خىتاي، سوت مەھكىمىسى ساھەسىدە 5 - ئىيۇل دېلولىرىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلماقتا

ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر ئەدلىيە خادىمى يېقىندا ئىستانسىمىزغا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ سودىيە ۋە ئادۋوكاتلارنى بۇيرۇق بىلەن ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېلىپ، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە دائىر دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىشنى يەنىمۇ جىددىيلەشتۈرگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر يەتكۈزگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

19 - سېنتەبىر كۈنى خىتاي ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سودىيەسى ۋاڭ شىڭجۈننىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى سوتلارنىڭ دېلو بىر تەرەپ قىلىشىغا ياردەم بېرىشكە بۇيرۇق چۈشۈرۈشى مەزكۇر ئۇچۇرنىڭ چىنلىقىنى دەلىللىدى.

19 - سېنتەبىردىن باشلاپ خىتاي بويىچە سوت مەھكىمىسى سىستېمىسىنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلىشقا باشلىدى. شىنجاڭ گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە خىتاينىڭ سوت مەھكىمىسىگە قاراتقان بۇ قېتىملىق ئورۇنلاشتۇرۇشىنى " ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى قېرىنداش سوت مەھكىمىلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى زور دەرىجىدە قوللىغانلىقى "دەپ كۆرسەتكەن.

مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان خىتاي ئالىي سوتىنىڭ باش سودىيەسى ۋاڭ شىڭجۈن يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىنى يەتكۈزۈپ "مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى شىنجاڭنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە، دىنىي رادىكال ۋە تېررورچىلارغا قارىتا زەربە بېرىشىگە ھەم مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەمدە بولۇشى كېرەك، شۇنىڭدەك خەلقنى بېيىتىپ چېگرىنى قوغداشقا ئەدلىيە جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك " دەپ تەكىتلىگەن.

ئۆتكەن يىلى، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىنلا، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان سابىق سېكرېتارى ۋاڭ لېچۇئەن، 5 - ئىيۇل تۇتقۇنلىرىنى قاتتىق جازالاش ھەققىدە مەخسۇس تېلېۋىزىيە نۇتىقى بەرگەن ئىدى. ئارقىدىنلا يەنە 9 - ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت مەھكىمىسى مەخسۇس 5 - ئىيۇلغا دائىر دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىدىن 100 دىن ئارتۇق سودىيەنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كەلگەن ئىدى.

بۇ ھەقتە شىنجاڭ قانۇنچىلىق تورىدا 2009 يىلى 14 - ئىيۇل بېرىلگەن خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2009 - يىلى، 12 - ئىيۇل كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان رەئىسى نۇر بەكرى ھەر قايسى جايلاردىن ئۈرۈمچىگە ۋاقىتلىق يۆتكەپ كېلىنگەن سودىيەلەرگە ئاچقان سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا، "5 - ئىيۇلدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقە (جۇڭگو) دۆلەت قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيانقى ئۆلۈم يېتىم، ئىقتىسادىي چىقىم ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن، جەمئىيەت ئامانلىقىغا ئەڭ زور زىيان سالغان، ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ دۆلەت ۋە خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئەڭ زور تەھدىت تۇغدۇرغان ۋەقە، ئۇلارغا جۇڭگونىڭ قانۇنى بويىچە ئېغىر جازا كۆرۈلۈشى كېرەك. بۇ سىلەرنىڭ ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش ئىرادەڭلارنى سىنايدىغان، مۇقىملىق ۋە جۇڭگونىڭ پۈتۈنلۈكى ئۈچۈن خىزمەت كۆرسىتىش روھىڭلارنى كۆرسىتىدىغان پۇرسەت ...!" دېگەن.

يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەدلىيە سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئادۋوكات ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوتنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۆزى ئىشلەۋاتقان مەلۇم شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتتىن بۇلتۇر 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىلگەنلىكى شۇنداقلا ئۆزىگە ئوخشاش باشقا جايلاردىكى سوت مەھكىمىلىرىدىن كەلگەن نەچچە يۈز سودىيە ۋە ئادۋوكاتلار بىلەن تەڭ 5 - ئىيۇلدا قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ دېلولىرىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىشقا قاتنىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ ئەدلىيە خادىم يەنە جىددىي بىر تەرەپ قىلىۋاتقان دېلولارنىڭ ھەممىسى 5 - ئىيۇلدا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن شۇ ۋەقەگە چېتىشلىق دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنغانلار ھەققىدىكى دېلولار ئىكەنلىكى ھەم بۇ دېلولارنى پۈتۈنلەي خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى شۇنىڭدەك جىنايى ئىشلار جازا قانۇنى بويىچە بىر تەرەپ قىلىۋاتىدۇ دېيەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ سۆزىگە قارىغاندا كۆپىنچە دېلولار يېپىق سوت بىلەن بىر تەرەپ قىلىنماقتا ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا يەنە بارلىق دېلولارنى مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرغىچە تېز تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ بولۇش بۇيرۇقى بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن سودىيە - ئادۋوكاتلار ھەتتا شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرىدىمۇ جىددىي دېلو بىر تەرەپ قىلماقتا ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، خىتاي ئالىي سوتىنىڭ ئۈرۈمچىدە سوت مەھكىمىسى بويىچە مەملىكەتلىك يىغىن چاقىرىپ پۈتۈن خىتايدىكى سودىيەلەرنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى سوتلارنىڭ دېلو بېجىرىشىگە ياردەمگە چاقىرىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سوت مەھكىمىلىرىدە ئىنتايىن جىددىي تازىلاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ھازىرغىچە رەسمىي قولغا ئېلىنغانلار ئىككى مىڭ كىشىدىن ئاشىدۇ، خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭ ئىچىدە يۈزدىن ئارتۇق ئادەمگە كېسىم ئېلان قىلدى. گەرچە، ئۇيغۇر ئېلىدە 5 - ئىيۇل تۇتقۇنلىرىنىڭ داۋاملىق سوتلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇيغۇرلاردىن تولۇق بولمىغان ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغان بولساقمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى سوت ھۆكۈملىرى ھەققىدە خەۋەر بېرىشنى بىر نەچچە ئاي ئىلگىرىلا توختاتقان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شۇنداقلا باشقا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ ‏ 5 - ئىيۇلدا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئېلان قىلغان ساندىن نەچچە، ھەتتا نەچچە ئون ھەسسە يۇقىرى بولىشى مۇمكىن، دەپ گۇمان قىلماقتا.

گېرمانىيىدىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‏ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۆلگۈنچىلىككە دائىر دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىكى سوت مەھكىمىلىرى ۋە ئىجراچىلىرىدىن باشقا پۈتۈن خىتايدىكى سوت مەھكىمىلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەنلىكىنىڭ ئۆزىلا، خىتاينىڭ 5 - ئىيۇلدا تۇتقۇن قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ پەرەزدىنمۇ كۆپلۈكىنى ئىسپاتلايدۇ" دېدى.

مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى لاۋگەي فوندىنىڭ رەئىسى خارىي ۋۇ ئەپەندى بولسا، "خىتاينىڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە سوت مەھكىمىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىشقا بۇيرۇق بەرگەنلىكى، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىي قانۇندىن ئىبارەت زوراۋانلىق ماشىنىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يەنە بىر قېتىم قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ " دەپ ئەيىبلىدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە خارىي ۋۇ ئەپەندى بىردەك، خىتاينىڭ 5 - ئىيۇل تۇتقۇنلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان سوتلىرىنىڭ ھەرگىزمۇ ئاتالمىش جىنايى ئىشلار قانۇنى ھەمدە ئاساسىي قانۇن تەرتىپلىرى بويىچە ئېلىپ بېرىلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى، ئۇلارنىڭ پەقەت خىتاينىڭ سىياسىتى بويىچە ئېغىر جازالارغا قانۇنسىز ھالدا ھۆكۈم قىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنىۋاتىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.