خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان شۆبىسىنىڭ باشلىقى كۇمار ئەپەندى بۈگۈن خىتاينىڭ ئىككى چوڭ يىغىنىغا تاپشۇرغان مېموراندومدا، خىتايدا جىنايەت گۇماندارى دەپ قارالغان، بولۇپمۇ «دۆلەتنى ئاغدۇرماقچى» دەپ گۇمان قىلىنغان كىشىلەرنى نەزەربەندكە ئالىدىغان ياكى مەخپىي قولغا ئالىدىغان، ئۇلارنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلايدىغان، بۇ پۇرسەتتە قېيىن قىستاققا ئالىدىغان، ئۇلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ئۇقتۇرمايدىغان ھادىسىلەر يۈز بېرىۋاتقانلىقى يېڭى ئىش ئەمەس، ئەمدى خىتاي بۇ قېتىمقى ئىككى چوڭ يىغىندا، ساقچىلارنىڭ ھوقۇقىنى كېڭەيتىشنى قانۇنلاشتۇرماسلىقى كېرەك دەپ كۆرسەتتى.
تۈنۈگۈن خىتاينىڭ ئىككى چوڭ يىغىندا، «يېڭى چېگرا» پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەننىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك سىياسەت قوللانمايدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭدىن كېيىن ساقچىلارنىڭ ھوقۇقىنى تېخىمۇ كېڭەيتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. بۈگۈن ئىككى چوڭ يىغىندا يەنە، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى جاڭ مىڭيۈ چوڭچىڭ شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى بو شىلەيگە چېتىلىدىغان بىر ۋەقەنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، ساقچىلار تەرىپىدىن مەخپىي قولغا ئېلىنغان بىر ۋەقە يۈز بەردى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ئادۋوكات ئالىم سېيتوف خەلقئارا قانۇندىكى ساقچىلارنىڭ ھوقۇقى ھەققىدە توختالدى ۋە خىتاينىڭ ھازىر ساقچىلارنىڭ ھوقۇقىنى كېڭەيتىشنى قانۇنلاشتۇرماقچى بولغانلىقىنى تەنقىدلىدى ۋە قانۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسىتىنى تەھلىل قىلدى.
ئالىم سېيتوف ئەپەندى خىتاينىڭ ھازىر ئۆز خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا داۋاملىق تۈردە ھۆرمەت قىلمايدىغان يولغا مېڭىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ كەينىگە چېكىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.