خىتاي بىر تۈركۈم زىيالىيلارغا ماقالە زاكاز قىلىپ، كۆپ پارتىيە تۈزۈمىنى تەنقىد قىلدۇرماقتا
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.02.17
2009.02.17
ماقالىدە كۆپ پارتىيە تۈزۈمىنىڭ جەمئىيەتتە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىدىغانلىقى، سايلامدا ئۇتۇپ چىققان پارتىيىنىڭ ئاز ساندىكى بىر گۇرۇپپىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقى، شۇڭا خىتاينىڭ بىر پارتىيە تۈزۈمىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.
ئاپتور ماقالىسىدە كۆپ پارتىيە تۈزۈمىنى غەرب مەھسۇلاتى دەپ تەرىپلىگەن ھەم غەربنىڭ، كۆپ پارتىيە تۈزۈمىنى بىر قىسىم تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە تېڭىش ئارقىلىق ئۇ دۆلەتلەردە مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ماقالىدە، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ئالتۇن دەۋردە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈۋاتقانلىقىنى، بۇ مەزگىلدە خىتاينىڭ، مۇقىملىققا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن بىر پارتىيە تۈزۈمىنىڭ خىتاي ئۈچۈن ۋاز كېچىلمەس تۈزۈم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
بۈگۈن ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى خىتايدىكى بىر قىسىم زىيالىيلارنى زىيارەت قىلىپ مەزكۇر ماقالىگە قارىتا پىكىر ئىگىلىگەن. بېيجىڭدىكى بىر قانۇن مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ ئادۋوكاتى Liu Xiaoyuan مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، فاڭنىڭ ماقالىسىنىڭ مەزمۇن جەھەتتىن زىددىيەتلىك بىر ماقالە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرنىڭ جۇڭگودا نۆۋەتتە يولغا قويۇلۇۋاتقان بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم سىياسىتىگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: " ئەگەر جۇڭگوغا كۆپ پارتىيە تۈزۈمى ئۇيغۇن كەلمەيدۇ دېگەن پىكىرنى توغرا دەپ قارىساق، ئۇ چاغدا، تەيۋەننى جۇڭگونىڭ بىر قىسمى ئەمەس، دېيىشكە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى تەيۋەندە كۆپ پارتىيە تۈزۈمى يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقى بۇزۇلمايۋاتىدۇ. ئۇ چاغدا يەنە خوڭكوڭ ۋە ئاۋمىننىمۇ جۇڭگو ئەمەس دېيىشكە توغرا كېلىدۇ."
Liu Xiaoyuan سۆزىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ: كومپارتىيە ھەقىقەتنى سىناشنىڭ بىردىن - بىر ئۆلچىمى ھەقىقەت دەپ قارايدۇ، ئۇنداق ئىكەن، كۆپ پارتىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ باقماي تۇرۇپ، ئۇنى جۇڭگوغا زىيانلىق دەپ تەنقىد قىلىش، كومپارتىيە ئۈچۈن ئۆز پەلسەپىسىنى ئىنكار قىلىش دېمەكتۇر.
بېيجىڭدىكى سىياسىي پەنلەر مۇتەخەسسىسى Liu junning، خىتايدا نۆۋەتتە، ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنىڭ چىگىشلەشكەنلىكىنى، بۇ زىددىيەتنىڭ يىلتىزى تېخى يولغا قويۇلمىغان كۆپ پارتىيە تۈزۈمىدە ئەمەس، نۆۋەتتە يولغا قويۇلۇۋاتقان مەۋجۇت تۈزۈمدە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا تېخى يولغا قويۇلمىغان بىر تۈزۈمنى تەنقىد قىلىشنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىگە زىت ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.
ئۇ سۆزىدە يەنە، جەمئىيەتنىڭ زىددىيەتتىن تامامەن خالىي بولالمايدىغانلىقىنى، تۈزۈملەرنىڭ مانا بۇ زىددىيەتلەرنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشتە رول ئوينايدىغانلىقىنى، بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان تۈزۈمنىڭ دېموكراتىك تۈزۈم ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ۋە مۇنداق دېگەن: " دۇنيانى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز، جەمئىيەتتىكى توقۇنۇشلارنى ئەڭ ياخشى بىر تەرەپ قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، كۆپ پارتىيە تۈزۈمىدىكى دۆلەتلەردۇر. جەمئىيەتتە قالايمىقانچىلىق، ئاچارچىلىق پەيدا قىلغان تۈزۈم غەرب تەشەببۇس قىلىۋاتقان كۆپ پارتىيە تۈزۈمى ئەمەس، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ۋە جۇڭگو تەشەببۇس قىلغان كوممۇنىستىك تۈزۈمدۇر. بۇ پاكىتقا كۆز يۇمۇش مۇمكىن ئەمەس، ئۇنى ئۇنتۇشمۇ مۇمكىن ئەمەس."
بېيجىڭ سانائەت تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، Hu xingdou خىتايدا، كۆپ پارتىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنىڭ ۋاقىت جەھەتتىن بالدۇر ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇ دېگەنلىك كۆپ پارتىيە تۈزۈمى يارىماس تۈزۈم دېگەنلىك ئەمەسلىكىنى، يەنى مەسىلىنىڭ كۆپ پارتىيە تۈزۈمىدە ئەمەس، خىتاي جەمئىيىتىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە بۇ تۈزۈمگە تېخى ھازىر بولالمىغانلىقىدا ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇ خىتاينىڭ كۆپ پارتىيە تۈزۈمىگە قاراپ مېڭىشىنىڭ قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان يول ئىكەنلىكىنى، مەسىلە ۋاقىت مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
يۇقىرىدىكى بايانلار خىتاي ئىچىدىكى بىر قىسىم زىيالىيلارنىڭ قاراشلىرىدۇر.
غەرب كۆزەتكۈچىلىرى بولسا، دېموكراتىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنىڭ دۇنيادا نۆۋەتتە تالاش - تارتىش قىلىنمايدىغان دەرىجىدە توغرا تېپىلغانلىقىنى، خىتاي كومپارتىيىسى پەقەت ھوقۇقتىن ۋاز كېچەلمىگەنلىكى ئۈچۈنلا، بىر تۈركۈم زىيالىيلارغا ماقالە زاكاز قىلىپ، كۆپ پارتىيە تۈزۈمىگە قارشى جامائەت پىكرى بىلدۈرمەكتە.