'خىتاي، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداشنىڭ ئورنىغا، ئۇنى يەر بىلەن يەكسان قىلماقچى'

2003 - يىلىدىن بۇيان خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى چىقىپ ئاھالە كۆچۈرۈش ھەرىكىتى، بۇ يىلدىن باشلاپ تېخىمۇ كېڭەيتىلگەن بولۇپ، نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن بىر پارچە ماقالىدە خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە قەدىمىي قەشقەر ئاساسەن چېقىلىپ بولىدىكەن.

0:00 / 0:00

29 - ماي نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىدە بېرىلگەن "

خىتاي قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداشنىڭ ئورنىغا، ئۇنى يەر بىلەن يەكسان قىلماقچىOpens in new window ]

" ناملىق ماقالىدە ئاپتور مايكىل ۋاينىس، قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنىگە جايلاشقان، تارىختا نەچچە چۆكۈپ ۋە نەچچە قايتا گۈللەنگەن بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ يەنە ۋەيران بولۇش گىردابىدا تۇرغانلىقىنى بايان قىلىنغان.

ماقالىدە تارىخچى ۋە ئارخىتېكتور جورج مىچېلنىڭ " قەدىمىي يىپەك يولىدىكى بوستانلىق شەھەر قەشقەر" ناملىق كىتابىدىكى قەشقەر " ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىكىگە قارىغاندا ئەڭ ياخشى ساقلىنىپ قالغان ئىسلامچە ئەنئەنىۋى شەھەرلەرنىڭ ئەڭ تىپىك ئۈلگىسى" دېگەن قۇرلار نەقىل قىلىنغان ۋە " شەھەر ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە ئۇلار بۇ شەھەرنىڭ گۈزەللىكىگە تەسىر كۆرسىتىپ تۇرغان 85 پىرسەنت يېرىنى چاقىدىكەن" دېيىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ قەدىمىي قەشقەر رايونىنى چېقىپ يۆتكەشتە كۆرسەتكەن بىردىن ‏ - بىر باھانىسى كونا كېسەك ئۆيلەرنى چېقىپ يۆتكەپ " يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ئالدىنقى ئېلىش" بولۇپ، گېرمانىيىدە ياشايدىغان سىياسىي پائالىيەتچى شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى كۈرەش ئاتاخان مەزكۇر باھانىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ماقۇللۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى يۈزە چارىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەزكۇر ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، كالىفورنىيىلىك ئىنگلىز تىلى تەلەپپۇز مۇتەخەسسىسى ۋە رئىد ئىنستىتۇتىدا دىنشۇناسلىق بويىچە باكالاۋىرلىق ئۇنۋانى ئالغان

مىرىئام ج ۋۇد خانىم ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباماغا مەكتۇپ يوللاپOpens in new window ]

، پرېزىدېنت ئوبامانى قەدىمىي قەشقەرنى قوغداپ قېلىشتا تەدبىر قوللىنىشقا دەۋەت قىلغان ۋە گەرچە خىتاي كۆپ مىقداردىكى ئامېرىكا دۆلەت زايومىنى سېتىۋالغان دۆلەت بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ مەزكۇر سالاھىيىتى، بىزنى پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئائىلىسىگە، بىز ھەممىمىزگە تەۋە بولغان مەدەنىي مىراسلارنىڭ چېقىلىشقا قارشى پىكرى بايان قىلىشتىن توسۇپ قالماسلىقى كېرەك" دەپ خىتاب قىلغان.

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ چېقىلىشىغا، بىر قىسىم خىتاي زىيالىيلارمۇ قارشى پىكىر بايان قىلغان بولۇپ، ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭغا جايلاشقان ئاممىۋى تەشكىلات مەدەنىي مىراسلارنى قوغداش مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ۋۇ لى" مەدەنىي ۋە تارىخى نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، ئۇلارنىڭ مەزكۇر پىلانى ئىنتايىن ئەخمىقانە بولۇپ، يەرلىك خەلقنىڭ نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا بۇ ۋەھشىيانە ھەرىكەت" دەپ كۆرسەتكەن.

قەدىمىي قەشقەرنىڭ چېقىلىشىغا نىسبەتەن ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان سىياسىي پائالىيەتچى كۈرەش ئاتاخان، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ چېقىلىشى بىلەن ئۇنىڭغا يانداشقان بىر ئىدېئولوگىيىنىڭ ۋەيرانچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.