سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان "ئەل رىياد" گېزىتىنىڭ 2010 - يىلى8 - ئۆكتەبىر كۈنىدىكى سانىدا: "مەككە مۇكەررەمە ساقچى ئورگىنى 5 ئاپتوموبىل تۆمۈرنى ئوغرىلاپ سېتىۋەتكەن ئىككى نەپەر خىتاي ئىشچىسىنى قولغا چۈشۈردى" دېگەن تېمىدا بىر خەۋەر ئېلان قىلىنغان.
خەۋەردە مۇنداق دەپ يېزىلغان: "مەككە مۇكەررەمە رايونلۇق ساقچى ئورگىنىنىڭ چارلاش ئەترىتى مۇقەددەس جايلارنىڭ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىدا ئىشلەۋاتقان خىتاي ئىشلىرىدىن ئىككى كىشىنىڭ 5 ئاپتوموبىل تۆمۈرنى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق بىر نەپەر قۇرۇلۇشچىغا ئەرزان باھادا 33 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى مالنى (125 مىڭ رىيال پۇلغا تەڭ) سېتىۋەتكەنلىك دېلوسىنى پاش قىلدى. نەق مەيداندا تۇتۇلغان خىتاي ئىشچىلىرى مەككە مۇكەررەمە رايونلۇق ساقچى ئورگىنىنىڭ ئەزىزىيە شۆبىسىدە ئۆزلىرىنىڭ ئوغرىلىق جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغان. مەككە مۇكەررە رايونلۇق ساقچى ئورگىنى باياناتچىسىنىڭ گېزىتىمىزگە بەرگەن بايانىغا كۆرە، تۆمۈرنى ئوغرىلاپ ساتقانلار بۇ جىنايەتنى خېلى بۇرۇنلا پىلانلىغان بولۇپ، قارا بازارلاردىكى كېلىشتۈرگۈچىلەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بازار باھاسىدىن خېلى بەك ئەرزان پۇلغا سېتىۋەتكەن. تۆمۈرلەرنى ئالغۇچى بۇ تۆمۈرلەرنىڭ ئوغرىلانغانلىقىنى بىلمەستىن ئالغانلىقىنى دەۋا قىلىپ قۇتۇلغان. كېلىشتۈرگۈچىلەر بىلەن ئوغرىلار ساقچى ئىدارىسىدا قاماققا ئېلىنغان بولۇپ، يېقىندا سوتقا چىقىرىلىدىكەن."
سىراجىددىن ئەزىزى بىلەن سۆھبەت
مۇقەددەس جايلاردىكى تۆمۈر يولدا ئىشلەيدىغان خىتايلارنىڭ رەزىللىكلىرى ۋە ئەخلاقسىزلىقلىرى ھەققىدە كۆپرەك مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈمىدى بىلەن ۋەتەنپەرۋەر ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزىگە بىر قانچە سوئال بىلەن مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق.
سىراجىددىن ئەزىزى مۇنداق دېدى: " مۇقەددەس جايلاردىكى ئىشچى خىتايلارنىڭ جىنايەتلىرى بۇلارلا ئەمەس، بەلكى گېزىتلەردە ئېلان قىلىنغانلىرى ئوندىن ياكى يۈزدىن بىرى بولۇشى مۇمكىن. ئېلان قىلىنمىغان قىلمىشلىرىنىڭمۇ ئەلۋەتتە كۆپلۈكىدە شەك يوق. بۇ قېتىم پاش قىلىنغان جىنايەت بۇ جايدىكى ئىشچى خىتايلار سادىر قىلغان بىر قانچە تۈرلۈك مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. قىسقىسى، مەككىنىڭ چېگرىسىنىڭ سىرتىدا تۇرۇۋاتقان خىتايلارنى مۇسۇلمان ئەمەسلەر كىرىشكە بولمايدىغان جايلارغا بىلىپ تۇرۇپ كىرگەنلىكى ئۈچۈن چارلاش ئەترەتلىرى تۇتۇۋالغان ئەھۋاللارمۇ كۆپ. خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ مۇنداق قىلىشى تەبىئىي ئەھۋال. چۈنكى خىتايلار ئۆز يۇرتلىرىدىمۇ ئىشسىزلىق ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن ئوغرىلىق ۋە باشقا جىنايەتلەرنى قىلىپ ئۆگىنىپ قالغانلىقتىن بۇ جايلاردىمۇ مۇنداق جىنايەتلەرنى راھەت قىلىدۇ."
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.