2300 دىن كۆپرەك ۋەكىل قاتناشقان قۇرۇلتايدا خىتاينىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد رەھبەرلىك گۇرۇھىدا كىملەرنىڭ بارلىقى ۋە شى جىنپىڭ دۆلەت رەئىسلىكىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن خىتاينىڭ بۇندىن كېيىنكى سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولۇش ياكى بولماسلىقى قۇرۇلتاينى كۆزىتىۋاتقان چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى.
خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيى ھەققىدە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي خىتايدا ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتى ئاستىلاۋاتقان؛ خىتايدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر بارغانسېرى كەسكىنلىشىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ئىشچىلارنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى كۆپەيگەن؛ يېرىدىن ئايرىلىپ قالغان دېھقانلار، ئاۋام شەھەر پۇقرالىرىنىڭ پارىخور ئەمەلدارلارغا بولغان نارازىلىقى كۈچەيگەن بىر پەيتكە توغرا كەلدى.
مەزكۇر قۇرۇلتاي يەنە خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ھەم بۇ رايونلاردا تېخىمۇ كۆپىيىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بۇ جايلاردا مۇقىملىقنى ساقلاش تەس بولۇۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېچىلدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقى، ب ب س ئاگېنتلىقى، «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى قاتارلىقلارنىڭ خىتاينىڭ 18-قۇرۇلتىيى ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدە خىتاي ئىقتىسادىي ئاستىلاۋاتقان، خىتايدا ئىجتىمائىي نارازىلىق ھەرىكەتلىرى كۈچىيىۋاتقان، خىتايدىكى مىللىي زىددىيەتلەر كەسكىنلىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالىدىغان شى جىنپىڭ قاتارلىق يېڭى بىر ئەۋلاد خىتاي رەھبەرلىك گۇرۇھىدا كىملەرنىڭ بارلىقى ۋە ئۇلارنىڭ بۇندىن كېيىن قانداق يول تۇتىدىغانلىقى ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى ئاممىۋى ئاخبارات ساھەسىنى قىززىقتۇرۇۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ 12-نويابىر ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، «كۈندىلىك تېلېگراف» گېزىتى مۇخبىرى فىلىپنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىدىن نەقىل ئېلىنىپ، «خىتاينىڭ 18-قۇرۇلتىيىدىكى قارارلارنىڭ ئاۋامدىن مەخپىي تۇتۇلۇۋاتقىنى ئۈچۈن،بېيجىڭ پۇقرالىرىنىڭ خىتاي سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ھەيئەتلىرىنىڭ ھېقىقى سانى ھەم كىملەرنىڭ كېلەر نۆۋەتلىك دائىمىي ھەيئەت ئىكەنلىكى ھەققىدىمۇ ئېنىق پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويالمىغانلىقى» بايان قىلىنىپ، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشىكنى تاقاپ، دېموكراتىيىدىن مۇستەسنا ھالدا سايلام ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خىتاينىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد رەھبەرلىك گۇرۇھىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ، يېڭى رەھبەرلىك گۇرۇھىنىڭ سىياسىي ئىسلاھات يولىنى تۇتۇشىغا غەرب دۇنياسىنىڭ گۇمان بىلەن قاراۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىن «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى»، «يەر شارى ۋاقتى» قاتارلىقلارنىڭ ئىنگلىزچە خەۋەرلىرى قىسمىدا قۇرۇلتايغا قاتناشقان 38 ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قۇرۇلتاي ھەيئىتى تەمىنلىگەن نامزاتلار تىزىملىكىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى، ۋەكىللەرنىڭ تىزىملىكتىكى نامزاتلار ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ سايلام بېلىتى تاشلايدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
«يەر شارى ۋاقتى » گېزىتىنىڭ ئىنگلىزچە سانىدا يەنە بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا «مەدەنىيەت ئىسلاھاتى» ئېلىپ بېرىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى بايان قىلىنغان. ھالبۇكى خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدە تارقىتىلىدىغان «خەلق گېزىتى»،«خىتاي ياشلار گېزىتى»، «خەۋەرلەر سەھەر گېزىتى» قاتارلىقلارنىڭ بىرنەچچە كۈندىن بۇيانقى خەۋەرلىرىدە قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ «خۇ جىنتاۋ باشچىلىقىدىكى ئالدىنقى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ قىلغان خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، يېڭى قارار رەھبەرلىك قاتلىمىدىن زور ئۈمىدلەر كۈتۈلۈۋاتقانلىقى» تېما قىلىنغان مەزمۇنلار كۆپلەپ بېسىلدى.
غەرب مەتبۇئاتلىرىدا يەنە خىتاينىڭ 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن خىتايدا سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ ئاز ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، يېڭى بىر ئەۋلاد رەھبەرلىك گۇرۇھىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىگە سادىق ئەمەلدارلاردىن تەشكىللەنگىنى ئۈچۈن، خىتاينىڭ بۇندىن كېيىنكى سىياسىتىدە دېموكراتىيە يولىغا مېڭىشى، خىتايدا نۆۋەتتە بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، خىتاينىڭ تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتىدە يېڭىچە بۇرۇلۇش بولۇش مۇمكىنچىلىكىنىڭ تولىمۇ ئاز ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
«ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى»، «گېرمانىيە ئاۋازى» قاتارلىقلار بىرنەچچە كۈندىن بۇيانقى خەۋەرلىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىن يىغىنغا كەلگەن جاڭ چۈنشەن، نۇر بەكرى قاتارلىقلارنىڭ 9-نويابىر كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىنى نەقىل ئېلىپ، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقنى ساقلاش باھانىسىدە ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قارىتا قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇربەكرى سۆزىدە «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇزۇن بىر مەزگىلگىچە تېررورلۇق ۋەقەلىرى ۋە ھەرقانداق جىنايى ئىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش، قاتتىق قوغداش، قاتتىق باشقۇرۇش ۋە قاتتىق تۈزۈم ئارقىلىق بىخەتەر ھەم مۇقىم جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرىمىز» دېگەن.
خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەيىنلىگەن پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەن بولسا ئۆزى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلەپ: «ھازىر شىنجاڭدا جەمئىيەت بارغانسېرى مۇقىم، مىللەتلەر بارغانسېرى ئىناق بولماقتا. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىقتىساد تەرەققىي قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلىنىشقا باشلىدى. پۈتۈن جەمئىيەت دەسلەپكى قەدەمدىكى مۇقىملىققا ئېرىشتى. كەلگۈسىگە ئىشەنچىمىز چوڭقۇر» دېگەن.
غەرب مەتبۇئاتلىرىدا يەنە چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە تىبەت، ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلىرىنىڭ 18-قۇرۇلتاي مەزگىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قىلغان چاقىرىقلىرىغىمۇ ئورۇن بېرىلدى. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ئامېرىكا ئاۋازى، ب ب س ئاگېنتلىقى، ۋالل ستېرت ژۇرنىلى، نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى قاتارلىقلاردا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان نۇقتىلىق ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە قارشى نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن تىبەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەلىرى، تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم قاتارلىقلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى چاقىرىقلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررورچىلىق بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى ھەيئەت رەئىسى دولقۇن ئەيساغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 10 يىلغىچە ئامېرىكىغا ئەركىن كېلىپ-كېتىش ۋىزىسى بەرگەنلىكى قاتارلىق خەۋەرلەر بېسىلدى.
غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە يەنە غەرب دېموكراتىك تەشكىلاتلىرى ھەم تىبەت، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاينىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد رەھبەرلىك گۇرۇھىدىن كۈتۈۋاتقان ئۈمىدلىرى ھەققىدىمۇ خەۋەرلەر بېرىلمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ب ب س ئاگېنتلىقى قاتارلىقلارغا بەرگەن باياناتىدا، شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇقىمسىزلىقنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى يارىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، 18-قۇرۇلتايدىن كېيىن ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالىدىغان يېڭى بىر ئەۋلاد خىتاي رەھبەرلىك گۇرۇھىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا قاتتىق زەربە بېرىشنى تەكىتلەش ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىش ئارقىلىقلا رايوندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئارزۇ قىلىۋاتقان مۇقىملىققا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.