خىتاي دائىرىلىرى رامىزاندا ئۇيغۇر كادىرلارغا چۈشلۈك زىياپەت بەرمەكتە

ئۇيغۇر ئېلىدىن رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، رامىزان ئېيى كىرىشى بىلەن خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە توسقۇنلۇق قىلىش ھەرىكەتلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، بولۇپمۇ روزا تۇتۇش، مەسچىتلەردە تاراۋى نامازلىرىغا قاتنىشىشقا ئوخشاش رامىزانلىق دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنى تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ چەكلىمەكتە.

0:00 / 0:00

خوتەن ۋىلايىتىدە ھەتتا ئىدارە ‏ - ئورگانلاردا دائىرىلەر ئۇيغۇر خىزمەتچى، كادىرلارنى ئوپچە چۈشلۈك غىزاغا ئورۇنلاشتۇرۇش تاكتىكىلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ روزا تۇتۇشىغا يول قويمايۋاتقان ئىكەن.

رادىئومىزدا 24 سائەتلىك تېلېفون لېنىيىسى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر دىيارىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، دىنىي ھەم مىللىي جەھەتتە خىتاينىڭ باستۇرۇشى ھەم كەمسىتىشىچە ئۇچراۋاتقانلىقىغا دائىر ئىنكاسلار كەلمەكتە.

يېقىندا خوتەندىن بىر ئۇيغۇر دائىرىلەرنىڭ رامىزان كىرىشى بىلەن خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئىدارە ‏ - ئورگانلاردا ئۇيغۇر كادىرلارنى ئوپچە چۈشلۈك غىزاغا ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقى، بۇ زىياپەتكە قاتناشمىغانلار گۇمان ھەم تەقىپ ئاستىغا ئېلىنىۋاتقانلىقى ئۈچۈن بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئامالسىز ھالدا روزىسىنى بۇزۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر قانچە يىلدىن بۇيان بۇ خىل تاكتىكا بىلەن ئۇيغۇر كادىرلار، خىزمەتچىلەرنى روزا تۇتماسلىققا زورلاۋاتقانلىقى، ئەگەر روزا تۇتقانلىقى بايقالسا تۈرلۈك تەشكىلى جازالارغا مۇپتىلا بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.

بىز بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. بىز تېلېفوننى ئالغان خادىمدىن ھۆكۈمەتنىڭ نېمە مەقسەتتە ئۇيغۇر كادىرلارنى چۈشلۈك غىزاغا ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ، " بۇ دېگەن رەھبەرلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى،" دىدى ئەمما بۇ خىتاي كادىر باشقا سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

خوتەن شەھەرلىك باج ئىدارىسىغا تېلېفون قىلىپ سورىغىنىمىزدا بۇ ئورگاندىكى ئۇيغۇر كادىرلار خىتايلار بىلەن بىرلىكتە ھەپتىدە بىر قانچە قېتىم ھەقسىز چۈشلۈك غىزاغا ئورۇنلاشتۇرۇلىۋاتقان ئىكەن.

خوتەن تەۋەسىدىكى ئاممىدىن مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن قىلغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيىسىدىكى بىر شەخسى دۇكاندارغا شاگىرتلىققا كىرگەن بىر ئۇيغۇر ياش زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

خوتەندىن رادىئومىزغا ئۇچۇر يەتكۈزگەن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بەزى ئىدارە ‏ - ئورگانلاردا ھەتتا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا رامىزانلىق ئورۇنلاشتۇرغان بۇ چۈشلۈك زىياپەتلىرىگە مەجبۇرىي ھەق ئېلىۋاتقان بولۇپ، زىياپەتكە بارمىغانلارنىڭ مائاشىدىن تاماق ھەققى مەجبۇرىي تۇتۇپ قېلىنىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل تەدبىر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىشى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا داۋام قىلماقتا بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەم دىنىي ئۆرپ‏ - ئادەتلىرىگە قىلغان ھۆرمەتسىزلەرچە كەمسىتىش ھەرىكەتلىرى، ئۇيغۇرلاردا نارازىلىقلارنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە.