خىتاي ھازىر قۇدرەتلىك دۆلەت بولدىمۇ؟

خەلقئارادا بۈگۈن خىتاي ھەققىدە ئېلان قىلىنغان ئوبزورلاردىكى مۇلاھىزىلەر خىتاينىڭ قۇدرەتلىك دۆلەت بولغان ياكى بولمىغانلىقىغا مەركەزلەشتى.

0:00 / 0:00

ھەربىي پارات قۇدرەتلىك دۆلەت بولغانلىقنى ئىسپاتلامدۇ؟

'خىتايغا نەزەر' تور گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ۋۇ فەن ئەپەندىنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان ئوبزورىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پارات ئۇنىڭ قۇدرەتلىك دۆلەت بولغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى ھەر يىلى ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈپ، ئىلغار قوراللىرىنى دۇنياغا كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ دۇنيادا ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تورغان ئىدى. لېكىن ئۇ توساتتىنلا چەك - چېكىدىن ئاجراپ، بىراقلا گۇمران بولدى. گېتلېرمۇ ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈپ دۇنياغا ھەيۋە كۆرسىتىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي گۇمران بولغان ئىدى.

ھازىر ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈشتە شىمالىي كورىيە دۇنيا بۇيىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئەمما ئۇ دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەت ئەمەس، ئۇنىڭ ھەربىي پاراتلىرى ھەشەمەتلىك بولغىنى بىلەن خەلقى ئاچارچىلىقتا. ئامېرىكا ھەربىي پارات ئۆتكۈزمەيدۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا دۇنيا بۇيىچە ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت. خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پارات خۇددى بىر چوڭ ھەجىملىك 'چاڭچىلە' گە ئوخشايدۇ، بۇ خەلققە ھەيۋە قىلىدىغان ئويۇن، ئۇنىڭدا رول ئالغانلارنىڭ ھەممىسى مەشىق قىلدۇرۇپ ئۆگەتكەن ئارتىسلار. ھازىر بۇ چاڭچىلە تۈگىدى، ئەمدى يەنە ئۇنىڭ رەسىملىرىگە تايىنىپ يەنە بىر مەزگىلگىچە ئۆز خەلقىنى قورقۇتۇپ تۇتۇپ تۇرۇشى مۇمكىن.

خىتاينىڭ ئىدىيېۋىي بايلىقى نېمە؟

ۋۇ فەن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىنىشىچە، ھەربىي قىسىم، قانۇن ۋە ھۆكۈمەت ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىش بىجىرىدىغان دېموكراتىك تۈزۈم، بۇ دۇنيانىڭ ئىدىيىۋېي بايلىقى، ئەقىلىي مۈلكى. دېموكراتىك دۆلەتلەر بۇ ئىدىيىۋىي بايلىققا تايىنىپ ئۆز دۆلىتىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ تەرەققى قىلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ قانداق ئىدىيىۋىي بايلىقى بار؟ ماۋزېدۇڭنىڭ سوتسىالىزمىمۇ؟ ئۇ مەغلۇپ بولدى. دېڭ شپاۋپىڭنىڭ مۈشۈك - چاشقان نەزىيىىسى ئاساسىدىكى كاپىتالىزمىمۇ؟ ئۇمۇ ئاقمىدى.

جاڭ زېمىننىڭ ئۆزىنى خەلق سايلىمايدىغانلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزى 'ئۈچكە ۋەكىل'لىك قىلىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئەمەلدارلارنى چىرىتىپ ئىدارە قىلىش چارىسىمۇ؟ بۇمۇ ئاقمىدى. بۇلارنىڭ قايسى خىتاينى ساغلام تەرەققى قىلدۇرىدىغان ئىدىيىۋىي بايلىق بولغان؟ ئەگەر سەن دۇنيانىڭ دېموكراتىك تۈزۈمدىن ئىبارەت ئەقىلي بايلىقىنى قوبۇل قىلمىساڭ، ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈپ خەلقنى قورقاتماي، ئۆزەڭنىڭ خىتايدىكى مەسىلىنى ھەل قىلىپ تەرەققى قىلدۇرىدىغان قانداق ئەقىلي بايلىقىڭ بار؟ شۇنى كۆرسەتمەمسەن.

خۇ جىنتاۋ ھازىر تۇيۇق يولدا

- - - ھازىر خىتايدا دېڭ شاۋپىڭ نەزىرىيىسى بىلەن باي بولغان كوممۇنىستلار دۆلەت نوپۇسىنىڭ 0.4% نى تەشكىل قىلىدۇ، ئەمما ئۇلار دۆلەتتىكى پۈتۈن بايلىقنىڭ 70% ئىگىلەيدۇ. ‏ - ‏ - دەپ بايان قىلىنىدۇ بۈگۈن 'بوشۈن تور گېزىتى'نىڭ تورۇنتو نۇسخىسىدا ئېلان قىلىنغان مۇشۇ ماۋزۇدىكى ئوبزوردا. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدىكى ھازىرقى ھالەتنى ماۋزېدۇڭنىڭ 1949‏ - يىلى سۈن جۇڭسەننىڭ رەسىمىنى تيەنئەنمېنگە ئېسىپ قويۇپ ئۆتكۈزگەن دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمى؛ دېڭ شاۋپىڭنىڭ ئۆز جەمەتلىرىنى باي قىلىدىغان 'مۈشۈك - چاشقان نەزىرىيىسى'، جاڭ زېمىننىڭ جەمئىيەتتىكى پۈتۈن بايلىقنى ئەمەلدارلارغا بۇلاتقۇزىدىغان 'ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش ئىدىيىسى' كەلتۈرۈپ چىقاردى.

بۇ ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، ھازىرقى خۇ جىنتاۋ دۇنيانىڭ ئورتاق ئەقىل بايلىقىنى قوللىنىشنى رەت قىلىپ، ماۋزېدۇڭ يولىغا قايتىپ، خىتايدىكى ئىجتىمائى مەسىلىنى ھەل قىلىپ جەمئىيەتنى ئالغا ئىلگىرىلىتەلمەي تۇيۇق يولغا كىرىپ قالدى. سەندە قانداق يېڭى ئىدىيە بار؟ ماۋزېدۇڭ يولىغا قايتىپ نېمىنى ھەل قىلدىڭ؟ دۆلەتنى خەلققە قايتۇرۇپ بەرمەي، يەنە شۇنداق يالغان باياشاتلىقنى كۆز - كۈز قىلىپ، ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈپ خەلقنى قورقۇتۇپ قاچانغىچە تۇرالايسەن؟

خىتاي قۇدرەتلىك ئىقتىسادىي دۆلەتمۇ؟ خىتاينىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسىنىڭ ئېقرارىنى ئاڭلاڭ

مۇشۇندا ئەھۋالدا، خىتاينىڭ تەشۋىقات ۋاستىلىرى ھازىر يەنىلا، خىتاينىڭ قۇدرەتلىك ئىقتىسادىي دۆلەت بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ دوللار جۇغلانمىسى دۇنيا بۇيىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، خەلق باي - باياشاتلىقتا ياشاۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. ھەتتا خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇر بەكرىمۇ 1 ‏ - ئۆكتەبىر زىياپىتىدە ' ئاپتونوم رايون خەلقى مۇشۇ 60 يىلدا، بىرىنچىدىن نامرات، ئىككىنچىدىن قالاق ھالەتتىن باي - باياشادلىققا كۆچتى، ھازىرقى تۇرمۇشى شاۋكاڭ سەۋىيىسىدىن ئاللىقاچان ئېشىپ كەتتى' دەپ جاكارلىدى. 'شىجاڭ خەۋەر تورى'مۇ شۇ كۈنىدىكى خەۋىرىدە 'شىنجاڭدا ئادەم بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىم 2008‏ - يىلىدا 19 مىڭ يۇەندىن، ئامېرىكا دوللىرىغا سۇندۇرغاندا 3000 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتتى' دەپ تەشۋىق قىلدى.

ئەمما، خىتاي راستىنى ئېيتمىسا بولمايدىغان جايمۇ بار. خىتاينىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى ۋۇ جېنمىن تۈنۈگۈن ب د ت نىڭ بەش كومىتېتى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن يىغىنىدا 'ب د ت غا ئەزالىق بەدەل تۆلەش ئۆلچىمى' ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ " : گەرچە خىتاينىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى يېقىنىقى يىللاردىن بۇيان مەلۇم دەرىجىدە يۇقىرى ئۆرلىگەن بولسىمۇ، ئەمما نوپۇسنىڭ كۆپلۈكى سەل قاراشقا بولمايدىغان مەسىلە، 2008‏ - يىلىدا ئادەم بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى ئاران 3 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى، خىتاي بۇ جەھەتتە دۇنيا بۇيىچە 100‏ - ئورۇندا تۇرىدۇ. خىتايدا دۇنيانىڭ ئادەم بېشىغا توغرى كېلىدىغان يىللىق كىرىمى 7119 ئامېرىكا دوللىرىلىق سەۋىيىگە يەتمىگەن يەنە 43 مىليون ئادەم بار. ئەگەر دۇنيا بانكىسىنىڭ ھەر بىر ئادەمنىڭ كۈندىلىك سەرپىياتى 1 دوللار 25 سىنتتىن تۆۋەن بولماسلىق دېگەن ئۆلچىمى بۇيىچە ھېسابلىغاندا، خىتايدا بۇ ئۆلچەمگە يەتمەيدىغان يەنە 250 مىليون ئادەم بار. بۇ، خىتاينىڭ رىئال ئەھۋالى. خىتاينىڭ نامراتلىقىنى تۈگىتىش ئۈچۈن بۇنىڭدىن كېيىن ماڭىدىغان يولى ناھايىتى ئۇزۇن' دەپ مەلۇمات بەردى.

خىتاينىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى ۋۇ جېنمىن سۆزىدە يەنە 'بۇ يىل خىتاينىڭ ب د ت غا تۆلەيدىغان بەدەل پۇل مېقدارى 2003‏ - يىلىدىكىدىن 3 ھەسسە ئاشتى. ب د ت غا تۆلەيدىغان ئەزالىق بەدەل ئىقتىدارى خىتاينىڭ رىئال ئەھۋالىدىن چەتنەپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئەگەر خىتاينىڭ تۆلەش ئىقتىدارى كۆزدە تۇتۇلمىسا، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلمىغانلىق بولىدۇ' دەپ يەنە ب د ت غا ئۆكتەملىك قىلدى.