خىتاي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىجرا قىلىنىشى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈزلۈكسىز ھالدا، خىتاي قانۇنىدا پۇقرالارنىڭ نورمال دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى تەكىتلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما پۇقرالارنىڭ پاش قىلىشىچە خىتايدا خىتاي قانۇنىدا بەلگىلىگەن، پۇقرالارنىڭ نورمال دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت ئەمەسلىكى ھەققىدىكى ماقالىلەر بارغانچە كۆپەيمەكتە.

0:00 / 0:00

19 - نويابىر كۈنى يېڭى دەۋر تور بېكىتىدە، دۇ گۇاڭ ئەپەندىنىڭ

" قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرىدىمۇ چەكلىنىۋاتقان دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى" Opens in new window ]

تېمىسىدىكى ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە خىتاي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئاتالمىش " دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى" نىڭ ئەمەلىيەتتە ھېچقاچان ئىجرا قىلىنمايدىغانلىقى نۇرغۇن ئەمەلىي پاكىتلار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئاپتور ماقالىسىنى، " خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ 36 - ماددىسىدا بەلگىلىنىشىچە: 'خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرىنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى بار. ھەر قانداق ئىدارە ئورگان، ئىجتىمائىي تەشكىلات ياكى شەخسلەرنىڭ پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلەش، كەمسىتىش ھوقۇقى يوق. پۇقرالارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ياكى قىلماسلىق ئەركىنلىكى ئۆز ئىختىيارىدا بولىدۇ. دۆلەت نورمال دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغدايدۇ' دەپ بەلگىلەنگەن ئىدى. ئەمما بۇ قانۇن رېئال ئەمەلىيەتتە ھېچقاچان ئىجرا قىلىنمىدى. 'دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى' پەقەت قەغەز يۈزىدىلا بار قۇرۇق شوئار، ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق بىر پۇقرا ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولالمىدى،" دېگەن جۈملىلەر بىلەن باشلايدۇ.

دۇ گۇاڭ ئەپەندى ماقالىسىدە خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ نورمال دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاساسلىقى خىتايدىكى تەخمىنەن يۈز مىليون ئەتراپىدىكى خرىستيان دىنىي مۇرىتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا، مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن ھەر خىل بېسىم ۋە چەكلىمىلەرگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى، ھەتتا ئۇلارنىڭ نورمال پائالىيەتلىرىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تەقىب ئاستىغا ئېلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ تۈرلۈك باھانە - سەۋەبلەر بىلەن جازالىنىۋاتقانلىقى، پەقەت بۇ يىل 11 - ئاي كىرگەندىن بۇيان، خىتاينىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىدە 10 مىڭدىن ئارتۇق خرىستيان مۇرىتلىرىنىڭ نورمال پائالىيەتلىرى تەقىب ئاستىغا ئېلىنغانلىقى قاتارلىق ۋەقەلەرنى مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق، خىتاي قانۇنىدا دېيىلىۋاتقان دىنىي ئەركىنلىكنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي دۆلىتىدە ھېچقاچان ئىجرا قىلىنىپ باقمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

"بېيجىڭ باھارى" ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى خىتاي قانۇنلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: "خىتايدا قانۇندا بەلگىلەنگەن ماددىلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىجرا قىلىنىشىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ. ئەگەر خىتاي ئۆز قانۇنىدا بەلگىلىگەن قانۇنىي ماددىلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئۇنى ئەمەلىيىتىدە ئىجرا قىلىدىغان ھۆكۈمەت بولسا ئىدى، تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى بەلگىلىگەن ئاپتونومىيە قانۇنى ۋە دىنىي قانۇنلىرىغا ھۆرمەت قىلغان ھەم ئۇنىڭ بىر قىسمىنى بولسىمۇ ئىجرا قىلغان بولاتتى. لېكىن ھازىر بۇ رايونلاردا قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىجرا قىلىنىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس."

ھەقىقەتەنمۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە تىبەت قاتارلىق جايلاردا خىتاي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن " دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى " يولغا قويۇلمايلا قالماستىن، بەلكى پۇقرالارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي بولغان دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىمۇ تەقىب ئاستىغا ئېلىنىپ، بۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن كىشىلەر جازالانغان ئىدى. بۇ يىل 6 - ئاي مەزگىلىدە ئىستانسىمىز ئۇيغۇر بۆلۈمىگە تېلېفون ئارقىلىق ئۇچۇر يەتكۈزگەن بىر ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ پەقەت جۈمە نامىزىغا بارغانلىقى ئۈچۈنلا دەرس ئۆتۈشتىن توختىتىلغانلىقىنى دېگەن ئىدى.

ئىستانسىمىز ئۇيغۇر بۆلۈمىگە 5 - ئاي مەزگىلىدە ئۇچۇر يەتكۈزگەن يەنە بىرەيلەن، مەھەللىسىدىكى مەلۇم بىر مەكتەپ مۇدىرىنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ شۇ ئەتراپتىكى مەسچىتكە جۈمە نامىزىغا كىرگەن ھۆكۈمەت كادىرلىرىنى تىزىملاش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، مەكتەپ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى، بۇ مۇدىرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقتىنمۇ ئىستىپا بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئېلىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەققىدە ئۆز مەھەللىسىدىكى ئەھۋاللارنى بايان قىلغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئېلشات ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلىۋاتقان دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ پەقەت قەغەز يۈزىدىكى قانۇن ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھېچقاچان ئىجرا قىلىنمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىر ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ خىتايدا داۋاملىق تۈرلۈك چەكلىمىلەرگە ئۇچراپ، دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ھەر خىل باھانىلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈزلۈكسىز ھالدا، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەم دىنىي ئەركىنلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئىدى.