خىتاي ساقچىسى: بىز نېمىنى قانۇنسىز دېسەك، شۇ قانۇنسىز بولىدۇ

ئۇيغۇر ئېلىدىن چەتئەلگە قېچىپ چىقىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن زەربە يېگەن ياكى ناھەقچىلىككە ئۇچرىغان ھايات سەرگۈزەشتلىرى بار.

0:00 / 0:00

ئابدۇكېرىم كىبىر ئەنە شۇلارنىڭ بېرى. ئۇ ھازىر شۋېتسىيىدە سىياسىي پاناھلىق تىلەپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قارىماي شەھىرىدىن بولۇپ، خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن دىنىي تەرغىبات ئېلىپ باردىڭ، ۋەتەننى پارچىلاشقا ئۇرۇندۇڭ دېگەندەك بەتناملار بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ سوراق قىلىنغان، تۈرمىلەرگە سولانغان ۋە نازارەت ئاستىدا ياشىغان. ئۇ تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەن كەچۈرمىشلىرىدىن مەلۇمات بەردى.