بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنىۋاتقان مۇلاھىزىلەردە كىشىلىك ھوقۇق، پىلانلىق تۇغۇت ۋە چىرىكلىككە ئوخشايدىغان نۇرغۇن ئىجتىمائىي مەسىلىلەر بىلەن بوغۇشۇۋاتقان خىتاينىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى سۈرەتلەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتمۇ تىلغا ئېلىندى. ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز ئىچىدىكى مەسىلىلەرنى پەقەت قورال كۈچىگە تايىنىپ باستۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلىش يولىنى تاللىماقتا.
18-قۇرۇلتاي ئالدىدا ھەرقانداق بىر كېلىشمەسلىكنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قاتمۇ-قات چىڭىتىپ ھەرقانداق بىر ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان ھەدىدىن ئاشقان چەكلىمىلىرى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن بۇنچە جىددىيلىشىدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى قانداق ئۇسۇللار ئارقىلىق قوش تىرناق ئىچىدىكى مۇقىملىقنى بەرپا قىلىۋاتىدۇ؟ مانا بۇ ن پ ر خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى. ن پ ر خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى لۇئىسا لىم خەۋىرىدە خىتايدىكى خەۋپسىزلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ شەخسىلەر ۋە گۇرۇپپا -تەشكىلاتلارنى قانداق نازارەت ئاستىغا ئالىدىغانلىقى ۋە بۇ خەۋپسىزلىك سىستېمىسى ئىچىدىكى چىرىكلىكنى تۆۋەندىكى 3 خىل مەنزىرە بىلەن ئىپادىلەپ بەرگەن. بىرىنچى خىل مەنزىرە خىتايدىكى دەم ئېلىشقا چىققان ئايال پروفېسسور سۈي ۋېپىڭنىڭ ھېكايىسى بولۇپ، مۇخبىرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئايال 9 يىل ئىلگىرى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە بالىلىرىنى يوقاتقان ئانىلارنى قوللاپ باشقىلار بىلەن بىرلىكتە خەت يېزىپ قويغانلىقى ئۈچۈن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ قارا تىزىملىكىگە چۈشۈپ قالغان ۋە شۇندىن بېرى ئۇنىڭ بارلىق ئىش -ھەرىكىتى كۆزىتىلگەن، ئۇ نەگە بارسا ساقچى ماشىنىلىرى ئەگىشىدىغان بولغان. دائىرىلەر ئۇنىڭ يولدىشىنى ئايالىغا تەربىيە قىلىشقا قىستىغان. ھەتتا ئۇنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلىرى ئۇنى كۆزىتىشكە سېلىنغان ۋە بۇ ئايال پروفېسسور ئاخىرى مەكتەپتىن مەجبۇرىي ھالدا دەم ئېلىشقا چىقىرىلغان. مۇخبىر ماقالىسىدىكى بىرىنچى مەنزىرە ئۈستىدە توختىلىپ : «بۇ سىستېما ئۆزىگە تەھدىت دەپ قارىغان كىشىلەرنىڭ ھەرىكەت قىلىش ئەركىنلىكىنى چەكلەش ئارقىلىق چۆرگىلەيدۇ» دېگەن.
مۇخبىر ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئىككىنچى خىل مەنزىرە بولسا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەرزدارلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇمۇ خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ پۇل تېپىش ۋاسىتىسىگە ئايلىنىپ قالغان. مۇخبىرنىڭ جاڭ زەنبو ئىسىملىك فىلىم ئىشلىگۈچى ئىشلىگەن بىر ھۆججەتلىك فىلىمدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، فىلىمدە سۆزلىگەن مەلۇم بىر شەھەر باشلىقى بۇ سىستېمىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە چىرىكلەشكەنلىكىنى تەن ئېلىپ «بىز مۇقىملىقنى پۇلغا سېتىۋالىمىز» دېگەن. ئۇ باشلىقنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، بۇ شەھەر يىلىغا پەقەتلا ئەرزدارلارنى بېيجىڭغا بېرىشتىن توسۇپ قىلىش ئۈچۈنلا ئالاھازەل 25 مىڭ دوللار خەجلەيدىكەن، بەزىدە ھەتتا ئەرزدارلارنى بېيجىڭغا بارماسلىققا كۆندۈرۈش ئۈچۈن پۇل بېرىدىكەن. ئالاقىدار ئورۇنلارغا پارا بېرىش ئارقىلىق تىزىملىتىلغان ئەرزدارلارنى ئۆچۈرگۈزىدىكەن. چۈنكى بۇنداق قىلمىغاندا، بۇ ئۇلارنىڭ ئىلغار سايلىنىشىغا ياكى تەختىنى داۋام قىلدۇرۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدىكەن.
بۇ خىل ۋەزىيەتتىن ھەتتا پويىز بېلەت ساتقۇچىلىرىمۇ نەپ ئالىدىغان بولۇپ، ئۇلار بېلەت سېتىش جەريانىدا بېيجىڭغا ماڭغان ئەرزدارلارنى تىزىملاپ ئۇلارنىڭ ئىسمىنى بېيجىڭدىكى ئالاقىدار ئورگانلارغا ئەۋەتىپ بېرىدىكەندە، ساقچىلار بۇ ئەرزدارلار پويىزدىن چۈشۈشىگە ئۇلارنى تۇتۇپ ئەپ كېتىدىكەن. مانا بۇ خىزمىتى ئۈچۈن بېلەت ساتقۇچىلار كىشى بېشىغا 400 يۈەن پارا ئالىدىكەن.
مۇخبىر يۇقىرىدىكى ئەھۋاللارنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ، خىتايدىكى مۇقىملىقنىڭ مانا مۇشۇنداق ئاۋازلارنى جىمىقتۇرۇش بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى ئىپادە قىلغان. ئۇ ماقالىسىدە كۆرسىتىپ ئۆتكەن 3-خىل مەنزىرە بولسا، خىتايدا يۈز بەرگەن توپىلاڭلارنىڭ خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن قانداق قىلىپ بۇرمىلىنىدىغانلىقى ۋە خەلقنى تېخىمۇ جىق باستۇرىدىغان ۋاسىتىگە ئايلاندۇرۇلىدىغانلىقى. مۇخبىر بۇنىڭدا بۇ يىل ئىيۇلدا گۇاڭدۇڭدىكى شاشى ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن. شاشىدىكى بىر سىچۈەنلىك ئاققۇن ئىشچىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، بۇ توقۇنۇشنىڭ چىقىشىغا ئەسلى كىچىك بالىلار ئارىسىدىكى ئۇرۇش سەۋەب بولغان. ئىشچىلارنىڭ بالىلىرىدىن بىرىنى شۇ يەردىكى ئامانلىق ساقچىلىرى قاتتىق ئۇرۇۋەتكەن. بالىنىڭ ئاتا -ئانىسى بۇنىڭدىن نارازى بولۇپ، ساقچىدىن ھېساب سورىماقچى بولغان. ساقچىلار بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىمۇ دۇمبالىغان. شۇنىڭ بىلەن ۋەقەگە چىدىمىغان سىچۈەنلىك ئىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش كۈچىيىپ، چوڭ ۋەقەگە ئايلىنىپ كەتكەن. ئەمما، يەرلىكلەرنىڭ بۇ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇلار تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا ۋەقە ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆرگەندە قۇلاقلىرىغا ئىشەنمەيلا قالغان بولۇپ، ئۇلار ۋەقەنى بۇرمىلاپ، خاراكتېرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ، ئۇنى قانداقتۇر سىچۈەنلىكلەر بىلەن يەرلىك شاشىلىق ئاھالىلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇش چىققاندەك كۆرسەتكەن. سىچۈەنلىك ئىشچىلار ۋەقەنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ ئىنتېرنېتقا يوللىغان خەت، رەسىم، ۋىدىئولارنىڭ ھەممىسى ئۆچۈرۈۋېتىلگەن. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر سىچۈەنلىك ئاققۇن ئىشچى مۇخبىرغا «بىز بۇرۇن ھۆكۈمەتنىڭ ھېكايىلىرىگە ئىشىنەتتۇق. لېكىن بۇ قېتىم بىز ھەممىنى بىۋاسىتە كۆردۇق. نېمىشقا ئۇلار بىز يوللىغان رەسىملەرنى ئۆچۈرۈۋېتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئېنىق. ئۇلار بۇ خىل توپىلاڭلارنى ئۆزىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ» دېگەن.
مۇخبىر يۇقىرىقىدەك ئەھۋالنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ يۈز بەرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنىڭغا 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن. ئۇ شۇ ۋەقەدىن كېيىن، ئۇيغۇر رايونىدا ساقچى سانىنىڭ ھەسسىلەپ ئاشقانلىقىنى، ئەمما مەجبۇرىي ھالدا مۇقىملىق ئورنىتىشنىڭ يەنىلا ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاسانغا توختىمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇقىملىقنى سۈنئىي ئۇسۇلدا بەرپا قىلىمەن دېگەنچە، دۆلەتنىڭ شۇنچە مۇقىمسىز بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
18-قۇرۇلتاي باشلىنىش ئالدىدا ھەل قىلىنىشى كۈتۈلۈۋاتقان مەسىلىلەردىن يەنە بىرى بولسا، خىتايدىكى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى. بۇ مەسىلە ئىزچىل ھالدا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭمۇ تەنقىدىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ سىياسەتنىڭ ھەم ئىنسانىيلىققا خىلاپلىقىنى، ھەم خىتاينىڭ نوپۇس تەڭپۇڭلۇقىغىمۇ ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەمما يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قۇلاق سالماي، بۇ سىياسىتىنى ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن. تېلېگراف گېزىتىدە ئېيتىلىشىچە، يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىگە يېقىنلىقى بىلەن تونۇلىدىغان خىتاي تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغان تەقدىردە، 2050-يىلىغا كەلگەندە خىتاي نوپۇسىنى قېرىلار تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
مەزكۇر تەتقىقات ئورنىدىكى سۈي فاڭ تېلېگراف گېزىتىگە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى 2000-يىلىدىن تارتىپ ئويلىنىشقا باشلىغانلىقىنى ۋە بۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەكلىكىدەك يەكۈنگە كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭ پەقەت بىر ۋاقىت مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئەمما، تېلېگراف گېزىتى مۇلاھىزىسىدە بولسا، ھۆكۈمەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئاسانلىقچە ئەمەلدىن قالدۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رەسمىي دائىرىلەرنىڭ ھازىرغىچە بۇ دوكلاتقا قارىتا بىر ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلغان.