ئەزھەر تەتقىقات ئىنستىتۇتى خىتايدا بېسىلغان قۇرئان كەرىم نۇسخىلىرىنىڭ مىسىر بازارلىرىدا سېتىلىشىنى چەكلىدى. مۇندىن ئىلگىرىمۇ 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى تارقىتىلغان «ئوتتۇرا شەرق گېزىتى» ئەزھەر كىتابچىلىق ۋە تەرجىمە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، قوشۇمچە قۇرئان كەرىم باسمىسى ئىجازەتنامىسىنى تارقىتىش ئىشلىرىنىڭ مەسئۇلى دىيارىدىن مۇھەممەدنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئەزھەر ئىسلام تەتقىقات ئىنستىتۇتى قارار ماقۇللاپ خىتايدا بېسىلغان قۇرئان كەرىملەرنىڭ مىسىردا سېتىلىشىنى چەكلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
«مەرىپەت» تور بېكىتىنىڭ يېڭى خەۋىرىدە، ئەزھەر تەتقىقات ئىنستىتۇتى خىتايدا بېسىلغان قۇرئان كەرىم نۇسخىلىرىنىڭ مىسىر بازارلىرىدا سېتىلىشىنى چەكلىگەنلىكى ھەققىدە بىر خەۋەر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دەپ يېزىلغان: «پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىدا ئەزھەر كوررىكتورلۇق قىلغان ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتكەن قۇرئان كەرىم مۇسۇلمان ئاممىسى تەرىپىدىن ئىشەنچلىك بولغان ھەقىقىي نەشردىكى قۇرئان كەرىم دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.
ھالبۇكى، مەنپەئەتنى ھەممىدىن ئەلا بىلگەن، ئەڭ چوڭ دەرىجىدىكى پايدا مەنپەئەتنى كۆزلىگەن ئەرەب ئەللىرىدىكى بىر قىسىم قارا نىيەت سودىگەرلەر ئەخلاق-ئەھكاملارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، يىراقتىكى خىتايدىن ئىبارەت «دۇنيانىڭ زاۋۇتى»دىن باھاسى ئەرزان بولغان قۇرئان كەرىملەرنى ئىمپورت قىلغان شۇنداقلا خىتايدىكى «مەنپەئەت» نىلا كۆزلەيدىغان سودىگەرلەر بىلەن نىيىتى ئاسانلا بىر يەردىن چىقىپ قالغان. شۇ سەۋەبلىك بۇ «قۇرئان كەرىم»لەرنىڭ كوررىكتورلۇق ۋە تەكشۈرۈپ سېلىشتۇرۇش خىزمىتىنى ئېسىگە ئېلىشمىغان. ئاقىۋەتتە، خىتايدا بېسىلغان قۇرئان كەرىملەر گەرچە نەپىس، ئەرزان بولغىنى بىلەن مەزمۇنىدا نۇرغۇن يەرلىرىدە ئېغىر خاتالىقلارغا يول قويغان. ئەلۋەتتە مادە ئىن چىنا بولۇپ قىلىش خاتالىق ئەمەس، قارا نىيەتلىك سودىگەرلەرلا بۇ ئىشنىڭ باش ئەيىبكارى. بىراق دىنىي، مۇقەددەس كىتابلارنى بېسىشتا ئەڭ ئەقەللىي بولغان ھۆرمەت ۋە ئېھتىياتچانلىقنىڭ ئىپادىلىنىشى ئىمان ئىگىلىرىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىدى.
يېقىندا، ئەزھەر ئىسلام تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ بىر تۈرلۈك خىتايچە نەشردىكى قۇرئان كەرىملەرنىڭ مىسىر بازارلىرىدا سېتىلىشىنى مەنئى قىلغان. سەۋەبى بۇ قۇرئان كەرىملەر بېسىلىشتىن ئاۋۋال ئەزھەرنىڭ تەكشۈرۈپ سېلىشتۇرۇشىدىن ئۆتمىگەچكە نۇرغۇن ئايەتلەردە ئېغىر باسما خاتالىقىغا يول قويغانىكەن.
بۇ قۇرئان كەرىم نۇسخىلىرى خىتايدا بېسىلغان بولۇپ، قەغەزلىرى نەپىس، بېسىش تېخنىكىسى يۇقىرى ئىكەن. ئەمما بىر قىسىم قارا نىيەتلىك سودىگەرلەر بۇنى خىتايدىن كىرگۈزۈپ بازاردا ئەرزان باھادا ساتقان. بىزنىڭ بايقىشىمىزچە، بۇ خىل نەشردىكى قۇرئان كەرىمىدە نۇرغۇن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان باسما خاتالىقلىرى بار ئىكەن. بۇ قۇرئانغا ئىشلەنگەن جىنايەتتۇر.»
قۇرئاننى بېسىش تىجارەت ئىشى ئەمەس
ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: بۇ مەسئۇل خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قۇرئان كەرىملەر نوقۇل سودا ئېھتىياجى تۈپەيلى خىتايدا بېسىلغان بولۇپ، شۇڭا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق دىنىي ئەھكاملارغا بويسۇنۇپ كەتمىگەنىكەن. ئەزھەر تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىكىلەر خىتاي نەشرىدىكى قۇرئان كەرىمىدىكى خاتالىق ۋە كەمچىلىكلەر توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇ نەشردىكى قۇرئان كەرىمىنىڭ مىسىر بازارلىرىدا سېتىلىشىنى چەكلەش قارارىنى ئالغان.
بۇ قۇرئان كەرىملەر چوڭ-كىچىك پوچتا يوللانمىلىرى ۋە خىلمۇ-خىل ئوراپ-قاچىلىنىش بىلەن مىسىر بازارلىرىغا كىرگۈزۈلگەن. خەلقئارادىكى قۇرئان كەرىم بېسىش توغرىسىدىكى كونكرېت بەلگىلىمىلەرگە قارىتا بۇ مەسئۇل كىشى يەنە مۇنداق دەيدۇ «ھەرقانداق بىر دۆلەت قۇرئان كەرىمىنى باسسا بولۇۋېرىدۇ، لېكىن ئالدىنقى شەرتى توغرا بېسىلىشى، قىلچە خاتالىق كۆرۈلمەسلىكى كېرەك.»