خالمۇرات مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىغا جاۋاب بەرگەندە ۋەقە ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، نۆۋەتتىكى دۆلەت بىخەتەرلىك ساقچىلىرىنىڭ خىزمەت ئىستىلى ھەققىدە بەلگىلىك يىپ ئۇچىلىرىنى بەردى.
بىز غۇلجا شەھىرىنىڭ تاشكۆۋرۈك يېزىسىدا يۈز بەرگەن چاي ئوينىغان 30 نەپەر ئايالنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىق ۋەقەسى ھەققىدە غۇلجا شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، ۋىلايەتلىك تەشۋىقات ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، سوئاللىرىمىز جاۋابسىز قالدى.
بىز بۈگۈن غۇلجا شەھەر تاشكۆۋرۈك يېزىلىق ساقچى پونكىتىنىڭ سىياسىي كومىسسارى ئىلزاتقا تېلېفون قىلىپ مەلۇماتلارغا ئېرىشتۇق. بىز يەنە، غۇلجا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى دۆلەت بىخەتەرلىك ئەترىتىنىڭ باشلىقى خالمۇراتقا تېلېفون قىلدۇق.
دۆلەت بىخەتەرلىك ساقچىسى خالمۇرات ئالدى بىلەن ئاشكارا ھالدا يالغان سۆزلىدى، بىزگە مەلۇمات بېرىش ئەمەس، بىزدىن مەلۇمات ئېلىشقا، يەنى ئادەم تۇتقۇن قىلىش ئۈچۈن يەنە يىپ ئۇچى ئىگىلەشكە تىرىشتى. ئۇ قايتا كۆرۈشۈش ۋەدىسىدىمۇ تۇرمىدى. مانا بۇ ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا ئادەم تۇتقۇن قىلىۋاتقان خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ خىزمەت ئىستىلىدۇر.
ۋەقە ئۆتكەن ھەپتە رادىئومىز تەرىپىدىن ئىنگىلىزچە خەۋەر قىلىنىپ، خەلقئارا جامائەتكە يەتكۈزۈلدى. خەلقئارا جامائەت ۋەقەدە جازالانغانلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى دىققەت بىلەن كۆزەتمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.