قەشقەر خەلقى خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن ۋە رابىيە قادىر باشلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن ئۈمىد كۈتمەكتە
خىتاينىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشىدا ، ھازىر قەشقەرگە سىرتتىن كېلىۋاتقان ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ كۆپلۈكى ۋە مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكى جەمئىيەتتە جىنايەت سادىر قىلىشنى كۆپەيتىۋاتقانلىقىنى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ رايوندا شىركەتلەر كەينى - كەينىدىن تاقىلىپ كېتىپ ئىشسىزلىق ئېشىۋاتقانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ قانۇن ئېڭى تۆۋەن بولغانلىقى ئۈچۈن ئىقتىسادىي ئالدامچىلىق كۆپىيىپ، جەمئىيەتتە كۆپ كىشىلىك ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قايسى تارماقلار تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزۈدىغان يوشۇرۇن ئامىللارغا قاتتىق زەربە بېرىشى كېرەك، دەپ كۆرسىتىلگەن.
قەشقەر خەلقى زېمىنلىرىنىڭ خىتايلارغا سېتىپ بېرىلىۋاتقانلىقىدىن قايغۇرماقتا
دۇنيا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ باش تەپتىشى ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىمى ئۆزى ئىگىلىگەن ئەھۋاللارغا ئاساسەن، قەشقەر خەلقنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلىرىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، قەشقەر خەلقى ئۆز ئانا تۇپرىقىدا ياشاش ھوقۇقى بولمىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ زېمىنلىرى خىتايلاردىن كىم خالىسا شۇنىڭغا سېتىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ ھازىر غەم - قايغۇدا قالغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن غەزەپلىنىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىقات جېڭى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ
ھازىر شىۋېتسىيىدە تۇرۇشلۇق ھاجى ئابدۇرىشىت كېرىمىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ غەزىپىنى بېسىش ئۈچۈن مەسچىتلەرنى، كوممۇنىستپەرەسلەرنى، كونا ئەمەلدارلارنى ئىشقا سېلىپ، كۈندە يىغىن ئېچىپ، مەسچىتلەردىمۇ تەشۋىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىغا خەلق نارازى بولماقتا.
قەشقەر خەلقى خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن ۋە رابىيە قادىر باشلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن ئۈمىد كۈتمەكتە
ھاجى ئابدۇرىشىت كېرىمىنىڭ بايان قىلىشىچە، قەشقەر خەلقى ھازىر خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن ۋە رابىيە قادىر باشلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن ئۈمىد كۈتمەكتە.