خىتاي قاراقچىلىرى ئېلىپ قېچىپ قويۇۋەتكەن 8 ياشلىق ئۇيغۇر بالىنىڭ روھىي ھالىتى ئائىلىسىنى ئەندىشىگە سالماقتا

خىتاينىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ داليەن شەھىرىدە تىجارەت قىلىۋاتقان نۇرۇنگۈل توختىنىڭ 8 ياشلىق ئوغلىنى خىتاي قاراقچىلىرى بۇلتۇر 7-ئاينىڭ 28-كۈنى ئويناۋاتقان يېرىدىن ئېلىپ قېچىپ كەتكەن.

0:00 / 0:00

نۇرۇنگۈل توختى بۇ يىل 35 ياش، ئۇ 10 يىلنىڭ ئالدىدا يۇرتى ئۇچتۇرپاندىن تىرىكچىلىك ئۈچۈن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يېتىپ كەلگەن ۋە بىر يىلدىن كېيىن بىر ئۇيغۇر يىگىتى بىلەن توي قىلىپ بىر پەرزەنتلىك بولغان. بالا تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي بالىنىڭ دادىسى ۋاپات بولغان. نۇرۇنگۈل توختى شۇنىڭدىن كېيىن، خىتاينىڭ خاربىن، شىجياجۇاڭ، داليەن قاتارلىق شەھەرلىرىدە كىشمىش قاتارلىق مېۋە-چېۋە تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرمۇشىنى قامداشقا باشلىغان. ياقا يۇرتتا كۈن كەچۈرۈش ۋە بالا تەربىيىلەش نۇرۇنگۈلنى ھەر جەھەتتىن چېنىقتۇرغان. ھەر كۈنى 100-200 كىلولۇق مېۋە قاچىلانغان ھارۋىنى سۆرەپ يۈرۈش، بازار باشقۇرۇش خادىملىرى كەلگەندە ھارۋىنى سۆرەپ قېچىش ئۇنىڭ ئۈچۈن جاپالىق تۇيۇلمايدىغان بولۇپ قالغان. بازار باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ قوپاللىقلىرىدىن باشقا قارا جەمئىيەتلەرنىڭ زوراۋانلىقلىرىدىنمۇ قورقمايدىغان بولغان.

قاراقچىلار نۇرۇنگۆلنىڭ ئوغلىنى ئېلىپ قېچىش نىيىتىدىن يانمىغان. بالا بىر كۈنى غايىب بولغان؛ نۇرۇنگۈل بالىنى ئېلىپ قاچقان قاراقچىنىڭ كىملىكىنى پەرەز قىلىپ قارىسىغىلا تېلېفون قىلغان ۋە بالىنى دەرھال قويۇۋەتمىسە ئۆزىنىڭمۇ قارشى ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قاراقچى ئاخىرى بالىنى قويۇۋېتىشكە مەجبۇر بولغان. بالا ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە، دەسلەپتە بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى ئانىسىدىن يوشۇرغان، ئارىدىن ھەپتىلەر ئۆتكەندىن كېيىن ھەقىقىي ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان.

ۋەقە يۈز بەرگىنىگە بىر يىل بولغان بولسىمۇ، بالىنىڭ روھ ھالىتىدە ئوڭشىلىش بولمىغان. دوختۇرلار بالىنىڭ زىيادە قورقۇپ كەتكەنلىكىنى، روھ ھالىتىنىڭ يەنە 1 ياكى 2 يىلدا ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما نۇرۇنگۇل بۇ دىئاگنوزدىن قانائەت قىلالمىغان. نۇرۇنگۇلنىڭ بايان قىلىشىچە، ۋەقەدىن بىر يىل بۇرۇن ئۈرۈمچىدە 5-ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، داليەندىكى بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرى بۇ جايدا تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئۈچ ئېلىش خاراكتېرىدە تىل-ھاقارەت ۋە تاياق-توقماقلار بىلەن ھۇجۇم قىلغان. نۇرۇنگۈلنىڭ پەرىزىچە، ئۇنىڭ ئوغلىمۇ بۇ قېتىم ئېپقېچىلغاندا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرىدە جىسمانىي زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن.

يۇقىرىدا نۇرۇنگۈل توختىنىڭ 8 ياشلىق ئوغلىنىڭ خىتاي قاراقچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ قېچىلىش ۋەقەسى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.