ئەمما، ئەمىلىيەتتە خىتاي جەمىيىتىدە بەلگىلىك ساراسىمە پەيدا بولغانلىقى مەلۇم. ئاخباراتلاردىن خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا شىنجاڭلىقلاردىن چۆچۈش يەنى ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە سەزگۈر مۇئامىلە قىلىشقا ئوخشاش ھالەتلەرنىڭ يەنىمۇ كۈچەيگەنلىكى ئاشكارىلانماقتا.
ئۇيغۇرلار خىتاي ساقچىلارنىڭ گۇمان نۇقتىسىغا ئايلاندى
بېيجىڭ ئولىمپىكىغا تۆت كۈن قالغاندا يۈز بەرگەن، قەشقەردىكى خىتاي چېگرا مۇداپىئە قىسم ئەسكەرلىرىنىڭ ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچراش ۋەقەسى، نۆۋەتتە چەتئەل شۇنداقلا خىتايدىكى ئاخباراتلارنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
سەيشەنبە كۈنى قەشقەر پارتكوم سېكرىتارى شى داگاڭ ۋەقەنى تېررورلۇق ھۇجۇم دەپ، ئۇنى چەتئەللەردىكى ئەلقائىدە تەشكىلاتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ كۆرسەتكەندىن باشقا "بۇ

كۈچلەر ئولىمپىككە قارشى پسىخولوگىيىلىك ۋە زوراۋانلىق تۈسىدىكى ھۇجۇم قىلىشقىلا ئۇرۇنماقتا" دېگەن ھەمدە: "ئۇلار 2008 - يىلنى خىتاينىڭ ھازا يىلىغا ئايلاندۇرماقچى" دېگەن ئىدى، بۇ بايانلار خىتاينىڭ بارلىق ئاخباراتلىرىدا ئېلان قىلىندى.
پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا ئولىمپىك بىخەتەرلىكى تەكىتلىنىۋاتقان پەيتتە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە گەرچە بېيجىڭ ئولىمپىك مەيدانىغا تۆت مىڭ كىلومېتىر يىراقتىكى قەشقەردە يۈز بەرگەن بولسىمۇ،دەر ۋەقە بۇ خىتاي ئولىمپىكى ئالدىدىكى خىتاينى ھەممىدىن بەك ساراسىمىگە سالغان بىر ۋەقە بولۇپ قالغان. بۇنىڭدىن خىتاي ئىچىدە پەيدا بولۇۋاتقان ئىنكاسلار دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭمۇ دىققەت نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولماقتا.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرى قەشقەرنىڭ مۇھىم يول ئېغىزلىرىنى قامال قىلىپ ۋە دوقمۇشلارغا تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى قۇرۇپ قەشقەر شەھىرىگە كىرىپ - چىقىۋاتقان ئاپتوموبىللارنى توختىتىپ تەكشۈرۈشكە باشلىغان ھەمدە كوچىلاردىمۇ گۇمانلانغان كىشىلەرنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرمەكتە ئىكەن.
ئۈرۈمچىدە بولسا 5 - ئاۋغۇستتىن باشلاپ كوچىلاردا ھەر يۈز مېتىردا بىردىن پوس تۇرغۇزۇش يولغا قويۇلغان ھەمدە بارلىق ئاممىۋى سورۇنلارغا كىرگەن - چىققانلار بىردەك ئاختۇرۇلۇۋاتقان ئىكەن.
شۇنداقلا خەۋەرلەردىن مەلۇم بولغاندەك، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە، بولۇپمۇ قەشقەردە زىيارەتتە بولۇشى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قاتتىق توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىماقتا، سەيشەنبە كۈنى ئىككى ياپونىيىلىك مۇخبىر خىتاي ساقچىلىرىنىڭ زورلۇق - زومبۇلۇقىغا ئۇچرىغان ئىدى.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ چارشەنبىدىكى خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي بىخەتەرلىكى دائىرىلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىشىچە، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئېچىلىش مۇراسىمى ئالدىدا پۈتۈن يوللاردا تەكشۈرۈش كۈچەيتىلگەن، كوچىلاردىمۇ تولۇق قوراللانغان چارلاش ئەترىتى 24 سائەت شەھەر كوچىلىرىنى چارلىغاندىن باشقا، ئاھالىلەرنىڭ ئىچىملىك سۈيىنى تەمىنلەش ئورۇنلىرىغا ئوخشاش مۇھىم ئىدارە - ئورگانلار 24 سائەت سىنئالغۇلۇق كۈزىتىلمەكتە ئىكەن.
" شىنجاڭلىقتىن چۆچۈش" كېسىلى
قەشقەر بىخەتەرلىك دائىرلىرىمۇ قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە"بىز قوللىنىش مۇمكىنچىلىكى بولغان بارلىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ بولدۇق، ئەمدى باشقا چارىمىز قالمىدى"دېگەن.
ھالبۇكى شىنجاڭ خەۋەر تورى بۈگۈن "قەشقەر ۋەزىيىتى ئىنتايىن تېنىچ، قەشقەر ئاممىسى بۇرۇنقىدەكلا خاتىرجەم خۇشال - خورام كۈن ئۆتكۈزمەكتە "دېگەن تېمىدا باش ماقالە ئېلان قىلدى

ۋە بۇنىڭدا قەشقەردە ياشىغىلى 49 يىل بولغان بىر خىتاي كۆچمەننىڭ " بىزنىڭ ياخشى كۈنلىرىمىزنى بۇزماقچى بولغانلار ھەرگىزمۇ ياخشى ئادەملەر ئەمەس" دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈردى. شۇنداقلا يەنە بىر خىتاي ياشنىڭ ئەتراپىمىزدا تېررورلۇق، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش نىيىتىدىكى مۇشۇنداق كىشىلەردىن ھەزەر ئەيلىشىمىز كېرەك" دېگەن سۆزلىرىنى ھەم نەقىل ئالغان.
بېرىتانىيە ئاخباراتى ھەمدە ئامېرىكا ئاۋازى قاتارلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ چارشەنبىدىكى خەۋەرلىرىدە ئېيتىلغاندەك، خىتاي جەمئىيىتىدە نۆۋەتتە " شىنجاڭلىقلاردىن ھەزەر ئەيلەش" خاھىشى ئالاھىدە گەۋدىلىنىۋاتقان بولۇپ، خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرى ۋەقە يۈز بەرگەن قەشقەر شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىدىلا ئەمەس گۇاڭجۇ، شېنجىنغا ئوخشاش شەھەرلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈش، ئۇلارنى ئالاھىدە نازارەت قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، تەيۋەن مەركىزى ئاخباراتى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، قەشقەردىكى ۋەقەدىن كېيىن خىتايدا كۆرۈلۈۋاتقان بۇ خىل ئىنكاسنى خىتايدا "شىنجاڭلىقلاردىن چۆچۈش" كېسىلى تارقالماقتا دەپ تەسۋىرلىگەن.
تەيۋەن مەركىزى ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گۇاڭجۇدا ئاشخانا ئاچىدىغان ۋە ئۇششاق تىجارەت قىلىدىغان ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، قەشقەردە ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن گۇاڭجۇ ساقچى دائىرىلىرى ساقچىلارنىڭ دەم ئېلىشىنى بىكار قىلىپ، بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىشكە سەپەرۋەر قىلغان. گۇاڭجۇ ساقچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈپ، گۇاڭجۇدا تۇرۇش رەسمىيەتلىرى يوق ياكى تولۇق ئەمەس كىشىلەرنى ئېلىپ كېتىۋاتقان بولۇپ، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارلا ئەمەس يەرلىك خېرىدارلارمۇ، ساقچىلارنىڭ بىھۇدە ئاۋارە قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇيغۇر تائاملىرى ئاشخانىلىرىغىمۇ كىرمەس بولۇپ قالماقتا ئىكەن.
ئۆچمەنلىك... ئەندىشە...
خىتاينىڭ بىر قىسىم مۇلاھىزە تور بەتلىرىدە بولسا قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلان قىلىۋاتقان بىر قىسىم كىشىلەر ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇرلارنى ھاقارەتلەيدىغان ھەتتا " بارلىق ئۇيغۇرلارنى قىرىۋېتىش كېرەك"، " خەپ ئولىمپىك تۈگەپ باقسۇن"، " ئۇلارنىڭ كۆرگۈلۈكىنى كۆرسىتىمىز، دۆلىتىمىزنىڭ يۈزىنى دەپ ئۇلارنى ھازىرچە ئاياپ قويايلى"، " ئۇيغۇر تېررورچىلارنىڭ مەقسىتى ئېنىق، ئۇلار خىتايلارغا جان جەھلىدىن ئۆچ، ئۇلارنىڭ ۋاقتىنچە تىنچلىنىپ قالغىنىغا ئالدانماسلىق كېرەك" ، " ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنى بۆلۈپ چىكىتىشنى ئويلايدۇ، ئۇلار تېررورچى، ئۇلار ھامان بىزگە باش ئەگمەيدۇ " دېگەندەك كۈچلۈك مىللىي ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى ئىپادىلەنگەن كۆز قاراش پىكىرلىرىنى ئېلان قىلماقتا.
ھالبۇكى ئۇيغۇرچە تور بەتلەردە قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلىش ھەمدە تورداشلارنىڭ پىكىر بايان قىلىشىمۇ قاتتىق چەكلەنگەن. مەلۇم داڭلىق ئۇيغۇرچە مۇلاھىزە تور بېتىدە قەشقەردە 4 - ئاۋغۇست ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە قىسقىچە خەۋەر قويۇلغان بولسىمۇ، بىر قانچە سائەتتىن كېيىن ئۆچۈرۈلگەن ئىدى.
گەرچە خىتاي دائىرىلىرى 4 - ئاۋغۇست قەشقەردە يۈز بەرگەن خىتاي چېگرا مۇداپىئە قىسىم ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىنى تېررورلۇق ھۇجۇم دەپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر چەتئەل ئاخباراتلىرى مەزكۇر ۋەقەنى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بېرى ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلىرىغا قارشى قوزغالغان نارازىلىق ھەرىكىتى دەپ مۇلاھىزە قىلىپ كەلمەكتە.
ھازىرغىچە ئېلان قىلىنىۋاتقان مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسىدە قەشقەردە ۋەقەنى سادىر قىلغۇچى ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەر - پۇقرالار ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ يەرلىك ئۇسۇلدا ياسىۋالغان بومبا ھەم قورال بىلەن خىتاي قوراللىق قىسىمغا ھۇجۇم قىلغانلىقى، بۇلارنىڭ ھەرىكىتى گەرچە پىلانلىق ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ھېچقانداق تېررورلۇق تەشكىلات ياكى گۇرۇپپا بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقى تەكىتلەنمەكتە.
ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋەقەدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەقە باھانىسىدا ئەسلىدىلا بېسىمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىگە بولغان سىياسىي بېسىمنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى، ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك سىياسەتلەرنى قوللىنىشىدىن ئەندىشە ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىمەكتە.