خىتاي ساقچىلىرى تۇتقۇن قىلغان ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئوقۇغۇچىلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.10.07
2010.10.07

ﻣﯘﺷﺘﯩﺮﯨﻼﺭ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ 4 نەپەر ئوقۇغۇچىسىنىڭ، ئۆتكەن ھەپتە غۇلجا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ۋە دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ئەترىتى تەرىپىدىن، تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز دىلشات رىشىت تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن، ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن، ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ قوغداش بۆلۈمىگە تېلېفون قىلدۇق.
مۇخبىر: مەن ئۆتكەن ھەپتە ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن مەكتىپىڭلارنىڭ 4 نەپەر ئوقۇغۇچىسى ھەققىدىكى ئەھۋالنى ئىگىلەي دېگەن ئىدىم.
قوغداش خادىمى: سىز كىم بولىسىز؟
مۇخبىر: مەن مۇخبىر، ئامېرىكىدىن تېلېفون قىلىۋاتىمەن. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلەي دېگەن ئىدىم.
قوغداش خادىمى: بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى بىز تازا ئېنىق بىلمەيمىز. ئىز ئەڭ ياخشىسى ئاشۇ ساقچىخانىغا تېلېفون قىلىپ، بۇ ئوقۇغۇچىلار ھەققىدىكى تەپسىلىي ئەھۋالنى ئىگىلەڭ.
مۇخبىر: بۇ ئوقۇغۇچىلار مەكتىپىڭلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەنغۇ؟ سىلەر ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىڭلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەمسىلەر؟
قوغداش خادىمى: ئوقۇغۇچىلار سىرتتا جېدەل چىقىرىپ قولغا ئېلىنسا، بۇ ئىشنى سىرتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى بىر تەرەپ قىلىدۇ. بۇ ئىشتىن مەنمۇ تېخى ئەمدىلا خەۋەر تېپىپ تۇرۇشۇم. ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا ئىكەنلىكىنى تازا تەپسىلىي بىلمەيمەن. ئىز ئەڭ ياخشىسى شۇ ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقان ساقچىخانىدىن ئەھۋال ئىگىلەڭ.
مۇخبىر: بۇ ئوقۇغۇچىلارنى قايسى ساقچىخانا تۇتۇپ كەتتى؟ ئۇلار كىملەر؟
قوغداش خادىمى: مۇخبىر خانىم مەن بۇ ئىش يۈز بەرگەن مەزگىلدە دەم ئېلىشتا ئىدىم، تەپسىلىي ئەھۋالدىن راستلا خەۋىرىم يوق.
مۇخبىر: ئۇنداقتا ئىشخانىدا باشقىلار بارمۇ؟ ئۇلاردىن تەپسىلاتىنى سوراپ باقاي. ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى دەپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
قوغداش خادىمى: ئىشخانىدا مەندىن باشقا ئادەم يوق. باشقا بۆلۈملەرنىڭ تېلېفون نومۇرىنى بىلمەيدىكەنمەن. ئەتە مەكتەپ باشلىنىدۇ. بىزمۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ئەتە بىلەلەيمىز.
تېلېفونىمىزنى ئالغان بۇ نۆۋەتچى خادىم، ئۆزىنىڭ بۇ ۋەقە ھەققىدە خەۋىرى بارلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىر دەم ئېلىش مەزگىلى بولغىنى ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە ئامالسىزلىقىنى، بىزنىڭ ئاشۇ ئوقۇغۇچىلارنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ساقچىخانىغا تېلېفون ئۇرۇپ ئەھۋال ئىگىلىشىمىزنى بىلدۈرۈپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر خىزمەتچىسى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ھازىر بايرام مەزگىلى بولغىنى ئۈچۈن، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى، بەلكىم مەكتەپ باشلانغىنىدا، بۇ ئىش مەكتەپ بويىچە ئاقتۇرۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن بۇ ئوقۇغۇچىلار ھەققىدىكى پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ غۇلجا شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرى بولىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ يەنە، مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا قاراتقان باشقۇرۇش تۈزۈمى ھەققىدە توختىلىپ، ھازىر مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان باشقۇرۇشنىڭ ئىلگىرىكىدىن كۈچەيتىلگەنلىكىنى، مەكتەپ ئىچىدە جېدەل چىقارغان ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ قوغداش بۆلۈمى بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما مەكتەپ سىرتىدا جېدەل چىقىرىپ، ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئوقۇغۇچىلارنى ھازىر سىرتتىكى ساقچىخانىلارنىڭ بىۋاسىتە بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ بۇ ئىشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆكتەبىر بايرىمى مەزگىلىدە، غۇلجىغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر يىللاردىكىدىن كۆپىيىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، غۇلجىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلىپ، ساقچىلارنىڭ كۆپەيتىلگەنلىكىنى، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەلكىم چارلاشقا چىققان ساقچىلار بىلەن جېدەللىشىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، تۇتۇپ كېتىلگەن بولىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ئىشنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنىڭ دەلىلى، دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.