پرېزىدېنت لى ميۇڭ باك، شىمالىي كورىيە بىلەن بولغان تۈرلۈك تىجارىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ توختايدىغانلىقىنى، شىمالىي كورىيىگە تەۋە تىجارىي كېمىلەرنىڭ جەنۇبىي كورىيىگە كېلىشىگە رۇخسەت بېرىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۈگۈن ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، جەنۇبىي كورىيىنىڭ شىمالىي كورىيىگە قارشى ئالغان تەدبىرلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاقسارايدىن بېرىلگەن مەلۇماتقا قارىغاندا، ئوباما ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ شىمالىي كورىيىدىن كەلگۈسىدە كېلىش ئېھتىمالى بولغان خەۋپكە قارىتا جەنۇبىي كورىيە ھەربىي دائىرىلىرى بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشى ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن.
شىمالىي كورىيىنىڭ مەزكۇر قىلمىشى خەلقئارادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. گەرچە شىمالىي كورىيە بۇنى قاتتىق رەت قىلغان بولسىمۇ، ھەر قايسى دۆلەت مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەشكىل تاپقان تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى، نەقمەيداندىن تېپىلغان كېمىنى چۆكتۈرۈۋەتكەن بومبىنىڭ پارچىلىرىنىڭ شىمالىي كورىيىگە تەۋە بومبا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.
جەنۇبىي كورىيە پرېزىدېنتى لى ميۇڭ باك بۈگۈنكى باياناتىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋىپسىزلىك كېڭىشىگە شىمالىي كورىيىگە ئىمبارگو قويۇش ھەققىدە ئىلتىماس سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بەش دائىمىي ئەزاسى بولغان خىتاينىڭ پوزىتسىيىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ تۇرماقتا. ھازىرغىچە شىمالىي كورىيىنى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ئەيىبلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىملىق ۋەقەدىمۇ شىمالىي كورىيىنى ئەيىبلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئىككى تەرەپنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، زىددىيەتنىڭ تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىردى.
مەزكۇر ۋەقەنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن پۈتۈن مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتى يەنە خىتاينىڭ مەزكۇر مەسىلە ئۈستىدە چىقىرىدىغان قارارىغا مەركەزلەشتى. ئۇلار ئەسلىدىلا غەرب ئەللىرى بىلەن شىمالىي كورىيە ئارىسىدا تەڭقىسلىقتا قالغان خىتاينىڭ، پاراخوت چۆكتۈرۈۋېتىش ۋەقەسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن تېخىمۇ تەس كۈنگە قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئامېرىكىدا نەشردىن چىقىدىغان نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان "خىتاي ئىككى فرونت ئارىسىدا قارار بېرىشكە مەجبۇر بولماقتا" سەرلەۋھىلىك مۇلاھىزىدە خىتاينىڭ بىر تەرەپتىن شىمالىي كورىيە بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى داۋام قىلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلىقى، ئەمما يەنە بىر ياقتىن غەربنىڭ بۇ دۆلەتكە قارشى پوزىتسىيە ئېلىشى ھەققىدىكى بېسىمىغا ئۇچراۋاتقانلىقى بايان قىلىنىپ، خىتاينىڭ قايسى تەرەپنى تۇتۇشىدىن قەتئىينەزەر، نەتىجىدە پايدا ئالالمايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
مۇلاھىزە ماقالىسىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: "خىتاي گەرچە شىمالىي كورىيىنىڭ بۇنداق مۇشتۇمزورلۇقىدىن بەك خۇشال بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنى توسالىغۇدەك كۈچى يوق. چۈنكى شىمالىي كورىيە ھەممە دۆلەتكە تەڭ ئۇرۇش ئېلان قىلدى. شۇڭا خىتاي شىمالىي كورىيىگە قارشى تۇرۇش ئارقىلىق رايوندا ئۆزىگە يادرو قورالغا ئىگە بولغان بىر دۈشمەن تېپىۋېلىشنى خالىمايدۇ."
ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بولسا، خىتاينىڭ بۇرۇن شىمالىي كورىيە بىلەن ئىنتايىن قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى، ئەمما شىمالىي كورىيە ئۆز ئالدىغا يادرو بومبىسى ياسىغاندىن كېيىن ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، شىمالىي كورىيە بىلەن ئارىلىق قويۇشقا تىرىشچانلىقىنى ۋە خەلقئاراغىمۇ شۇنداق تەسىر بېرىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتاينىڭ نۆۋەتتە بۇ مەسىلىگە قارىتا ئىككى بىسلىق سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا - خىتاي ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆھبىتى ئۈچۈن ھازىر خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون شىمالىي كورىيىنىڭ بۇ قىلمىشىغا "ۋەھىمىلىك" دەپ باھا بېرىپ، شىمالىي كورىيىگە قارشى ئېلىنىدىغان تەدبىرلەرنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەلۇم بولۇشىچە، ھىللارىي كلىنتوننىڭ بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتىنىڭ ئىككى مۇھىم تېمىسى بار بولۇپ، بۇنىڭ بىرى، خىتاي بىلەن بولغان تىجارىي مۇناسىۋەتلەر، يەنە بىرى، كورىيە يېرىم ئارىلىدىكى جىددىي ۋەزىيەت.
ھىللارىي كلىنتون خانىمنىڭ بۇ سۆھبەتتە خىتايغا شىمالىي كورىيىگە قارشى ئوچۇق بىر پوزىتسىيە بىلدۈرۈش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئەمما ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، مەيلى ئامېرىكا پرېزىدېنتى خىتايغا زىيارەتكە بارغاندا بولسۇن، مەيلى باشقا ئامېرىكىلىق رەھبەرلەر خىتايغا بارغاندا بولسۇن، ئۇلار ھەممىسى شىمالىي كورىيە مەسىلىسىدە خىتاينىڭ ئوچۇق بىر پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ يەنىلا تەرەپ تۇتۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا بۇ نۆۋەت ھىللارىي كلىنتوننىڭ زىيارىتىدىمۇ دەرھال بىر نەتىجە چىقىدىغانلىقىنىڭ ئېھتىمالغا ئانچە يېقىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىدە، ئالدىنقى ئايدا جەنۇبىي كورىيىنىڭ پرېزىدېنتى لى ميۇڭ باكنىڭ خىتايغا زىيارەتكە بېرىپ خىتاينىڭ ئوچۇق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، بىر ھەپتە كېيىنلا شىمالىي كورىيە پرېزىدېنتى كىم جوڭئىلنىڭ خىتايغا زىيارەتكە بارغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ئىشنىڭ ھەر ئىككى كورىيىنى ھەيران قالدۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇلاھىزىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئانالىزچىلار مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى خىتاي رەھبىرى ۋېن جياباۋنىڭ جەنۇبىي كورىيىگە زىيارەتكە بارىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلماقتا ئىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.