بۇ يىل ياۋرۇپادا گرېتسىيىدىن باشلانغان قەرز كرىزىسىنىڭ ئىتالىيىگە يېيىلىشى، ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادى ۋە قەرز كرىزىسىغا پېتىپ قېلىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، ئىقتىسادى گۈللىنىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ دېيىلىۋاتقان خىتاينىڭ ياردىمىگە تايىنىپ بۇ قىيىنچىلىقلاردىن چىقىپ كېتىشنى ئۈمىد قىلغان ئىدى. بىراق چەتئەل مەتبۇئاتلىرى يېقىندا خىتاي پۇل - مۇئامىلە ساھەسىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر خەۋپ - خەتەرگە دۈچ كېلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلىشتى.
خىتاي دائىرىلىرى 2009 - يىلى يولغا قويغان ئىقتىسادنى رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنىڭ ئاقىۋىتىدە خىتايدا كۈلەڭگە بانكىلارنىڭ كۆپلەپ بارلىققا كېلىشى بىلەن دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بانكىلار ئېغىر دەرىجىدە قەرز پاتقىقىغا پېتىپ قالغان. تېخىمۇ خەتەرلىك بولغىنى، ئامانەت قويغۇچىلارنىڭ پۈتكۈل بانكا سېستىمىسىغا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ تۈۋەنلىشى بىلەن مەبلەغنىڭ چەت ئەللەرگە يۆتكىلىشى ئەۋج ئالغان.
«ۋال سترېت كوچىسى» گېزىتىنىڭ خەلقئارالىق دەرىجە باھالاش ئورگىنىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەھلىلچىسى جۇ شياليەننىڭ تەتقىقات دوكلاتىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 2008 - يىلنىڭ ئاخىرىدا يۈز بەرگەن يەر شارى خاراكتېرلىك پۇل - مۇئامىلە كرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە، ھۆكۈمەت بىۋاستە چىقىم قىلماستىن، بانكىلارنىڭ قەرز بېرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن كەڭرى كرېدىت بېرىش بەدىلىگە ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىدىن ساقلىنىش، يەنە بىر تەرەپتىن مال باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىنى توسۇپ قېلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان. ئەمما، بۇ تەدبىرلەر كۈلەڭگە بانكىلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنى پەيدا قىلغان.
ئاتالمىش كۈلەڭگە بانكىلار ئادەتتە پۇل - مۇئامىلە فونكىسىيىسى بولمىغان، ئەمما كەڭرى كرېدىت ئېلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ دۆلەت بانكىلىرىدىن ئالغان تۈۋەن ئۆسۈملۈك قەرزنى يۇقىرى ئۆسۈم بىلەن ئوتتۇرا - كىچىك كارخانىلارغا تارقىتىش ئارقىلىق ھارام بېيىشنى كۆزلىگەن دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى مونوپول كارخانىلارنى كۆرسىتىدۇ. كۈلەڭگە بانكىلارنىڭ ھەرىكىتى كرېدىت بېرىش شەكلىنى يېڭىلاپ تۇرۇشتا ئىپادىلىنىدۇ. قەرز بېرىش قىزغىنلىقىدىن پايدىلىنىپ نەپكە ئېرىشىشنى كۆزلىگەن خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بانكىلىرى بولسا، كاپىتالنى كونترول قىلىۋىلىش، يۇقىرى نىسبەتتىكى ئامانەت ھەمدە ئاشكارا بولمىغان خىزمەت مىخانىزىمى قاتارلىق ئەۋزەللىكلەردىن پايدىلىنىپ، يۈز مىليونلىغان ئامانەت قويغۇچىلارنىڭ قان - تەرى بەدىلىگە كەلگەن مەبلەغ بىلەن بۇ كۈلەڭگە بانكا سېستىمىسىنى بەرپا قىلغان دېيىشكە بولىدۇ.
«گېرمانىيە ئاۋازى»رادىئوسىنىڭ «دۇنيا گېزىتى»دىن نەقىل ئىلىپ بىلدۈرۈشىچە، كۈلەڭگە بانكىلارنىڭ يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرزنى قايتۇرالماسلىق سەۋەبىدىن بۇ يىل 9 - ئايدىلا خىتايدا 40تىن ئارتۇق كارخانا خۇجايىنى «غايىپ» بولۇشقا مەجبۇر بولغان. بۇ خىلدىكى يەر ئاستى بانكىلار پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان بولۇپ،يالغۇز ۋېنجۇ شەھىرىدىلا ئۇلار تارقاتقان كرېدىت سوممىسى 120 مىليارد يۈەن (تەخمىنەن 13 مىليارد600 مىليون ياۋرۇ) بولغان. خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ تارقاتقان مەلۇماتىغا قارىغاندا، نۆۋەتتە كارخانىلارنىڭ ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئومۇمى قەرزى 10 تىرليون 700 مىليارد يۈەنگە (تەخمىنەن بىر تىرليون 200مىليارد ياۋرۇغا) يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 40%نىڭ قايتۇرۇش مۇددىتى يىل ئاخىرىدا توشىدىكەن. بىر نەچچە يىلدىن بۇيان يەرلىك ھۆكۈمەتلەر پۇقرالارنىڭ يەر - زېمىن، ئۆي - جايلىرىنى مەجبۇرىي تارتىۋىلىپ ھايانكەش يەر - زېمىن سودىگەرلىرىگە سېتىش ئارقىلىق بانكىلارنىڭ قەرزىنى تۆلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلانغان ئۆي - مۈلۈك بازىرىنىڭ ۋەيران بولۇشقا يۈزلىنىشى ھەمدە يەرلەرنىڭ سېتىلماي قېلىشى بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەتلەر كىرىمنىڭ 60% دىن ئايرىلىپ قالغان.
نۆۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى بانكىلارنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆزلىرى تۈزگەن «خامچوت قانۇنى»غا خىلاپ ھالدا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا يەرلىك زايۇم تارقىتىش ئارقىلىق بانكىلارنىڭ قەرزىدىن قۇتۇلۇشىغا رۇخسەت قىلغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 18 - نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا،خىتايدىكى ئەڭ باي رايونلار دەپ تەرىپلىنىدىغان شاڭخەي، شىنجېن شەھەرلىرى ھەمدە گۋاڭدۇڭ، جېجياڭ ئۆلكىلىرى دەسلەپكى قەدەمدە ئۆز ئالدىغا يەرلىك زايۇم تارقىتىش ھوقوقىغا ئېرىشكەن. شاڭخەي شەھىرى 15 - نويابىردىن باشلاپ 7مىليارد يۈز مىليون يۈەنلىك، گۋاڭدۇڭ ئۆلكىسى بولسا، 6 مىليارد 9يۈز مىليون يۈەنلىك زايۇم تارقىتىش ھەرىكىتىنى باشلىغان.
ئىقتسادشۇناس لاڭ شيەنپىڭنىڭ قارىشىچە، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا يەرلىك زايۇم تارقىتىشى يېڭى قەرز ئارقىلىق كونا قەرزىنى تۆلەش بولۇپ، بۇ خىتايدىكى قەرز كرىزىسىنىڭ يىغىشتۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدىكەن،
تەھلىلچىلەر كۈلەڭگە بانكىلار سېستىمىسىنىڭ يىمىرىلىشى، دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى بانكىلارنىڭ قەرز پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشى سەۋەبىدىن ئامانەت قويغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشى ھەمدە ئۆي - مۈلۈك بازىرىنىڭ ۋەيران بولۇشىغا ئەگىشىپ، خىتاينىڭ ئومۇميۈزلۈك سىياسى داۋالغۇشلار قاينىمىغا كىرىپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا.
0:00 / 0:00