خىتاينىڭ، شەرقى تۈركىستان `تېررورچىلىرى' تىزىملىكى ھەققىدە تەھلىل

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئىككىنچى تۈركۈمدە تېررورچى دەپ ئەيىبلىگەن شەرقى تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

0:00 / 0:00

ئەنقەرە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىسى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدە، ئۇ، خەلقئارا كېلىشىم ۋە قانۇنلاردا ئۆز ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان كىشىلەرنىڭ تېررورچى ھېسابلانمايدىغانلىقى ھەققىدە بەلگىلىمىلەر بارلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆلۈم جازاسى، قىيىن - قىستاق ۋە بېسىم بار دۆلەتلەرگە جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇش خەلقئارا كېلىشىملەردە مەنىي قىلىنغانلىقىنىمۇ ئېيتقان ئىدى.

ئۇنداقتا خىتاينىڭ ئىككىنچى تۈركۈمدىكى شەرقى تۈركىستان تېررورچى گۇماندارلىرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلىشىدىكى مەقسىتى نېمە؟ بۇنداق قىلىش ئارقىلىق خىتاي مەقسىتىگە يېتەلەمدۇ؟ بۇ قارارنىڭ نېمە ئۈنۈمى بولار؟ بىرىنچى قېتىم ئېلان قىلىنغان تىزىملىكنىڭ نېمە ئۈنۈمى بولدى؟ بۇ 8 كىشى ياشاۋاتقان دۆلەتلەر بۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرەرمۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن مىكروفونىمىزنى بۇ ھەقتە ئىزدىنىۋاتقان مۇتەخەسسىس ۋە پائالىيەتچىلەرگە ئۇزاتتۇق.