"قىرغىزىستاندىكى ۋەقەلەر ۋە خىتاينىڭ پوزىتسىيىسى"

قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن ئېتنىك توقۇنۇشنىڭ سەۋەبلىرى ۋە تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشلىرى ھەققىدە تۈرلۈك مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىندى. ئېتنىك توقۇنۇشنىڭ كىمگە پايدا، كىمگە زىيان ئېلىپ كەلگەنلىكىنىڭ ھېسابى قىلىندى. كۆزەتكۈچىلەر بىردەك قىرغىزىستاندىكى بۇ توقۇنۇشنىڭ رۇسىيىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنداقتا ئوتتۇرا ئاسىياغا تەسىرىنى كۈندىن - كۈنگە ئاشۇرۇۋاتقان خىتاينىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋەقەلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسى نېمە بولدى، ئۇلار بۇ توقۇنۇشتىن نېمە پايدا كۆردى. بۇ ھەقتە تۈركىيە خەلقئارا ئىسىتراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى بىر پارچە مۇلاھىزە ئېلان قىلغان.

0:00 / 0:00

تۈركىيە خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى جىھان ئۇھۇر ئېلان قىلغان " قىرغىزىستاندىكى ۋەقەلەر ۋە خىتاينىڭ پوزىتسىيىسى" ناملىق مۇلاھىزىدە قىرغىزىستاندىكى ۋەقەلەرنىڭ ئامېرىكا ۋە رۇسىيىنىڭ مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغىنىدەك، رايوندىكى يەنە بىر كۈچ بولغان خىتاي ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ، خىتاينىڭ ئۆزىنى "تىنچلىقپەرۋەر" دۆلەت دەپ، باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى "تىنچلىقپەرۋەر"لىك ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق "خىتاي تەھدىتى" دەيدىغان ئۇقۇمنى يوقىتىشقا تىرىشىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما ئۇ يەنە، خىتاينىڭ مۇشۇ تىنچلىقپەرۋەر دەيدىغان سۆز ئارقىسىدا باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئىقتىسادىي، مەدەنىي مۇناسىۋەتلەر قۇرۇش ئارقىلىق بۇ دۆلەتلەرگە سىياسىي جەھەتتىنمۇ ئاستا - ئاستا تەسىرىنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، بۇنى خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مەسىلە ياراتقان دارفۇر، بېرما، سىرىلانكا مەسىلىلىرىدىن ئوچۇق ھالدا كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

ئاپتور مۇلاھىزىسىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ : - - خىتاينىڭ داۋاملىق ھالدا " تىنچلىقپەرۋەر" دېگەن سۆزنى تەكرارلىشىنىڭ ئارقىسىدا، ئۇنىڭ نازۇك ئىچكى سىياسىتىدىكى مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەر تۈرلۈك مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشتەك مەقسەتلىرى ياتماقتا.

90 - يىللاردا مۇستەقىللىقىگە ئېرىشكەن، ئېنىرگىيە مەنبەسى ۋە جۇغراپىيىلىك ئورنى جەھەتتىن ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى خىتاينىڭ چېگرا خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

تەتقىقاتچى جىھان ئۇھۇر ئەپەندى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دەل مۇشۇ سەۋەبتىن قۇرۇلغانلىقىنى، قىرغىزىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا مۇھىم بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ قىرغىزىستاندىكى ۋەقەلەرنىڭ خىتاي ئۈچۈن نېمىشقا مۇھىملىقىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ :

«قىرغىزىستان بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەزاسى. خىتاي ئۆزىنىڭ چېگرا خەۋپسىزلىكى ۋە ئاتالمىش " بۆلگۈنچىلىك" پائالىيەتلىرىنى كونترول ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن قۇرغان بۇ تەشكىلاتنىڭ مەقسىتىنىڭ ئىشقا ئېشىشى ئۈچۈن قىرغىزىستاننىڭ ئەھمىيىتى چوڭ. خىتايدىكى 11 مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋەقەلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقى، بولۇپمۇ بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا تەسىر كۆرسەتمەسلىكى ئۈچۈن قىرغىزىستاننىڭ مۇقىم بولۇشى خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى، خىتاينىڭ غەربىي قىسىملىرىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىزلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئاز سانلىقلار مەسىلىسىدە ئەندىشە ئىچىدە تۇرۇۋاتقان خىتاي ئۈچۈن بىر تەھدىت.»

قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى ۋە قىرغىزىستاندىكى ۋەقەلەرنىڭ بۇ ئۇيغۇرلار ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىغا تۇتىشىش خەۋپى خىتاي ئىنتايىن دىققەت قىلىدىغان بىر مەسىلە.

تەتقىقاتچى جىھان ئۇھۇر ماقالىسىدە، قىرغىزىستاندىكى ۋەقەلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىدىن سىرت يەنە، قىرغىزىستاندا ھەر قېتىم ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىۋاتقان ھۆكۈمەتنىڭ قانداق بىر سىياسەتكە مايىل ھۆكۈمەت ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ سىياسەتلىرىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مەنپەئەتىگە ماسلىشىدىغان ياكى ماسلاشمايدىغانلىقى، بۇ ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئىچىدە ياشاۋاتقان قىرغىزلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئۇلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىغا قانچىلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىمۇ خىتاي دىققەت قىلىدىغان يەنە بىر مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئەمما، ئۇ يەنە ھازىرغىچە بۇنى قىلغىدەك بىرەر ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلىتىنىڭ چىقىپ باقمىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

مۇلاھىزىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى ئېنىرگىيە تىجارىتى خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا مەيلى ئىقتىسادىي، مەيلى سىياسىي جەھەتتىن بولسۇن، بۇ رايونلارنىڭ مۇقىملىقى خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. تەتقىقاتچى جىھان ئۇھۇر خىتاي بۇندىن بىر قانچە ئاي ئاۋۋال رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن تۈركمەنىستاننىڭ گازىنى خىتايغا يۆتكەيدىغان تۇرۇبا لىنىيىسىنى خىتاينىڭ نېمىشقا ئۆزىگە بەكرەك يېقىن بولغان قىرغىزىستان ئۈستىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان ئارقىلىق يۆتكىگەنلىكى سەۋەبى ئۈستىدە توختىلىپ " بۇنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى، خىتاي قىرغىزىستاندا مۇشۇنداق بىر ۋەقە يۈز بېرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى بۇرۇنلا بىلىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن" دەيدۇ.

بۇ قېتىم قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە نىسبەتەن كىشىلەر تۈرلۈك مۇلاھىزىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. ئەمما كۆزەتكۈچىلەر بىردەك، قىرغىزىستاندىكى بۇ ۋەقەلەرنىڭ رۇسىيىنىڭ رايوندىكى تەسىرىنى ئاشۇرغانلىقى، يەنى رۇسىيىگە پايدىلىق بىر ھەرىكەت بولغانلىقىدەك بىر كۆز قاراشتا ئورتاقلاشماقتا. جىھان ئۇھۇر مۇلاھىزىسىدە خىتاي ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، رۇسىيە بىلەن خىتاينى دوست دەپ قاراشقا بولمىسىمۇ، ئەمما ھازىرچە قىرغىزىستاندا ئامېرىكاپەرەست بولغان ۋە داۋاملىق مەيدان ئۆزگەرتىپ تۇرىدىغان بىر ھۆكۈمەت بولغاندىن، رۇسپەرەست ۋە ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ھەربىي بازىسىنى تاقاش تەرەپدارى بولغان بىر ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشىنى بەكرەك ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: " مانا بۇ جەھەتتىن قارىغاندا قىرغىزىستاندىكى ۋەقەلەر ئىچكى ھەم تاشقى سىياسەت جەھەتتىن قارىغاندا خىتاينىڭ ئىشىغا يارىدى" دەپ بايان قىلىدۇ.

ئۇ مۇلاھىزىسىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ھەر قانداق بىر مۇقىمسىزلىقنىڭ ئۆزىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ۋە رايوندا ئامېرىكىنىڭ تەسىر كۈچى ئاشقاندىن كۆرە، رۇسىيىنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ ئېشىپ بېرىشىدىن بەكرەك مەمنۇن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.