ساختا يېمەك ئىشلەشتە ھازىرقى زامان پەن - تېخنىكىلىرىدىن پايدىلىنىش ئەڭ خەتەرلىك
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2008.10.23
2008.10.23
Photo: Wandashan Pharmaceutical
'روېيتېرس ئاگېنتلىقى'نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا ھازىر مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىدا، دۆلەتنىڭ يېمەك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتە جەرىمانە قويۇشنىڭ ئۆلچەملىرى ئېنىق بەلگىلىنىدىكەن.
خىتاينىڭ خەلق قۇرۇلتېيى بۈگۈن يېمەك بىخەتەرلىكى توغرىسىدا چىقىرىدىغان قانۇن لايىھىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقاندا، ئامېرىكىدا چىقىدىغان 'كۆزىتىش ژۇرنىلى'دا 'خىتايدا ئىجاد قىلىنغان ساختا مال ئىشلەش تېخنىكىسى' ماۋزۇلۇق بىر ئوبزور ئېلان قىلىندى. بۇ ئوبزورنىڭ مەزمۇنلىرى خىتايدا يېمەك بىخەتەرلىكىنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ۋە خىتايدا ھازىر يامراپ كەتكەن زەھەرلىك يېمەكلەر ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
ساختا مال ئىشلەش خىتايدا قەدىمدىن تارتىپ بار
'خىتايدا ساختا مال ئىشلەش قەدىمدىن تارتىپ بار، - دەپ بايانىنى باشلايدۇ 'خىتايلارنىڭ ساختا مال ئىشلەش تېخنىكىسى' دېگەن ئوبزورنىڭ ئاپتورى جاڭ مىڭ ئەپەندى. ئاپتور بۇ ئوبزورىدا، - ساختا مال ئىشلەيدىغان ساختىپەزلەر ئىككى خىل. ئۇنىڭ بىرخىلى پەن - تېخنىكىدىن ساۋادى يوقلار. ئۇلار ساختا مال ئىشلەشتە پەن - تېخنىكىدىن پايدىلىنالمايدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىققان ساختا مەھسۇلاتلىرى ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن: ئاشلىققا قۇم ئارىلاشتۇرۇپ مىقدارىنى ئاشۇرۇپ سېتىش. بەزىلەر ھەتتا چايغىمۇ قۇم ياكى باشقا ئەخلەتلەرنى ئارىلاشتۇرىدۇ. ساختا مال ئىشلەيدىغان ساختىپەزلەرنىڭ يەنە بىر خىلى يۇقىرى پەن - تېخنىكىدىن خەۋىرى بار بەدنىيەتلەر. ئۇلار ئىشلىگەن ساختا مالغا ئارىلاشتۇرۇلغان نەرسىنىڭ مىقدارى ئاز، لېكىن بەكلا غەلىتە. ئۇلار پۈتۈنلەي پەن - تېخنىكىدىن پايدىلانغان. ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەت ھەۋىسىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدۇ. ئىشلىگەن مەھسۇلاتقا ساختا نەرسىنى ئارىلاشتۇرمىسا كۆڭلى تىنىم تاپمايدۇ.خىتايدا يەنە بىر مۇنچە ساختىپەز ئاسارە ئەتىقىشۇناسلار بار، ئۇلار ئۆزىنىڭ قولىدىكى راس ئاسارە ئەتىقىنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ساختىسىنى ياساپ ساتىدۇ. تەيۋەندىكى گۇگۇڭ سارىيىدا ساقلىنىۋاتقان شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مىس قاچىلارنىڭ بىر مۇنچىسى شۇنداق ساختا ئاسارە - ئەتىقە. بۇنداق ساختا ئاسارە - ئەتىقىنى ئەينى ۋاقىتتا ھەتتا ئالىي مۇتەخەسسىسلەرمۇ پەرق ئېتەلمىگەن. بەزى ساختىپەزلەر ئۆزى ساقلاۋاتقان قەدىمقى رەسىم - بېزەكلەرنى پارچىلاپ، ئۇنى تەقلىت قىلىپ سىزغان رەسىم ياكى بېزەكلەرنىڭ ئارىسىغا چاپلاپ، ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ سىزىلغان قەدىمقى رەسىم ياكى بېزەكلەر دەپ ئاتاپ باھاسىنى ئۆرلىتىپ ساتىدۇ'دەپ بايان قىلىدۇ.
خىتاينىڭ شىنجاڭ مۇزىيىدىمۇ لى فامىلىلىك بىر ئارخېئولوگ پەقەت خىتايلارنى ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇستازى ئىدى دەپ تەشۋىق قىلىش ئۈچۈنلا، ئوپال يېزىسىدىن تېپىلغان بىر پارچە چاغىتايچە قوليازمىنىڭ كەينىگە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى نەزمىلەرنى كۆچۈرۈپ يېزىپ ساختا ئاسارە - ئەتىقە ياسىغان، بۇنى ھەتتا ئارخېئولوگلارنىڭ پىشىۋاسى گومورومۇ پەرق ئېتەلمىگەن.
بەزى بەدنىيەتلەر ئاق ھاراققا 'دىدىۋى' قوشسا تەمى ماۋتەي ھارىقىغا ئوخشايدىغانلىقىنى، ئۇنى ئىچكەن ئادەم دەرھال ئۆلمەيدىغانلىقىنى بىلگەن
مەزكۇر ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، قەدىمقى دەۋردە خىتايدا ساختا مال ئىشلىگۈچىلەر پەقەت ئىشلىگەن مالنى تېخىمۇ كۆركەم قىلىشنى ۋە بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىشنى ئويلاتتى. ئەمما زامانىمىزدىكى ساختىپەزلەر ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار بەدنىيەتلىكتە چېكىدىن ئاشتى. ھەتتا ھازىرقى زامان پەن - تېخنىكىلىرىنى قوللىنىپ ساختا مال ئىشلەيدىغان بولدى. يېمەكلەردىكى ئاقسىل تەركىۋىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مېلامىن قوشۇش ئالىي مەكتەپلەرنىڭ خېمىيە - سانائىتى دەرىسلىكلىرىدە يوق، ئەمما بۇنداق قىلىشنى بەدنىيەتلەر ئورگانىك خېمىيە بۇيىچە ئۆزى خالىغانچە ھەر خىل سىناق ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق تاپقان.بەزى بەدنىيەتلەر ئادەتتىكى ئاق ھاراققا ئازراق 'دىدىۋى' قوشقاندا، ئۇنىڭ تەمى ماۋتەي ھارىقىغا ئوخشاپ قالىدىغانلىقىنى، بۇنى ئىچكەن ئادەم دەرھال ئۆلمەيدىغانلىقىنى بىلىۋالغان. جىن شېڭتەن دېگەن كىشى قېرىپ ئۆلۈم گىردابىغا يەتكەندە 'تۇزلانغان پۇرچاققا قارامۇچنى قوشۇپ يېسە، ئۇنىڭ تەمى ياڭاق مېغىزىغا ئوخشايدۇ' دېگەن تېخنىكىسىنى بالىلىرىغا ئېيتىپ بېرىپ ئاندىن جان ئۈزگەن. بۇنداق سىناق نەتىجىلىرى ياكى سىرلار نەشرىيات ھوقۇقى ئوغرىلانغان ساختا كىتابلاردا ئۇچرايدۇ.
بەزى ساختىپەزلەر دېڭىز ھايۋانلىرىنى تېز بوداش ئۈچۈن تۇغۇت چەكلەش دورىسىنى قوللانغان
مەزكۇر ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، ساختا يېمەك ئىشلەيدىغان بەدنىيەتلەر ھەتتا دېڭىز ھايۋانلىرىنى تېز بوداش ئۈچۈن تۇغۇت چەكلەش دورىسىنى، بەزىدە سىخۇەنسۇ تابلىتلىرىنى قوللانغان. ئۆدەكلەرگە 'سۇدەنخوڭ' دېگەن خىتايچە تىبابەت دورىسى يېگۈزۈپ، تۇخۇمىنىڭ سېرىقىنى قىزارتىپ 'ئالاھىدە مەھسۇلات' دەپ ساتقان. بۇنداق ئۆدەكلەرنى بولسا 'دېڭىز راكى يېگۈزۈپ بودالغان ئۆدەك' دەپ ساتقان. خىتايدا بەدنىيەتلەر پەقەت ئۆزلىرى كۆپ مەنپەئەت قازىنىش ئۈچۈنلا، ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە زىيانلىق ياكى زىيانلىق ئەمەسلىكىنى ئويلىمايدۇ. بۇنداق ساختىپەزلەر ئاخىر 'جۇڭگودا ئىشلەندى' دېيىلگەن 'سەنلۇ' ماركىلىق يېمەكلەر پۈتۈن دۇنيانىڭ نەپرىتىنى قوزغىغاندا ئاندىن مات بولدى. ئەگەر ئۇلارنىڭ نىيىتى توغرا بولسا، مۇشۇنداق تىنىم تاپماي سىناق قىلىش جەريانىدا خىتايدىن نەچچىلىگەن ئېدسون چىقماسمىدى؟ساختىپەزلىك يۇقىرى قاتلاملاردىمۇ بىر خىل سىياسىي مەدەنىيەتكە ئايلىنىپ بولغان
مەزكۇر ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، ئوچۇق - يورۇق بولۇپ ئىنسانىيەتكە پايدىلىق نەرسە ئىجاد قىلىشنى ئويلىماسلىق خىتايلاردا بىر خىل ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان. بۇنداق ساختىپەزلىك بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ كارى يوق. خەلق زەھەر ساتقان ساختىپەزنى ساقچىغا تۇتۇپ بەرسە، ساقچى ئۇنى ئارقا ئىشىكتىن قويۇپ بېرىدۇ. چۈنكى ساختىپەزلىك يۇقىرى قاتلاملاردىمۇ بىر خىل سىياسىي مەدەنىيەتكە ئايلىنىپ بولغان. ھازىر خىتايدا مەزمۇنى خەلققە ياقىدىغان كىتاب چىقسىلا، ئۇنىڭ نەشرىيات ھوقۇقىنى ئوغرىلاپ ئۇنىڭ ساختىسىنى نەشر قىلىپ، ئەسلىدىكى كىتابنىڭ بازىرىنى كاسات قىلىدۇ.ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئەگەر خىتايدا ئادىل قانۇن بولسا، ھۆكۈمەت قانۇن بۇيىچە ئىش قىلسا، خىتاي جەمئىيىتىدىكى ئەنئەنىۋىي ساختىپەزلىك خەتەرلىك ئەمەس، ئەڭ خەتەرلىكى ھازىرقى زامان پەن - تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ساختا مال ئىشلەش.