خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى قەغەز ئەجدىھارمۇ؟

«ۋولت سترېت» گېزىتىدە 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئېلان قىلىنغان «خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى قەغەز ئەجدىھارمۇ؟» سەرلەۋھىلىك ئوبزوردا، بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئوخشاش تېمىدىكى ماقالىلەرگە ئوخشىمايدىغان كۆز قاراش بار. بۇ ھەقتىكى يېڭى ئۇچۇرلارنى تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ۋەلى ئاڭلىتىدۇ.

0:00 / 0:00


«ۋولت سترېت» گېزىتى 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ھەرخىل شىركەتلەرنىڭ ئىقتىدارىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىس مايكول ئاۋستىننىڭ «خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى قەغەز ئەجدىھارمۇ؟» سەرلەۋھىلىك ئوبزورىنى ئېلان قىلدى.

تەتقىقاتچى مايكول ئاۋستىن ئوبزورىنى مۇنداق دەپ باشلايدۇ: خىتاي بىلەن فىلىپپىن ۋە ۋېيتنام ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان تېررىتورىيە ماجىراسى ھازىر كۈندىن - كۈنگە جىددىيلىشىۋاتىدۇ. خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان بۇ جىددىيلىكنى ھازىر ھەربىي قىسىملىرىنى ئىشقا سېلىپ ھەل قىلىش ئېھتىمالى چوڭ. ئەمما خىتاي رەھبەرلىرى، خىتاينىڭ تېررىتورىيە ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى يوققا چىقىرىۋاتقان ئارال مەسىلىسىدە دەرھال ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشتىن باشقا، مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئامېرىكىغا، جەنۇبىي دېڭىزغا يېقىن يولۇماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرەلىگۈدەك ئىشەنچىسى بارمۇ؟ بۇ، ھازىرقى مۇھىم نوقتا.

خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى قەغەز ئەجدىھارمۇ؟ دېگەن سوئالغا «ئەللىكتە - ئەللىك» دەپ جاۋاب بېرىمەن، - دەيدۇ مۇتەخەسسىس مايكول ئاستىن. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىن باشلاپ ناھايىتى تېز سۈرئەت بىلەن تەرەققى قىلىشقا باشلىدى. ئۇ ۋاقىتتا، خىتاينىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى 50 - يىللاردىكى سەۋىيىدە تۇراتتى، ھاۋا، دېڭىز ئارمىيىلىرى ئىنتايىن قالاق ئىدى. مانا ھازىر خىتاي دۇنيا بۇيىچە ئىككىنچى چوڭ ئارمىيىگە ئىگە دۆلەت بولۇپ قالدى. بۇ، ئادەمنى ھەيران قالدۇرارلىق ئۆزگىرىش.

تەتقىقاتچى مايكول ئاۋستىننىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ھازىر 70 دانە سۇ ئاستى پاراخوتى، بىر ئاۋىئاماتكىسى بار. خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ دېڭىز قىسىملىرى ھازىر ئافرىقىدەك يېراق جايلاردا دېڭىز قاراقچىلىرىغا قارشى ھەرىكەت قىلالايدۇ، شەرقى دېڭىز ۋە جەنۇبىي دېڭىزلاردىمۇ چارلاش پاراخوتلىرى بار. خىتاينىڭ ھاۋا ئارمىيسىمۇ 4 - ئەۋلاد ئۇرۇشچى ئايروپىلانى قوللىنىدىغان بولدى. ھازىر خىتاينىڭ يەنە، ئۆزى «ئامېرىكىنىڭ ئاۋىئاماتلىرىغا تەھدىت سالالايدۇ» دەۋاتقان F - 21 بەلگىلىك پاراخوتلاردا قوللىنىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىمۇ بار. خىتاي ھازىر دەرھال بىر قۇدرەتلىك دېڭىز ئارمىيىسى قۇرماقچى.

ئەمما، دۇنيا ھازىر خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى سان جەھەتتىن ئەمەس، بەلكى ساپا جەھەتتىن ھېسابلاپ، خىتاي ھەربىي قىسىملىرىنىڭ «چۆچۈتۈش كۈچى»گە ئىگە ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ، خىتاينىڭ ھازىر مەخسۇس كەسىپلەشكەن مۇنتىزىم ھەربىي قىسىملىرى يوق. ھازىر خىتاي ئۆزىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىنى قىلماقچى بولغان ئىشىغا قاراپ سەپلەيدۇ. خىتاي قىسىملىرىدا كېچىدە جەڭ قىلىش مەشقى بەك ئاز. خىتاينىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىغا چىقىپ كۆزىتىشكە رۇخسەت قىلىنغان كىشىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىدا، زەربىگە ئۇچرىغاندا ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان سېستىما يوق، بۇنداق پاراخوتلارنىڭ ئۇرۇشتا ئۆزىنى ساقلاپ قالالىشى مۇمكىن ئەمەس، بەلكى ئاسانلا بېت - چىت بولۇپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاينىڭ ھازىر، ئۆزىنىڭ قىرغاقلىرىدىن يېراق جايلارغا بېرىپ ئۇرۇش قىلسا ئارقا سەپ تەمىنات لېنىيىسى يوق.

تەتقىقاتچى مايكول ئاۋستىننىڭ قارىشىچە، دۇنيا ھازىر خىتاينىڭ قورال - ياراق سانى ۋە ئۇنى كونترول قىلىش سېستىمىسىدىنمۇ گۇمانلىدۇ. خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى ئۇرۇش باشلانغاندىلا ئوقلىرى يېتىشمەي قېلىشى مۇمكىن. ئەسكەرلىرىنىڭ روھى ھالىتى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ، ئۇلار پەقەت بۇيرۇققا بوي سۇنۇشقىلا ئادەتلەنگەن، ئەمما ئۆزىدە ئىجادكارلىق بىلەن ۋەزىپە ئورۇنلايدىغان ئىقتىدار يوق.

تەتقىقاتچى مايكول ئاۋستىننىڭ قارىشىچە، خىتاي ھەربىي كۈچ جەھەتتە، گەرچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياكى مەڭگۈ ئامېرىكا بىلەن تەڭلىشەلمىسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ سىياسىي مەقسەت - مۇددىئالىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، ھازىرقى ئەھۋالدا يەنىلا رايون خاراكتېرلىك زومىگەر بولۇۋېلىش ئۈچۈن تەۋەككۇل قىلىش ئېھتىمالى يوق ئەمەس.

مايكول ئاۋستىننىڭ بۇ كۆز قارىشى خىتاي ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى. بۇ ئوبزور خىتايچىغا تەرجىمە قىلىنغاندا، ساختىپەزلىككە ئۇچراشتىنمۇ خالى بولالمىدى. بۇ ئوبزور 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى «ۋولت ستېرت» گېزىتىنىڭ خىتايچە بېتىدە تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان ئىدى، ھەتتا ئەسلى نۇسخىسىغا ئەڭ سادىق تەرجىمە قىلىپ بېسىلغان بۇ نۇسخىدىمۇ، خىتاي تەرجىمان ئاپتورنىڭ «خىتاي ھەربىي كۈچ جەھەتتە، گەرچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياكى مەڭگۈ ئامېرىكا بىلەن تەڭلىشەلمىسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ سىياسىي مەقسەت - مۇددىئالىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، ھازىر ئەھۋالدا يەنىلا رايون خاراكتېرلىك زومىگەر بولۇش ئۈچۈن تەۋەككۇل قىلىش ئېھتىمالى يوق ئەمەس» دېگەن كۆز قارىشنى، خىتاي ھازىر رايون خاراكتېرلىك زومىگەر بولۇش ئىقتىدارىغا ئىگە دەپ ئۆزگەرتتى ۋە مۇشۇ نوقتىنىلا گەۋدىلەندۇردى.