[ تۈركىيىدە چىقىدىغان رادىكال گېزىتىنىڭ خەۋىرىدەOpens in new window ]
بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بىر قانچە مىڭ كىلومېتىرلىق ئۇزۇنلۇقتىكى سەددىچىن سېپىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن شىمالغا قاراپ سوزۇلغان تەرەپتە، ئۇزۇنلۇقى 700 كىلومېتىر كېلىدىغان يېڭى بىر سېپىل بايقالغان. 1987- يىلى خىتاينىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە دۇنيا مىراسلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن سەددىچىن سېپىلى مىلادىيىدىن ئىلگىرى خىتاي ئىمپىراتورلار تەرىپىدىن سالدۇرۇلغان.
بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىل - ئەدەبىيات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور مېتىن قارائۆرس ئەپەندى سەددىچىن سېپىلى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: سەددىچىن سېپىلى تۈركلەرنىڭ خىتايغا كىرىشىنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن ياسالغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ ئېھتىمالغا بەك يېقىن، چۈنكى خىتايلار بىلەن تۈركلەر ئايرىم ئىككى ئىنسان تىپى ۋە ئايرىم ئىككى مەدەنىيەتكە ئىگە ئىنسانلار. خىتاينىڭ مەدەنىيىتى بىلەن تۈركلەرنىڭ مەدەنىيىتى ھېچقاچان كېلىشەلمىگەن . بۇ كېلىشەلمەسلىكنىڭ سەۋەبى بىزنىڭ كۆكتۈرك ئابىلىرىمىزدە ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ئىپادىلەنگەن. خىتايلار تۈركلەرنىڭ ئۆزلىرىگە يېقىنلىشىشنى خالىمايدۇ . شۇ سەۋەبتىن ئۇلار سەددىچىن سېپىلنى ياسىغان. تۈركلەرنىڭ ئۇلار تەرەپكە كېلىشىنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن ياسىغانلىقى كۆپلىگەن تارىخچى ئالىملار تەرىپىدىن تەستىقلاندى.
سەددىچىن سېپىلى قاچان ۋە نېمە سەۋەبتىن سېلىنغان؟. خىتايلار سەددىچىن سېپىلىنى تۈركلەرنىڭ ھۇجۇملىرىدىن قورقۇپ ياسىغانمۇ؟ سەددىچىن سېپىلى خىتايلارنىڭ ئەسلى چېگىرىسىمۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن. تۈركىيىنىڭ ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتۇر ئالىمجان ئىنايەت بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
پروفېسسور دوكتۇر ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سەددىچىن سېپىلىنىڭ سېلىنغان ۋاقتى ھون ئىمپىراتورلۇقىنىڭ كۈچلەنگەن دەۋرىگە توغرا كېلىدىكەن . ئالىمجان سەددىچىن سېپىلىنىڭ سېلىنىش سەۋەبلىرى ھەققىدە بىر قانچە خىل كۆز قاراشلار بولسىمۇ، ئەڭ ئىشەنچلىك قاراش خىتايلار ھونلارنىڭ، تۈركلەرنىڭ شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھۇجۇملىرىدىن قورقۇپ ياسىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈرك تارىخچى ئالىملىرى، سەددىچىن سېپىلىدىن ئادرىياتىككىچە بولغان زېمىنلارنى تۈرك جۇغراپىيىسىگە تەۋە يەنى تۈركلەرنىڭ يۇرتى دەپ قارايدىكەن. يەنى سەددىچىن سېپىلىنى خىتايلارنىڭ ئەسلى چېگرىسى دەپ قارايدىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.