0:00 / 0:00
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە مەزكۈر قۇرۇلتاينى ھىمايە قىلغۇچى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى، ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلغان زوراۋانلىق سىياسىتى بولۇپ، ئەگەر بۇ سىياسەتكە دەرھال ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمىسە، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى توقۇنۇش تېخىمۇ شىددەت بىلەن كۈچىيىدىكەن .
مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شەرقىي تۈركىستان ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى تۇردى غوجا ئەپەندىلەر نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.