مەزكۇر تەنقىد قوبۇل قىلىش سەھىپىسىگە بىر ھەپتە ئىچىدە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئىنكاس چۈشكەن. ئىنكاسلارنىڭ كۆپىنچىسى، ئاخبارات ئەركىنلىكى، پارىخورلۇق ۋە ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشكەن. ئىنكاسلاردىن بىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: "ئەگەر جۇڭنەنخەينىڭ خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلىمىز دېگىنى راست بولسا، ئالدى بىلەن پارىخورلار يوقىتىلسۇن، ئاساسى قاتلاملاردىكى زومىگەرلەر ئۇجۇقتۇرۇلسۇن."
يەنە بىر ئىنكاستا چىرىكلىك، گۇرۇھۋازلىق ۋە قانۇنسىزلىق نۆۋەتتىكى خىتاي جەمئىيىتىنىڭ ئاساسى مەسىلىسى دەپ كۆرسىتىلگەن. يەنە بىر ئىنكاستا خۇ جىنتاۋنىڭ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش شوئارى مەسخىرە قىلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغىچە بىر قىسىم سەزگۈر ئىنكاسلار ئۆچۈرۈۋېتىلگەن. ۋېن جياباۋ ئۆتكەن يىلقى ۋاشىنگتون زىيارىتىدە، خەلقنىڭ ھۆكۈمەتنى نازارەت قىلىشى كېرەكلىكى، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ مۇستەقىل بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ۋېن جياباۋ بۇ سۆزلىرى سەۋەبلىك" يالغان ۋەدە بېرىۋاتىدۇ ئارتىسلىق قىلىۋاتىدۇ،" دەپ تەنقىدلەنگەن.
مەزكۇر ئىنكاسلارنىڭ ئىچىدە، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن يېزىلغان ئىنكاسلارنىڭ بار-يوقلۇقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.
ئەمما، ئۇيغۇر ئېلىدىن يېڭى چىققان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى مەزكۇر سەھىپە ھەققىدىكى قاراشلىرىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: " ئوخشاش بىر تەنقىد قوبۇل قىلىش سەھىپىسى بۇ يىل 7 - ئايدا شىنجاڭ ھۆكۈمەت تور بېتىدىمۇ ئېچىلغان. ئەمما ئۇنىڭدىكى ئىنكاسلار ئاممىغا ئاشكارىلانمىغان. پەقەت ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا يەتكۈزۈلگەن. شۇڭا بۇ سەھىپىگە ئىنكاس چۈشكەن ياكى چۈشمىگەنلىكى، چۈشكەن بولسا قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقى سىر ھالەتتە تۇرماقتا."
نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىنكى ۋەزىيەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى، بۇنىڭ خەلقئارا جامائەت پىكرىنى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈنلا قىلىنىۋاتقان بىر شەكىلۋازلىق ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۆزىنىڭ بۇ خىل تەدبىرلەردىن ھېچقانداق ئۈمىد كۈتمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار كۆڭلىدىكى گېپىنى دېيەلىشى ئۈچۈن، يالغۇز مەتبۇئات سورۇنىلا ئەمەس، بەلكى ھەممىدىن ئاۋۋال ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا تەڭلىنىپ تۇرۇۋاتقان قوراللار يىغىشتۇرۇلۇشى، ئەركىن ۋە بىخەتەر مۇھىت شەكىللىنىشى كېرەك ئىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.