مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى قەشقەردىكى مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى تەنقىد قىلدى

خىتاي 2001 ‏ - يىلى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ساھىبخانلىقىنى تالاشقاندا مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى قويۇۋېتىشكە ۋەدە بەرگەن، لېكىن مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا تەشكىلاتلار خىتاينى ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ئاز قالغانلىقىغا قارىماي، مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى قويۇۋېتىش ھەققىدىكى ۋەدىسىدە تۇرمىدى، دەپ ئەيىبلىمەكتە ئىدى.

0:00 / 0:00

خىتاي چارشەنبە كۈنى بۇ مەسىلىدە يەنە ئەيىبلەندى. بۇ قېتىم خىتاي ئولىمپىك مەشئىلىنى قەشقەردە يەتكۈزۈش پائالىيىتىدە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ھەرىكەت ئەركىنلىكىنى چەكلەش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.

چارشەنبە كۈنى بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى قەشقەردە يەتكۈزۈش پائالىيىتىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ناھايىتى قاتتىقلىقى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان. لېكىن بۇ مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان بىردىن - بىر مەسىلە ئەمەس ئىدى. خەلقئارا مەتبۇئاتلار بىخەتەرلىكنى قوغداش نامىدىكى بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئولىمپىك مەشئىلى ئۆتىدىغان كوچىلارنىڭ قاتنىشىنى توختىتىش، دۇكانلارنى تاقاش، ئاۋام پۇقرالارنى تالاغا چىقماي ئۆيىدە ئولتۇرۇش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقى، بۇ چەكلىمىلەر يەنە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئەركىن ھەرىكەت قىلىشىنى چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

" ئۇلار مۇخبىرلارنىڭ كوچىدىكى پۇقرالار بىلەن پاراڭلىشىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن "

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يەرلىك دائىرىلەر قەشقەردىكى پائالىيەتنى كۆزىتىشكە بارغان چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ يالغۇز ھەرىكەت قىلىش، پۇقرالار بىلەن پاراڭلىشىش، ئۇلارنى زىيارەت قىلىشىنى چەكلىگەن.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتايدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئولىمپىك مەشئىلىنى خەلقئارادا يەتكۈزۈش پائالىيىتىدىكى كۆڭۈلسىزلىكلەر تۈپەيلى چەتئەللىكلەرنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى پائالىيەتكە قاتنىشىشىنى مەمنۇنىيەت بىلەن قارشى ئالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ مەمنۇنىيەتنى ئۇيغۇر ئېلىدە كۆرۈشكە نېسىپ بولمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. يەرلىك دائىرىلەر ئەسلى چەتئەللىك مۇخبىرلارغا ئولىمپىك مەشئىلى قەشقەردە يەتكۈزۈلگەندە ئۇلارنىڭ پۇقرالار بىلەن سۆزلىشىشىگە يول قويىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.

لېكىن دائىرىلەر سەيشەنبە كۈنى يەنى مەشئەلنى يەتكۈزۈش پائالىيىتى باشلىنىشنىڭ ھارپا كۈنى مۇخبىرلارنىڭ كوچىدىكى پۇقرالار بىلەن پاراڭلىشىشقا بولمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش ۋە يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش بىلەن چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2008 ‏ - يىلى 1 ‏ - ئاينىڭ 1 - كۈنى يولغا قويغان "جۇڭگودىكى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئاخبارات پائالىيىتى قائىدىسى"دە مۇخبىرلارنىڭ خالىغان كىشىنى، خالىغان يەردە زىيارەت قىلالايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن ئىدى.

" ئۇلار بۇ مۇسابىقىدە ھەر قانداق بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلارنى باستۇرۇشقا تەييار تۇرۇۋاتىدۇ "

مەركىزى نيۇ يوركتىكى مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى شۇ كۈنى قەشقەردىكى ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىدە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقىنى تەنقىدلىدى. مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى كوردىناتورى باب دېتس مۇخبىرىمىزغا بەرگەن باياناتىدا " بۇ ۋەقە بىزنى ئەپسۇسلاندۇردى. بۇ خىتاينىڭ 2001 ‏ - يىلى ئولىمپىك ساھىبخانلىقىنى تالاشقاندا بەرگەن مەتبۇئات ئەركىنلىكى توغرىسىدىكى ۋەدىسىگە قانچىلىك رىئايە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ " دەپ كۆرسەتتى.

ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا 6 - 7 ھەپتىلىك ۋاقىت قالغان بۈگۈنكى كۈندە ئولىمپىك مەشئىلى يەتكۈزىلىدىغان جايلارغا كىرىش چەكلىنىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن باب دىتس، "خىتاي ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 2001 ‏ - يىلى بېرىلگەن ۋەدىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرالماسلىقى مېنى ئەندىشىگە سېلىۋاتىدۇ " دەيدۇ.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، بىر ئەمەلدارنىڭ چەتئەللىك مۇخبىرلارغا قەشقەردە ئەركىن ھەرىكەت قىلىش چەكلىمىسى قويۇلغانلىقىنى ئاقلاپ، " بۇ سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارغا قولايلىق يارىتىش" دېگەنلىكىنى، ساقچى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ مۇخبىرلارنى نازارەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتىدىكى باب دىتس، خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكى ياخشىلىنىش ئەمەس، بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئارقىغا چېكىنىش ئەھۋالى بارلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ،" بىز خىتاينىڭ ئەركىن مەتبۇئاتنى بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ھۆكۈمەت بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى ھېچقانداق ۋەقە سادىر قىلماي ئۆتكۈزۈشكە بەل باغلىماقتا. ئۇلار بۇ مۇسابىقىدە ئۆزلىرى چىقارغان ھەر قانداق بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلارنى باستۇرۇشقا تەييار تۇرۇۋاتىدۇ ".

" بۇ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى خاتىرجەمسىزلىكىنى نامايەن قىلىدۇ "

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە رايوندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى چەتئەللىك مۇخبىرلارغا بىر قوللانما تارقاتقان بولۇپ، قوللانمىدا مۇخبىرلارنى"تاسادىپى ۋەقەلەر" يۈز بەرسە خەۋەر قىلىشقا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، خەۋەر قىلغۇچىلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىدە پەۋقۇلئاددە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يولغا قويغانلىقى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى خاتىرجەمسىزلىكىنى نامايەن قىلىدۇ، دەپ ئانالىز قىلىشماقتا. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خوڭكوڭدىكى مۇتەخەسسىس نىكولاس بېكيۇلىن بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا " بىخەتەرلىك جەھەتتىكى تەدبىرلەرنىڭ پەۋقۇلئاددە چىڭلىقى بىزگە بېيجىڭنىڭ يەرلىك خەلقنىڭ نەزىرىدىكى قانۇنى سالاھىيىتىدىن خاتىرجەم ئەمەسلىكىنى كۆرسەتمەكتە " دەيدۇ. قەشقەر شەھىرىنىڭ بىر پۇقراسى بۇ ھەقتىكى سۇئاللىرىمىزغا ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن جاۋاب بەردى.

مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتىدىكى باب دېيتس، خىتاي 2001 ‏ - يىلى مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى قويۇۋېتىش ۋەدىسى بەرگەن يىللاردا خىتايغا جاڭ زېمىن يېتەكچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى، كىشىلەر خۇ جىنتاۋ رەھبەرلىك قىلسا مەتبۇئات ئەركىنلىشىدۇ، دەپ ئويلىغانلىقىنى، لېكىن خۇ جىنتاۋ دەۋرىدە مەتبۇئات ئەركىنلىكىنىڭ ئارقىغا چېكىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.