خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق ساقچى قىسىملىرىنىڭ يەنە كۆپەيتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن، ئىچكىرىدىكى ھەر قايسى ئۆلكىلەردىن ساقچى قىسىملىرىنى يۆتكەپ كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىنى باستۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار يەنە ساقچى قىسىملىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ، ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرىنى تەسىس قىلغان ئىدى.

0:00 / 0:00

بىراق دائىرىلەر يېقىندا ساقچى قىسىملىرىنى يەنە كۆپەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بىراق بەزى ئانالىزچىلار ساقچى قىسىملىرىنى كۆپەيتىپ، ئامانلىق تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق رايوندىكى مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇرۇشلۇق خىتاي ساقچى كۈچلىرىنى يەنە كۆپەيتىپ، رايونغا يېڭىدىن 8000 نەپەر ساقچى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ خىتاينىڭ «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن بۇيان رايوندا تۇرۇشلۇق ساقچى كۈچلىرىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىشى ئەمەس. دائىرىلەر 8000 نەپەر ساقچى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق «ھەر بىر كەنتكە ئاز دېگەندە بىردىن ساقچى خادىمى ئورۇنلاشتۇرۇش» نى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى شيوڭشۈەنگو خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە مەلۇمات بېرىپ، ئۇلارنىڭ خەلق ئەسكىرى، بىرلەشمە قوغداش ئەترىتى قاتارلىق ئامانلىق ئورگىنىغا ماسلىشىپ، يېزا-كەنت ۋە شەھەر ئەتراپىدىكى رايونلاردا «تېررورلۇققا قارشى چارلاش ئېلىپ بېرىش، ئاقما نوپۇسنى باشقۇرۇش، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇش ۋە نۇقتىلىق كىشىلەرنى كونترول قىلىش» قاتارلىق مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتى ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دائىرىلەر مەزكۇر پىلاننى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش يولىدىكى زور تەدبىر، دەپ جاكارلىدى. لېكىن بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ساقچى كۈچلىرىنىڭ كۆپەيتىلىشى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

ئامېرىكا تۇرۇشلۇق خىتاي زىيالىيلىرىدىن «بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلى» نىڭ باش مۇھەررىرى خۇپىڭ ئەپەندى، خىتاينىڭ مۇقىملىقنى قوغداشتا كونتروللۇقنى يوقىتىپ قويۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئامانلىق تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشكە تايىنىش ئارقىلىق مۇقىملىق ئورناتقىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: 8 مىڭ ساقچى كۆپەيتىشنىڭ ئۆزى، كومپارتىيىنىڭ «مۇقىملىق» دېگىنىنىڭ بارغانسېرى «مۇقىمسىزلىق» قا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا قانچىلىك «مۇقىملىق» دېسە، ئۇ مۇقىملىقنى قوغداشنى شۇنچىلىك كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. قانچىلىك مۇقىمسىزلىق بولسا ئۇ مۇقىملىقنى قوغداشقا شۇنچىلىك كۆپ ئادەم ئاجرىتىشى كېرەك. ئۇ باشتىن تارتىپلا باستۇرۇش تەدبىرىنى قوللىنىپ كەلدى. ئەمەلىيەتتە باستۇرۇش تەدبىرى تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ نارازىلىقى ۋە قارشىلىقىنى قوزغايدىغان ئۇسۇلدۇر. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇنىڭ تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، قارشىلىقنى باستۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ. بىراق بۇ ۋەزىيەتنىڭ داۋاملىق يامان تەرەپكە قاراپ مېڭىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، قۇدرەتلىك زوراۋانلىق كۈچىگە تايىنىپ قارشىلىقنى باستۇرغان تەقدىردىمۇ، بۇنىڭدىن تۇغۇلغان مۇقىملىق ھېقىقى مۇقىملىق ئەمەس، بەلكى بۇ ساختا مۇقىملىقتۇر، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنى باياناتچىسى خۇخەنمىن دۈشەنبە كۈنى بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، رايوندا يېڭىدىن 8 مىڭ ساقچى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى دەلىللىگەن. مەزكۇر قارار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندىكى ئامانلىق كۈچلىرىگە «قانۇننى نەق مەيداندا ئىجرا قىلىش ھوقۇقى» بېرىپ، «قارشىلىق قىلغان ھەر قانداق ئۇيغۇرنى ئېتىپ تاشلايدىغان» ئەھۋالدا چىقىرىلغان. بۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇن گۇما ناھىيىسىنىڭ مۇكۇيلا يېزىسىدا خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ئوق چىقىرىپ، 2 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

خۇ پىڭ ئەپەندى، گۇما مۇكۇيلا ۋەقەسىنى مىسالغا ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇقنى سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ تىپىك مىسالى گۇما مۇكۇيلا ۋەقەسىدە كۆرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ساقچى كۈچلىرىنى كۆپەيتىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك بىخەتەرلىكى دۇچ كېلىدىغان تەھدىتنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: تېررورلۇققا مۇناسىۋەتسىز ئىشلار بولسىمۇ، پەقەت شىنجاڭدا ياكى ئۇيغۇرلار يۈز بەرگەن بولسا دەرھال تېررورلۇق قالپىقى كىيدۈرۈلىدۇ. مەن كېيىن ئېلشات ئەپەندى ئېلان قىلغان گۇما مۇكۇيلادا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ ئىسىملىكى ۋە ياش قۇرامىنى ئوقۇدۇم. ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، يارىلانغان ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ كۆپى بالىلار. جۇڭگو دائىرىلىرى ھازىرغا قەدەر بۇنى چۈشەندۈرۈپ باقمىدى ياكى بۇنى تۈزەتمىدى. بۇ ئېلشات ئېلان قىلغان نەرسىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ئەگەر بۇنىڭدا بىر خاتالىق بولغان بولسا، كومپارتىيە ئوتتۇرىغا چىقىپ بۇنى تۈزىتەتتى. ئۇلار ھەتتا كىچىك بالىلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئاندىن ئۇلارغا تېررورلۇق قالپىقى كىيدۈرۈپ يۇقىرىغا يوللىيالايدۇ. ئەمدى ئۇلار ھەر بىر كەنتكە ساقچى ئورۇنلاشتۇرماقچى. ئۇلار شۇنداق قىلىپ، قانداق يالغان سۆزلىسە سۆزلەۋېرىدۇ. باشقىلار قانداق ئىش بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ھۆكۈمەت ئۇيغۇر ئاۋام پۇقرالىرىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىمايدۇ. ئۇلار نېمە قىلىشنى خالىسا، شۇنداق قىلىدۇ. دېمەك ناھايىتى روشەنكى، بۇ قارار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك بىخەتەرلىكىگە بولغان خەۋپنى كۈچەيتىدۇ.

يەنە بەزى ئانالىزچىلار، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۇقىرىقى قارارى كومپارتىيىنىڭ بۇ يىل چاقىرىلىدىغان 18-قۇرۇلتىيى ۋە بۇ يىل ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2‏-نۆۋەتلىك ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسىنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارىماقتا.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭچۈنشيەن يېقىندا 2012‏-يىلى كومپارتىيە 18-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى چاقىرىدىغانلىقى ۋە ئۈرۈمچى ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسىنىڭ ناھايىتى ئېغىرلىقىنى بىلدۈرگەن.

لېكىن خۇ پىڭ ئەپەندى، جاڭ چۈنشيەن ئۇيغۇر ئېلىنغان كەلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ۋاڭلېچۈەندىن پەرقلىق سىياسەت تۇتىدىغانلىقىدىن سىگنال بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى. خۇپىڭنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، جاڭچۈنشيەن ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىملىق شوئارىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، قورساق باقىدىغان خىتاي كادىرلىرىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان. خۇ پىڭ، ئۇلارنىڭ ئاپتونوم رايوندىكى ھالقىلىق ئورۇنلارنى ئىگىلىۋالغانلىقى، ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇق ئاساسى مۇقىملىق خىزمىتىگە تايىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. خۇپىڭنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن-بىر يولى ئۈزۈل-كېسىل تەدبىر قوللىنىپ، ھازىرقى سىياسەتنى تامامەن بىكار قىلىشتۇر.