقتا. ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر قانۇن تەكلىپ لايىھىسىنىڭ ئۇلارنى ئەڭ كۆپ ئەندىشىگە سېلىۋاتقان ئەجەللىك ماددىسى ئۇنىڭ 30، 36 ۋە 39-ماددىلىرىدۇر. بۇ ماددىلار خىتاي ج خ ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە خىلاپ بەزى قىلمىشلىرىنى قانۇنلاشتۇرىدۇ، خالاس. ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىنى مەركەز قىلغان «جۇڭگو دېموكراتىيە ھەرىكىتى تەتقىقات مەركىزى» نىڭ مەسئۇلى چېن مىڭ بۇ خىل قاراشتىكى خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ «مېنىڭچە، مەزكۇر قانۇن تەكلىپ لايىھىسىنىڭ باشقا ماددىلىرى رەڭۋازلىقتىن ئىبارەت خالاس. ئۇنىڭ ھەقىقىي مۇددىئاسى قانۇن لايىھىسىنىڭ 36-ۋە 39-ماددىلىرىدا. قالغان ماددىلار 36-ۋە 39-ماددىلارنى پەدەزلەش رولىنى ئوينايدۇ........بۇ ئۇنىڭ قانۇن قىلمىشلىرىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ ھەرىكەتلىرىنى قانۇنلاشتۇرىدۇ. يەنى بۇ كىشىلىك ھوقۇققا قارشى قىلمىشلىرىغا قانۇن ئاساس ھازىرلاپ، غەربنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەنقىدىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشتۇر. يەنى نۆۋەتتىكى جۇڭگودا ئۇلغىيىۋاتقان قارشىلىق ۋە ھوقۇق قوغداش ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىش، ئۇنى كونترول قىلىش، بۇ يولدىكى قىلمىشىنى قانۇنلاشتۇرۇشتۇر» دەپ كۆرسەتتى.
لۇ چىڭ خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىغا يوللىغان مەكتۇبىدا قانۇن تەكلىپ لايىھىسىدىكى 30، 36 ۋە 39-ماددىلارنى قانۇن لايىھىسىدىن چىقىرىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلىپ، بىر مەدىنى دۆلەتنىڭ چوقۇم كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئەگەر بۇ قانۇن لايىھىسى ماقۇللانسا جۇڭگونىڭ قانۇن تۈزۈم تەرەققىياتىنى ئارقىغا چېكىندۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى، كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ناچارلاشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ مەدىنى تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىراق كۆزەتكۈچىلەر، مەزكۇر قانۇن تەكلىپ لايىھىسىدىكى يۇقىرىقى ماددىلاردا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك دېلولاردا ج خ ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىغا تۇتقۇنلارنى 6 ئايغا قەدەر مەخپىي تۇتۇپ تۇرۇش ھوقۇقى بېرىلگەنلىكىنى، بۇ جەرياندا ئادۋوكاتنىڭ تۇتقۇنلار بىلەن كۆرۈشۈشى مەنئى قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ماددىلارنىڭ ئۆكتىچىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
نيۇيوركتىكى «جۇڭگو خەلق ھەرىكىتى تەتقىقات مەركىزى» نىڭ مەسئۇلى چېن مىڭ مەزكۇر قانۇن تەكلىپ لايىھىسى ماقۇللانسا، بۇنىڭ ئەڭ ئېغىر سەلبىي تەسىرىگە ئۇچرايدىغان خەلقنىڭ ئۇيغۇرلار بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىدە چوقۇم جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ. بۇ نۇقتىدىن بولسىمۇ، مەزكۇر قانۇن تەكلىپ لايىھىسىنى ناھايىتى ئاسانلا ماقۇللىشى مۇمكىن. مەزكۇر قانۇن ماقۇللانسا، ئەلۋەتتە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش، قولغا ئېلىش، سولاش، نەزەربەند قىلىش قىلمىشىنى ئىلگىرىلەپ قانۇنلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمەت مەزكۇر قانۇنغا تايىنىپ، ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئىلگىرىلەپ دەپسەندە قىلىدىغان قىلمىشلارنى ئېلىپ بارالايدۇ.»
بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ما شاۋپىڭنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي قانۇنىدىكى ئادۋوكاتلارنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك، تېررورلۇق ۋە ئېغىر خىيانەتچىلىككە مۇناسىۋەتلىك دىلولاردىكى رولىغا دائىر بەلگىلىمىلەر بىلەن، بۇ ھەقتىكى خەلقئارا بەلگىلىمىلەر ئارىسىدا زور پەرق مەۋجۇت بولۇپ، بۇ پەرق مەزكۇر قانۇن تەكلىپ لايىھىسىدە تۈزىتىلمىگەن. ما شاۋپىڭ، رادىئومىزغا بەرگەن مەزكۇر قانۇن توغرىسىدىكى پىكرىدە ئەسكەرتىپ، يېڭى قانۇن تەكلىپ لايىھىسىدە ئادۋوكاتلارنىڭ ھوقۇقىغا دائىر ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوقلۇقىنى، ئۇلار دۆلەت بىخەتەرلىك، تېررورلۇق ۋە ئېغىر خىيانەتچىلىككە مۇناسىۋەتلىك دېلولاردا تۇتقۇنلار بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن يەنىلا رازۋېدكا ئورگانلىرىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى «جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنى» نىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە دائىر مەزكۇر نۇسخىسىنى بۇ يىل 8-ئاينىڭ 24-كۈنى تور بېتىدە ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ پىكىر بېرىشىگە سۇنغان. بىراق نيۇيورتىكى «جۇڭگو دېموكراتىيە ھەرىكىتى تەتقىقات مەركىزى» نىڭ مەسئۇلى چېن مىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ جەمئىيەت پىكرىگە قۇلاق سېلىپ، مەزكۇر قانۇن تەكلىپ لايىھىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزىدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ «جۇڭگو خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھوقۇقى ئاساسەن جۇڭگو كومپارتىيە ھاكىمىيىتىگە ماسلىشىشنى چىقىش قىلغان. شۇڭا ئۇنىڭ قوغداش ئوبيېكتى جۇڭگو كومپارتىيە ھاكىمىيىتىدۇر. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئومۇمى گەۋدىسى ۋە ھوقۇق يۈرگۈزۈش فونكىسىيىسىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ كومپارتىيە مەنپەئىتى بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇ پەقەت بىر كۆرگەزمە خالاس. ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى ئاستىدا خەلقتىن بەزى پىكىرلەرنى سورىغان بولسىمۇ، بىراق مەن ئۇنىڭ بۇ پىكىرلەرنى قوبۇل قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشىغا گۇمان بىلەن قارايمەن» دەپ كۆرسەتتى.