خىتايدا ھازىر «پۈتۈن خەلق قوزغىلىپ ئۆزىمىزنى قۇتقۇزايلى» دېگەن شوئار چىقتى

سىچۈەندىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى تىنچىتىلغان بولسىمۇ، يەرلىك گۇاڭدۇڭلۇقلار قوزغىلىپ بۇ ئىشلەمچىلەر بىلەن سۈركىلىش پەيدا قىلغان.

0:00 / 0:00

خوڭكوڭدا چىقىدىغان مىڭباۋ گېزىتىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، گۇاڭجۇ شەھىرىدىكى شىنتاڭ بازىرىدا يۈز بەرگەن سىچۈەنلىك ئىشلەمچىلەرنىڭ قوزغىلاڭلىرىدىن كېيىن، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر مەھەللىدىكى گۇاڭدۇڭلۇقنى قوزغىلىپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ يۇرت-ماكانىنى قوغداشقا چاقىردى. 18 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان ھەممە ئەر پۇقرانى تۆمۈر كالتەك ۋە پولات كاسكا بىلەن قوراللاندۇردى. سىچۈەنلىكلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنى، يەرلىك خەلقنى قايمۇقتۇرۇۋاتىدۇ، دەپ نارازىلىق بىلدۈرۈشكە باشلىدى. بۇنىڭغا قارىتا خىتاينىڭ 2 مىڭدىن ئارتۇق قوراللىق ئەسكىرى شىنتاڭ بازىرىدا، تۈنۈگۈن سەھەردىن باشلاپ بىر كىلومېتىرلىق سەپ تارتىپ چارلاش ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، 6‏-ئاينىڭ 12‏-كۈنى بىر نەچچە ئونمىڭ سىچۈەنلىك گۇاڭجۇدىكى 107‏-نومۇرلۇق دۆلەت تاش يولىغا چىقىپ، ماي توشۇغۇچى ئاپتوموبىلدىن ئون نەچچىنى بىراقلا كۆيدۈرگەن. يولدا قاتناش توسۇلۇپ قالغان. بۇ ۋەقەنى كۆرگىلى يۈز مىڭلىغان ئادەم كەلگەن. ساقچىلار نەق مەيدانغا كىرەلمىگەن.

تاش يولدا ۋەقە چىقارغان كىشىلەر گۇاڭجۇ شەھىرىدىكى شىنتاڭ بازىرىغا قايتقاندىن كېيىن، بۇ بازاردا قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەن. قالايمىقانچىلىق ئىچىدە قالغان بىر سىچۈەنلىك ھامىلىدار يايمىچى ئايال ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، گۇاڭجۇ دائىرىسىدە تۇرۇۋاتقان پۈتۈن سىچۈەنلىك قوزغالغان. توقۇنۇش ئەۋج ئالغان. كېچىدە شىنتاڭ بازىرىدىكى سىچۈەنلىكلەر يەنە قاتناۋاتقان 10 نەچچە ئاپتوموبىلنى توسۇۋېلىپ كۆيدۈرۈپ تاشلىغان. بۇنىڭغا خىتاي ھەربىي قىسىملىرى ئارىلاشقان. ۋەقەدە ئۆلگەن ياكى يارىلانغان ئادەم سانى تېخى ئېنىق ئەمەس.

سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، دېڭ شاۋپىڭ گۇاڭدۇڭدا كاپىتالىزم سىناق مەيدانى قۇرغاندىن كېيىن، گۇاڭدۇڭغا ئېقىپ كىرگەن سىچۈەنلىكنىڭ سانى 20 مىليوندىن ئاشىدۇ. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۈچ دەريا بوغۇزى رايونىدىكى چەتئەل مەبلەغلىرى بىلەن يۈرۈشۈۋاتقان شىركەتلەردە ئىشلەيدۇ. يېقىنقى بىرنەچچە يىل ئىچىدە، چەتئەللەرنىڭ مال دېگۋارى كەملەپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ كىرىمى ئازلاپ كەتكەن. ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققى ئۆستۈرۈلمەي تۇرۇپ قالغاننىڭ ئۈستىگە، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى ئۆرلەپ، پۈتۈن خەلق تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكەندىن كېيىن، سىچۈەندىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر يەرلىك گۇاڭدۇڭلۇقلار تەرىپىدىن چەتكە قېقىلغان. ھەتتا سىچۈەنلىكلەرنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ مائارىپ جەھەتتە كەمسىتىشكە ئۇچرىغان. سىچۈەنلىكلەر بۇنىڭغا نارازى بولۇپ ئىنكاس قىلسا، ھەتتا ئەرز سۇنسىمۇ ئاقمىغاندىن كېيىن، ئۇلار بىۋاسىتە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە نارازىلىق بىلدۈرۈشكە باشلىغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، گۇاڭجۇدىكى شىنتاڭ بازىرىدا يۈز بەرگەن سىچۈەنلىكلەرنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىگە ئەگىشىپلا، چاۋجۇ شەھىرىدىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ۋەقە چىقتى. كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان «خەلق گېزىتى» تۈنۈگۈندىن باشلاپ، ئىشچىلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى، سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر بىلەن يەرلىك خەلق ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش، دەپ بۇرمىلاشقا باشلىدى.

خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى گۇاڭدۇڭدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلماي تۇرۇپلا، تۈنۈگۈن يەنە بىر نەچچە مىڭ كىشىلىك قوراللىق ئەسكىرىنى جېجياڭ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن قوزغىلاڭلارنى باستۇرۇشقا ئەۋەتتى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ رايوندىكى بىر كىيىم زاۋۇتى ئارقىلىق ئىسپاتلىشىچە، بۇ ئەتراپتا يۈز بەرگەن ۋەقە، خەلقتىن ئالغان يەرنىڭ ھەققىنى تۆلىمىگەن گاز شىركەتلىرىگە ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەھەللە ھۆكۈمەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، خىيانەتچى ئەمەلدارلارنى جازالاشنى تەلەپ قىلىدىغان قوزغىلاڭ.

بۈگۈن خىتايغا نەزەر تور گېزىتىگە خىتايدىن يېزىپ يوللانغان ئىنكاسلارنىڭ كۆپىنچىسىدە، ئەمدى پۈتۈن خەلق قوزغىلىپ ئۆزىمىزنى قوغدايلى، بىزگە بۇنىڭدىن ئۆزگە يول يوق دېگەن جۈملە ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە ئىپادىلەندى.

ئۇيغۇر خەۋەر تورى دېگەن ئىنتېرنېت پونكىتىدىمۇ بۈگۈن بىرمۇنچە ئىنكاس ئېلان قىلىندى، ئۇنىڭ بىرىدە، ھۆكۈمەتكە سوئال قويۇلۇپ، نارازىلىق ئىپادىلىگەن ئۇيغۇرلارنى مۇستەقىلچى، بۆلگۈنچى، تېررورچى دېدېڭ، بۇنى چەتئەل كۈچلىرى قوزغىدى دېدىڭ، ئەمدى گۇاڭدۇڭدا ۋەقە پەيدا قىلغانلار نى نېمە ئۈچۈن «خىتاي بۆلگۈنچىلىرى» دېمەيسەن؟ بۇ ۋەقەنى سەن پەيدا قىلماي خوڭكوڭ بىلەن تەيۋەن پەيدا قىلغانمۇ؟ دەپ يېزىلدى.