خىتاي يەنە سىياسىي ھەرىكەتنىڭ نامىنى ئۆزگەرتتى

كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان 'سوتسىيالىستىك تەربىيە'، مىللەتلەر ئىتتىپاقى تەربىيىسى' دېگەندەك ھەرخىل ناملار بىلەن ئۇيغۇرلارغا قارىتا سىياسىي ھەرىكەت قوزغاپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ قېتىم يەنە بىر يېڭى ھەرىكەت قوزغاش ئالدىدا تۇرىدۇ.

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ 'تەڭرىتاغ تور بېتى' دە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ تەشۋىقات تارماقلىرى كېلىدىغان 3 ‏ - ئاينى پۇقرالارغا ئەخلاقى تەربىيە ئېلىپ بارىدىغان ئاي قىلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، خىتاي بۇ قېتىم ئېلىپ بارىدىغان يېڭى ھەرىكەتنىڭ نامىنى 'پۇقرالارنىڭ ئەخلاق قۇرۇلۇشى تەربىيىسى' دەپ نام قويغان.

خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سىياسىي ھەرىكەتنى 2 ‏ - ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، دۇنيادا ئاللىقاچان گۇمران بولغان سوتسىيالىزمنىڭ قىممەت قارىشىنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق باشلايدىكەن.

خىتاينىڭ شىنجاڭ گېزىتى ۋە رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى كادىرلارغا، خەلققە 'ۋەتەن قەلبىمدە' دېگەن تېمىدا ماقالە يازغۇزىدىكەن. 'كوممۇنىست پارتىيە ياخشى'، 'سوتسىيالىزم ياخشى'، ئازادلىق ئارمىيە ياخشى'، 'مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ياخشى'، 'ئىشىكنى ئېچىۋېتىش - ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ياخشى' دەپ ناخشا ئېيتقۇزىدىكەن. 3 ‏ - ئاينىڭ ئاخىرىدا 'خىتاي مىللىتىچە ئېسىل پەزىلەتلىك نەمۇنىچى' لارنى تاللاپ چىقىدىكەن.

خىتاي بۇ قېتىم ' ئەخلاق تەربىيىسى' دېگەن ھەرىكەت ئارقىلىق ئۆزىنى خەلققە ئېتىراپ قىلغۇزماقچى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىتنىڭ قارىشىچە، خىتاي يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئۈنۈمى بولمىدى، بۇ قېتىم يەنە ئەخلاق تەربىيىسى' دېگەن نام بىلەن سىياسىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، ئۆزى يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلەرنى خەلققە قوبۇل قىلدۇرۇش، ئۆزىنى خەلققە ئېتىراپ قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىۋاتىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئەخلاقنى ھۈرمەت قىلغان ھاكىمىيەت ئەمەس

دىلشات رېشىتنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئەخلاق دېگەننى ھۈرمەت قىلغان ھاكىمىيەت ئەمەس. ئەگەر ئەخلاق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشقا توغرا كەلسە، خىتاي ئالدى بىلەن ئۆز پۇقرالىرىغا ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ئەگەر ئۇيغۇرلاردا ئەخلاقسىزلىق بار دېيىلسە، بۇنداق ئىللەتلەر پەقەت خىتاي كۆچمەنلىرى كەلگەندىن كېيىن پەيدا بولغان.

خىتاينىڭ مەقسىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق تۇيغۇلىرىنى تۈپ - يىلتىزىدىن يوقاتماقچى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىتنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرى ئۆزگەرگىنى يوق. دائىم ئوخشىمىغان نام بىلەن ھەرىكەت قوزغاپ باستۇرۇشنى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ. خىتاي ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى قوبۇل قىلغان كىشىنى 'ياخشى پۇقرا' دەيدۇ، قوبۇل قىلمىغان كىشىنى ھەرخىل بەتنام بىلەن باستۇرىدۇ. ئۇنىڭ مەقسىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق تۇيغۇلىرىنى ھەرخىل نامدىكى ھەرىكەت ئارقىلىق تۈپ - يىلتىزىدىن يوقاتماقچى.

شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىككە بولغان ئىرادىسى سۇنمايدۇ

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىتنىڭ قارىشىچە، گەرچە خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ھەرخىل نام بىلەن سىياسىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش شەرقىي تۈركىستان خەلقنى باستۇرۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىككە بولغان ئىرادىسىنى سۇندۇرالمىدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تا ئۆزى ئەركىنلىككە ئېرىشمىگىچە سۇنمايدۇ ۋە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ.