ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن بۇ خىتاي كادىرلارنىڭ ئۆز ھوقۇقلىرىدىن پايدىلىنىپ يەرلىك ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سېلىۋاتقان قىلمىشلىرى ھەققىدە رادىئومىزغا كۆپ قېتىملاپ ئىنكاسلار كەلمەكتە. يېقىندا ئۇيغۇر دېھقانلار قەشقەرنىڭ يېڭىشەر ناھىيىسى تازغۇن يېزىسىدا ئىككى يىلدىن بۇيان پارتكوم سېكرىتارلىقى ھوقوقىدىن پايدىلىنىپ دېھقانلارنى قاخشاتقان شەندۇڭلۇق بىر خىتاي كادىر ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى - 1998يىلىدىن باشلاپ، شەندۇڭ، جېجياڭ قاتارلىق خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە ياردەم بېرىش كادىرلىرى نامىدا يىلدا نەچچە يۈز كىشىلىك ئۆمەكنى ئەۋەتىپ، بۇ خىتايلارنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ناھىيە، يېزىلارنىڭ پارتكوم سېكرىتارلىق ۋەزىپىلىرىگە قويۇپ كەلدى.
.
يېقىندا رادىئومىزغا يېڭىشەر ناھىيىسىدىكى بىر قانچە دېھقان مەزكۈر ناھىيىگە شەندۇڭدىن كېلىپ تازغۇن يېزىلىق پارتكوم سېكرىتارلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغىنىغا ئىككى يىلدىن ئۇزۇن ۋاقىت بولغان شۇنداق بىر خىتاي كادىر ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى.
نۆۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئاجرىتىپ ئۇيغۇر يېزا - كەنتلىرىدە قوش تىل يەسلىلىرىنى قۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم، تازغۇن يېزىلىق قوش تىل يەسلىسى بولسا - 2006 يىلىنىڭ ئاخىرى قەشقەردە تەجرىبە خاراكتېرلىك ئەڭ دەسلەپ قۇرۇلغان قوش تىللىق يەسلىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەسلىنىڭ قۇرۇلۇشىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاستە مەبلىغىدىن باشقا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىمۇ 200 مىڭ يۇەن مەبلەغ سالغان ھەقسىز يەسلى. بۇلتۇردىن باشلاپ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان قوش تىللىق مائارىپى سىياسىتىنىڭ تۈپ نىشانىنى يەسلى مائارىپىغا قارىتىشى بىلەن يەسلىگە ئېلىنغان بالىلارنىڭ تاماق پۇلى ئۈچۈن ھەر بىر بالىغا ئىككى يۇەندىن بېكىتىپ دۆلەت مەبلەغ ئاجراتقان.
بىز مەزكۈر يېزىنىڭ قوش تىل يەسلىسىگە ئاجرىتىلغان بۇ مەبلەغنىڭ قانداق باشقۇرۇلىدىغانلىقىنى، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەبلەغنىڭ شەندۇڭلۇق كادىر تەرىپىدىن يۇتىۋېلىنغانلىقىدىن خەۋىرى بار - يوقلىقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تازغۇن يېزا باشلىقى ئەنۋەر بىلەن ئالاقىلاشتۇق. ئۇ سوئاللىرىمىزغا قىسقىلا جاۋاب بەردى.
گەرچە بۇ ئۇيغۇر كادىر دېھقانلارنىڭ لى خۇەيرېن ئۈستىدىن قىلغان ئەرزىنى ئىنكار قىلىپ، بۇ شەندۇڭلۇق كادىرنى ئاقلىغان بولسىمۇ، ئەمما يەنە باشقا دېھقانلارمۇ يېزا شۇجىسى لى خۇيرېننىڭ خىيانەتچىلىكلىرى ئۈستىدىنمۇ شىكايەت قىلىشتى.
بىز تازغۇن يېزا دېھقانلىرىنىڭ لى خۇەيرېننىڭ ھوقوقىدىن پايدىلىنىپ دېھقانلارنى قاقتى - سوقتى قىلغانلىق قىلمىشلىرى ھەققىدىكى نارازىلىق پىكىرلىرىدىن كېيىن، مەزكۈر مەسىلىلەر ھەققىدە تازغۇن يېزىلىق پارتكوم ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق، تېلېفوننى ئالغان خىتاي ئۆزىنىڭ لى خۇەيرېن ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ سوئاللىرىمىزغا يېزىدىكى خېلى يۇقىرى ھوقوقداردەك ئىپادە بىلدۈردى :
- ھە سۆزلەڭ.
مەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى، سىلەرنىڭ يېزىدا قوش تىل يەسلىسى قۇرۇلۇش ئىشلىرى ھەققىدە زىيارەت قىلماقچىتىم. ھۆكۈمەت بۇ يېزىغا قۇرغان قوش تىل يەسلى بالىلىرىنىڭ تاماق پۇلى ئۈچۈن قانچىلىق پۇل ئاجراتقان ئىدى؟
- سىز نەدە ھازىر؟
- ئامېرىكىدا.
- ئامېرىكىنىڭما، سېنىڭ سوئالىڭغا جاۋاب بېرىش مەجبۇرىيىتىم بارمىتى؟
- مەن مەجبۇرىيىتىڭىز بار دېمىدىم، بۇ سۇئالدىن قېچىشىڭىزدىكى سەۋەب نىمە؟ ھۆكۈمەتنىڭ قوش تىل يەسلىسى قۇرۇش سىياسىتىدە ئاشكارىلاشقا بولمايدىغان تەرەپلەر بارمۇ؟
- بىزنىڭ بۇ يەردىكى سىياسىتىمىز، پارتىيىنىڭ ناھايىتى ياخشىلىقىنى بىلمەمسەن. سەن جۇڭگولۇقلارنى نېمە كۆرۈۋاتىسەن، بۇ دېگەن ھۆكۈمەت، قالايمىقان تېلېفون قىلما، تېلېفون قىلغىڭ بولسا ئافغانىستان، پاكىستانلارغا قىل.
- سىز تازغۇن يېزىلىق يەسلىگە ھۆكۈمەت ئاجراتقان تاماق پۇلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقىڭىزنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەمسىز ؟
- ئەڭ ياخشىسى بۇنىڭدىن كېيىن ھۆكۈمەت ئورنىغا بۇنداق قالايمىقان تېلېفون قىلما.
%98 ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان يېڭىشەر ناھىيىسىنىڭ تازغۇن يېزىسىدا 12 كەنت بولۇپ لى خۇەيرېن بۇ يېزىنىڭ سۇ، مالىيە، مائارىپ، كادىر باشقۇرۇش، ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشقا ئوخشاش ئەڭ مۇھىم ساھەلىرىنى باشقۇرۇشقا قويۇلغان پارتكوم سېكرىتارى بولۇپ، ئۇ بۇ يېزىغا كەلگەندىن بۇيان، "مۇقىملىقنى قوغداش ئەڭ مۇھىم مەسئۇلىيەت، تەرەققىيات ئەڭ مۇھىم خىزمەت،" دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ " بىخەتەر يېزا قۇرۇش" پائالىيىتىنى قوزغاپ يەرلىك كادىر ھەم دېھقانلارغا قاتتىق سىياسىي تەلەپ قويۇپ، ئۆز ئەمەلىيىتىدە بولسا ھوقوقىدىن پايدىلىنىپ ھۆكۈمەتنىڭ يېزىغا ئاجراتقان ياردەم مەبلەغ تۈرلىرىگە قول سالغاندىن باشقا، تۈرلۈك يەرلىك سىياسەتلەرنى چىقىرىپ نامرات دېھقانلارنى قاقتى - سوقتى قىلىپ نۆۋەتتە نارازىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا ئىكەن.
قەشقەر ھۆكۈمەت تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، يېڭىشەر ناھىيىسىگە بۇ قېتىم يەنە - 6تۈركۈمدىكى 40 نەپەر " شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كادىرلار ئۆمىكى" كەلگەن بولۇپ، ئۇلار يېڭىشەھەرنىڭ ھەر قايسى يېزا - كەنت ۋە مەمۇرىي ئورگانلىرىدا ھوقوق تۇتماقتا. ھۆكۈمەت كادىرلاردىن باشقا يەنە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگىمۇ تۈركۈملەپ خىتايلارنى ئوقۇتقۇچىلىققا ئورۇنلاشتۇرماقتا ئىكەن.