سوۋېت - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىرى 1949 - يىلىدىن تاكى 1959 - يىلىغىچە بولغان 10 يىل ۋاقىت ئىچىدە ناھايىتى يېقىن ھەمكارلىق جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈپ، 1960 - يىلىغا كەلگەندە بىردىنلا بۇزۇلدى.

0:00 / 0:00

ھەمدە تاكى 1989 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆزارا دۈشمەنلىك ۋە سوغۇقچىلىق جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى گورباچېۋنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشى، خىتاي باش مىنىستىرى لى پېڭنىڭ موسكۋانى زىيارەت قىلىشى بىلەن ئىككى تەرەپ ئارىسىدا يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىش باشلىنىپ، مۇناسىۋەتلىرى نورماللاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇزۇنغا بارماي، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلدى.

رۇس - خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ئۈچۈن قىزىقارلىق تېما

بۈگۈنكى كۈندە خىتاي سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان 15 دۆلەت بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورناتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە رۇسىيە خىتاينىڭ ئەڭ يېقىن ۋە ئىستراتېگىيىلىك شېرىكىگە ئايلاندى. ئۇنداقتا سوۋېت - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا بۇزۇلۇپ، ئىتتىپاقچىدىن دۈشمەنگە ئايلىنىشى ھەتتا، ئىككى تەرەپنىڭ بىر قانچە مىليون كىشىلىك قوشۇنلىرى چېگرا بويلىرىغا توپلىنىپ، بىر - بىرىگە خىرىس قىلىدىغان ئۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە ھەمدە جېنباۋداۋ( دامانسكي) ۋە تارباغاتاي قاتارلىق جايلاردا چېگرا توقۇنۇشى يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان ئاساسلىق ئامىللار نېمە ؟

يېقىنقى ۋاقىتلاردا رۇسىيە ۋە خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى بۇ مەسىلىلەر بويىچە كۆپلىگەن ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلدى. خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىچىدە شېن جىخۇئا، لى دەنخۇي قاتارلىقلار بىر قەدەر سىستېمىلىق تەتقىقات قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خىتاينىڭ ئارخىپ ماتېرىياللىرىغا تايانغان. سوۋېت - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇزۇلۇشى ھەققىدە رۇسىيە ۋە خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرى ھەر خىل بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئىككى دۆلەت بىر - بىرىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىمۇ بىر - بىرىگە ھۇجۇم قىلغان ئىدى.

خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلىرىدا سوۋېت - خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبنى يەنىلا ستالىن ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى خرۇشېۋقا ئارتىپ، ئۇلارنىڭ جۇڭگوغا زومىگەرلىك قىلغانلىقىنى كۆرسىتىشىدۇ. ئەمما، رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى بولسا، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ غەلىبە قازىنىشى ھەتتا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، يېڭى جۇڭگونىڭ تىكلىنىشىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غايەت زور رول ئوينىغان بولۇشىغا قارىماي، ستالىن ئۆلگەندىن كېيىن، ماۋزېدۇڭنىڭ خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ داھىيىسىلىق ئورنىنى تالىشىپ، ستالىن دەۋرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى بىردىنلا ئۆزگەرتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردەملىرىگە يۈزسىزلىك قىلغانلىقى، ئاخىرىدا بېرىپ، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈش پوزىتسىيىسى قوللانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ.

ئەمما، يېقىنقى ۋاقىتلاردىكى بىر قىسىم خىتاي ئاپتورلىرى ، ماۋزېدۇڭنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قاتتىق پوزىتسىيە قوللىنىشى ۋە ئۇنىڭدىن ستالىن دەۋرىدە تۈزگەن كېلىشىملەرنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئاخىرىدا سوۋېت مۇتەخەسسىسلىرىنى قوغلاپ چىقىرىشىدا ئۇنىڭ قەلبىدە ئەسلىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى جۈملىدىن ستالىنغا نارازىلىقلىرى يوشۇرۇنغانلىقى، يېڭى جۇڭگونىڭ تېخى ئاجىز ۋە خەلقئارالىق ئورنىنىڭ يوقلۇقى تۈپەيلىدىن ستالىننىڭ ھەر قانداق شەرتلىرىگە ماقۇل دېيىشكە، سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئاكا، جۇڭگونى ئۇكا قاتارىدا كۆرۈشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ.

ماۋ زېدۇڭنى خاپا قىلغان ستالىننىڭ تۆت خىل خاتالىقى

"بوشۈن" تورىدا ئېلان قىلىنغان "جۇڭگو - سوۋېت مۇناسىۋەتلىرى چوڭ ئىشلىرى بايانى" ناملىق كىتابتىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ماۋزېدۇڭ ئەينى ۋاقىتتا ستالىندىن قاتتىق نارازى بولغان بولۇپ، ئۇ ستالىننى جۇڭگو ئىنقىلابى مەسىلىسىدە ئاساسلىق تۆت خىل خاتالىق ئۆتكۈزدى دەپ ئەيىبلىگەن. بىراق، ئۇ ستالىن ھايات ۋاقتىدا بۇنى ئاغزىدىن چىقىرالمىغان بولۇپ، پەقەت ستالىن ئۆلۈپ، خرۇشېۋ ستالىننى تەنقىد قىلغاندىن كېيىنلا ئېيتالىغان.

ماۋزېدۇڭنىڭ قارىشىچە، ستالىننىڭ ئۆتكۈزگەن ئاساسلىق تۆت خىل خاتالىقى شۇكى، بىرىنچىدىن ستالىن 30 - يىللاردا ۋاڭ مىڭنى قوللاپ، ئۇنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىگە رەھبەرلىك قىلىپ، خاتالىق ئۆتكۈزۈشىگە سەۋەب بولغان. ئىككىنچىدىن، ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە ستالىننىڭ يەنە ۋاڭ مىڭنى موسكۋادىن يەنئەنگە ئەۋەتكەنلىكى. ئۈچىنچىدىن ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ستالىننىڭ جۇڭگونى پۈتۈنلەي ئامېرىكىغا ۋە جاڭكەيشىگە بېرىۋېتىشنى قارار قىلىشى. تۆتىنچىدىن ستالىننىڭ ماۋ زېدۇڭنى يېرىم تېتو ھېسابلىغانلىقى قاتارلىقلاردۇر.

مەزكۇر ماقالىدە نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ماۋزېدۇڭ ستالىننىڭ جۇڭگو كوممۇنىستلار پارتىيىسىگە ئىشەنمىگەنلىكى، ئۇنىڭ ئۆزىنى ئاسىيانىڭ تېتوسى دېگەنلىكى سەۋەبىدىن بۇ ئىشنىڭ ئۇنىڭ قەلبىدە ئالتە يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ساقلانغانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن. ماۋزېدۇڭ يەنە 1949 - يىلى 12 - ئايدا ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىم موسكۋانى زىيارەت قىلغاندا ستالىننىڭ ئۆزىگە سوغۇق مۇئامىلە قىلغانلىقىنى ئۇنتالمىغان بولۇپ، ئۇ موسكۋادا ئۈچ ئاي تۇرۇش جەريانىدا كۆپ بىئاراملىق ھېس قىلغان. ئۇ چاغدا ماۋزېدۇڭ ستالىننىڭ 70 ياشلىق مۇراسىمىغا قاتناشقان بولۇپ، ئۇ ستالىندىن جۇڭگو - سوۋېت دوستلۇق كېلىشىمى تۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ستالىن بۇنىڭغا بىراقلا قوشۇلماي، ۋاقىتنى سوزغان.

ستالىن ئۇيغۇر دىيارىنى ماۋ زېدوڭغا بىكارغا بەرمىگەن

ستالىن ئۇزۇن مۇددەتلىك سۈكۈتتىن كېيىن، ئاخىرى خىتاي بىلەن كېلىشىم تۈزۈشكە ۋە خىتايغا زور مىقداردا ئىقتىسادىي، تېخنىكا ۋە باشقا جەھەتلەردىن ياردەم بېرىشكە قوشۇلغان. ئەمما، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ماۋ زېدۇڭنى بىر قانچە مەسىلىلەردە يول قويۇشقا مەجبۇر قىلغان. ستالىن "شىنجاڭ مەسىلىسى"دە ماۋ زېدۇڭنى كان مەھسۇلاتلىرى ۋە نېفىت ساھەسى بويىچە ئىككى بىرلەشمە شىركەت قۇرۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ جايدا ئىمتىيازىنى تىكلىشىگە مەجبۇر قىلغان.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە شەرقىي شىمال تۆمۈر يولىنى ئىككى تەرەپ بىرلىكتە باشقۇرۇش، لۈشۈن پورتىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دېڭىز ئارمىيە بازىسى قىلىش مەسىلىلەردە قەتئىي تەلەپ قىلغان بولۇپ، ماۋزېدۇڭ بۇنىڭغا قوشۇلماسلىققا ئامالسىز قالغان. قىسقىسى ، ستالىن 1949 - يىلى ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتايدىكى مۇستەقىل ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدىن قېلىپ، مىللىي ئارمىيىنىڭ خىتاي ئارمىيىسى تەركىبىگە كىرىشى، بۇرھان شەھىدى ۋە تاۋ سىيۈئې قاتارلىق گومىنداڭ ھەربىي - سىياسىي ئەمەلدارلىرىنىڭ تەسلىم بولۇپ، ئازادلىق ئارمىيىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىگىلىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان بولۇپ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىگە كىرگۈزۈلىشىدىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ قالغاندىن سىرت يەنە شەرقىي شىمالغىمۇ قوشۇن كىرگۈزۈپ، ئۇ يەردىن ياپونىيىنى قوغلىغان ئىدى.

"ماۋزېدۇڭ بىلىنمىگەن ھېكايە" ناملىق كىتابتا يېزىلىشىچە، ماۋزېدۇڭ موسكۋادا ستالىن بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ھەتتا "شىنجاڭنى مۇستەملىكە" دەپ ئاتىغاندىن سىرت يەنە تاشقى موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنىمۇ ئىزھار قىلغان. ستالىن بۇ بەدەللىرى ئۈچۈن ماۋ زېدۇڭنى ئۆزىنىڭ ئالدىدا ياشىسۇن ستالىن دەپ توۋلاشقا، ئۆزىنى مەدھىيىلەپ ماقالە يېزىشقا مەجبۇر قىلغان. ئەمما ئۇ ئۆلگەندىن ۋە جۇڭگونىڭ ئىگىلىكىنى تىكلىۋالغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگوغا ئاكىلارچە مۇئامىلە قىلىشىغا يول قويماي، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈشكە ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش قىلىشقىمۇ تەييارلانغان.

"بوشۈن" تورىدىكى ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، قىسقىسى، ستالىننىڭ ماۋ زېدۇڭنى كۆزگە ئىلمىغانلىقى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەنە شۇنداق ئاكىلارچە مۇئامىلە قىلىشى، ماۋزېدۇڭنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورۇنلاشقان بولۇپ، بۇ ئاخىرىدا بۇ دۆلەت بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇۋېتىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىكەن.