خىتاينىڭ شاڭخەي 6 رامكىسى ئاستىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى نېمە؟ (1)

تېخى يېقىندىلا خىتاي 2009 - تىنچلىق بۇرچى نامىدا رۇسىيە بىلەن تېررورلۇققا قارشى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ بىرىنچى بۆلىكىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى. ھەربىي ئىشلارغا دائىر خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي يەنە نۆۋەتتە 2010 - يىلى تىنچلىق بۇرچى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىنى قازاقىستان بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزۈش تەييارلىقىنى كۆرۈۋاتماقتا ئىكەن.

0:00 / 0:00

كۆزەتچىلەر، خىتاينىڭ قازاقىستان بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزمەكچى بولغان بۇ ھەربىي مانېۋىرىنىڭ سىياسىي ئىستىراتېگىيىلىك ئارقا كۈرۈنىشىنىڭمۇ خىتاينىڭ رايوندىكى ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىگە تەھدىت پەيدا قىلىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقى بىلەن باغلاپ مۇلاھىزە قىلماقتا.

خىتاي ھەربىي ئىشلار تور بېتىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىغا قارىغاندا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ " تىنچلىق بۇرچى" دەپ نام بەرگەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق پىلانىنى تۈزۈش يىغىنى 24 - ئىيۇل ئالماتادا ئاخىرلاشقان. يىغىندا خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ 2010 - يىلى 9 - ئايدا بىرلىشىپ، تىنچلىق بۇرچى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىق كېلىشىمى ئىمزالانغان.

بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، مانېۋىر قازاقىستان چېگرىسى ئىچىدە، كېلەر يىلى 9 - سىنتەبىردىن 17 سىنتەبىرگىچە ئېلىپ بېرىلىش بەلگىلەنگەن بولۇپ، مانېۋىرغا 10 مىڭ ئەتراپىدا ئەسكەر قاتناشتۇرۇلىدىكەن.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان " تىنچلىق بۇرچى بىرلەشمە مانېۋىرىنىڭ 1 - بۆلىكى خىتاي ‏ - رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ ھەمكارلىقىدا 26 - ئىيۇن تاماملانغان ئىدى. مەزكۇر بىرلەشمە مانېۋىرىنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچىنىڭ قەيەردە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى كېلەر يىلى قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان مانېۋىردىن كېيىن، 11 - ئايدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئالماتادا ئۆتكۈزۈلىدىغان بىخەتەرلىك مىنىستىرلىرى يىغىنىدا بېكىتىلىدىكەن.

خىتاي گەرچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇش ھەم ھەربىي ھەمكارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پائالىيەتلىرىنىڭ مەقسىتىنى ئىلگىرى،خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ھەم رايون بىخەتەرلىكى ۋە ئەزا دۆلەتلەر ئورتاق مەنپەتلىرىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ كەلگەن بولسىمۇ، خەلقئارالىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش باھانىسىدە ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ يەنى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىنىڭ رايوندىكى تەسىرىگە قارشى تۇرۇشنى ئاساسلىق مەقسەت قىلىۋاتقانلىقى خەلقئارادىكى ئاشكارا مۇلاھىزە تېمىسى بولۇپ كەلگەن.

بۇ قېتىم خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش ھارپىسىدا 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى مەيدانغا كېلىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى شەرقىي تۈركىستان تېررور ۋە بۈلگۈنچىلىرىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت ۋە رايونلارغا نىسبەتەن ئورتاق مەۋجۇت بولغان تەھدىتى كۈچ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى" دەپ كۆرسىتىپ كەلمەكتە شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرگە قايتىدىن توپلىنىش سىگنالى بېرىپ"ئۈچ خىل كۈچلەر"نىڭ مەبلەغ ھەم ماددىي ئەشيا ئۆتكۈزۈشىنى چەكلەپ، ئۇلارنى رايوندا قامال قىلىپ تۇرۇپ، بىرلىكتە زەربە بېرىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھەتتا خوڭكوڭ سۇمرۇغ تېلىۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى باش قوماندانى چېڭ بىڭدﯤ، 25 - ئىيۇل خىتاي ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىياغا ئەسكەر كىرگۈزۈش غەرىزى بارلىقىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ " خىتاي ئارمىيىسىنىڭ تېررولۇققا قارشى جەڭ قىلىش پۇختا تەييارلىقى بار، ئەگەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يول قويسا، بىز شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدا ئوتتۇرا ئاسىياغا ئەسكەر كىرگۈزسەك بولىدۇ" دېگەن.

خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدا يىللاردىن بېرى ئېلىپ بېرىۋاتقان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرلىرى ئانچە دىققەت قوزغىمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ نۆۋەت 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ خىتاي رۇسىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ ئالدىدا يۈز بېرىشى ھەم ئۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ قازاقىستان بىلەنمۇ ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغانلىقى قاتارلىق ۋەقەلەر دۇنيا مەتبۇئاتىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

مۇلاھىزىلەردە خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ 2009 - ھەربىي مانېۋىرىنىڭ ئېنىق قاراتمىلىققا ئىگە ئىكەنلىكى يەنى ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچلەرگە ئورتاق زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يەنە بەزى مۇلاھىزىلەردە، خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدا بارغانچە ئوتتۇرا ئاسىيادەك ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە رايوندا تەسىر كۈچىنى تۇرغۇزۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش ۋە ياكى تېررورلۇققا قارشى ئورتاق كۈرىشىنىڭ پەقەت بىر باھانە بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ مەقسىتى ھەم تەسىرلىرى ھەققىدە، تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مەركىزى ئاسىيا ئىسىتراتېگىيە تەتقىقاتچىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۆزىنىڭ مۇلاھىزىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا قەدىمىنى مۇستەھكەملەشنىڭ، خىتاينىڭ تارىختىن بۇيانقى سىياسىي ئىسىتراتېگىيىلىك ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۇنى سىياسىي يوللار بىلەن ئەمەس، ھەربىي ۋە باشقا كۈچىگە تايىنىپ رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، يۇقىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسىدا، تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەم ئېلىپ بارغۇسى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرلىرىنىڭ ھەقىقىي مەقسەتلىرى ھەققىدە تەييارلانغان مۇلاھىزە پروگراممىمىزنىڭ ئالدىنقى قىسمى بىلەن تونۇشتۇڭلار، داۋامىنى كېيىنكى قېتىملىق پروگراممىزدا تونۇشتۇرۇمىز.