خىتاي، دارفۇر پارتىزانلىرىنىمۇ ' تېررورچى' دەپ ئەيىبلىدى

سۇداندا گۆرۈگە ئېلىنغان خىتاي پۇقرالىرىدىن 5 نەپىرى تۈنۈگۈن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلدى. باياناتچى سۆزىدە ۋەقەنى پەيدا قىلغان پارتىزانلارنى تېررورچى دەپ ئەيىبلىدى.

0:00 / 0:00

سۇدان ھۆكۈمىتى ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىقىنى دارفۇر پارتىزانلىرىغا ئارتقان ۋە دارفۇر مەسىلىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئادالەت ۋە باراۋەرلىك تەشكىلاتىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. ئەمما مەزكۇر تەشكىلات ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىقىنى رەت قىلماقتا. تەشكىلاتنىڭ لوندوندىكى باياناتچىسى تاھىر ئەلفاقى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە ۋەقەنى ئۆزلىرى قىلمىغانلىقىنى، ئەمما رايوندىكى ئۆزلىرى بىلەن ئىتتىپاقداش گۇرۇپپىلارنىڭ قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەمما ۋەقەنى ئەيىبلىمىگەن.

نۆۋەتتە ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئوخشىمىغان ئۇچۇرلار مەۋجۇت. سۇدان ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن گۆرۈگە ئېلىنغان 9 نەپەر تۇتقۇندىن 5 نەپىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، 2 نەپىرىنىڭ قېچىپ قۇتۇلغانلىقى، قالغان ئىككى نەپىرىنىڭ غايىپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۈگۈن خىتاينىڭ سۇداندىكى ئەلچىخانىسى بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىدا، ئۆلگۈچىنىڭ 4، يارىدارنىڭ 4 نەپەر ئىكەنلىكىنى ۋە بىر كىشىنىڭ غايىپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى يەرلىك ئاھالىلەر، سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كونسۇلخانىسىغا 3 كىشىنىڭ جەسىدىنى تاپشۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۈگۈنكى خەۋەرلەردە يەنە، ئۆلتۈرۈلگەن خىتاي پۇقرالىرىدىن 3 نەپىرىنىڭ جەسىدىنىڭ سۇدان پايتەختى خارتۇمدىن تېپىلغانلىقى بايان قىلىنماقتا. خىتاي تەرەپ بۈگۈن باياناتىدا ئۆلتۈرۈلگەن پۇقرالارنىڭ قورالسىز بىگۇناھ كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ پارتىزانلارنى ئەيىبلىدى. ئەمما دارفۇر پارتىزانلىرى ئۇزۇندىن بېرى خىتاي شىركەت ۋە خىتاي ئىشچىلىرىنى، زۇلۇمغا ۋاستە بولغانلار ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى بولسا زالىمغا شېرىك بولغانلار دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە.

دارفۇر پارتىزانلىرىدىن ئادالەت ۋە باراۋەرلىك تەشكىلاتى ئۆتكەن يىلى بايانات ئېلان قىلىپ، سۇداندىكى چەتئەل شىركەتلىرىنى سۇداندىن چېكىنىشكە چاقىرغان ئىدى. بولۇپمۇ خىتاينى پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلىشىشقا ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. تەشكىلات باشلىقى شۇ قېتىمقى باياناتىدا مۇنداق دېگەن ئىدى: خىتاي ئىنسان ھەقلىرىگە قىزىقمايدۇ، پەقەت يەر ئاستى بايلىققا قىزىقىدۇ، شۇڭا بىز خىتاي شىركەتلىرىنى رايونىمىزدا كۆرۈشنى خالىمايمىز.

شۇنىڭدىن كېيىن ھازىرغا قەدەر سۇداندىكى خىتاي نېفىت شىركەتلىرى ئۈچ قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. بۇ قېتىمقى ۋەقە 18‏ - ئۆكتەبىر كۈنى يۈز بېرىپ، خىتاي شىركىتىدىن 3 نەپەر ئېنژىنېر ۋە 6 نەپەر ئىشچى گۆرۈگە ئېلىندى.

بۈگۈنكى خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، سۇدان دۆلەت بىخەتەرلىك كۈچلىرى، خىتاي پۇقرالىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقاندا پارتىزانلار بىلەن توقۇنۇشقان، توقۇنۇش جەريانىدا، پارتىزانلار تۇتقۇنلاردىن ئاز دېگەندە 4 نەپىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. خىتاي بۈگۈنكى باياناتىدا سۇدان ھۆكۈمىتىدىن قالغان تۇتقۇنلارنىڭ جان ۋە مال بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ ۋەقە سەۋەبلىك سۇدان بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۇداندىكى 26 ۋىلايەتتىن بىرى بولغان دارفۇر، نۆۋەتتە سۇداندىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئورنىدىن شىكايەتچى، دارفۇردىكى يەرلىك خەلق ئۆز يەر ئاستى بايلىقلىرىدىن ئۆزلىرى پايدىلىنىش، ئۆز سىياسىي تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا. بولۇپمۇ 2003 ‏ - يىلدىن باشلاپ، دارفۇر پارتىزانلىرى سۇدان دۆلەت ئارمىيىسىگە قوراللىق قارشىلىق كۆرسەتمەكتە. ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى توقۇنۇش جەريانىدا 200 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۆلگەن، 2 مىليوندىن ئارتۇق كىشى يۇرتىدىن ئايرىلغان.

سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ دارفۇرلۇقلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسى ئېتنىك قىرغىنچىلىق دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە. خىتاي بولسا، سۇداندا ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالغان دۆلەت بولۇش بىلەن بىللە، سۇدان بىلەن قورال - ياراق سودىسىنى داۋام قىلماقتا. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بېيجىڭ ئولىمپىكىغا قارشى تۇرۇشتا، خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى بىلەن بىرلىكتە، خىتاينىڭ دارفۇر، بېرما قاتارلىق دۆلەتلەردىكى دىكتاتور ھاكىمىيەتلەر بىلەن بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى ئاساسلىق سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەن ئىدى.

نۆۋەتتە خىتاي شىركەتلىرى پاكىستان، نېگىرىيە ۋە سۇدان قاتارلىق دۆلەتلەردە پارتىزانلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىماقتا. كۈزەتكۈچىلەر بۇ ھۇجۇملارنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ توختىمايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ جەھەتتە يەنە ئېغىر بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىشماقتا.

خوڭكوڭدىكى خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى david Zweig بۇ ھەقتە بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا پىكىر بايان قىلىپ، خىتاينىڭ ئاخىرى پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكى سەۋەبلىك سۇداندىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى، ئەمما سالغان مەبلىغىنىڭ كۆپلۈكى سەۋەبلىك چېكىنىشنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شاڭخەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئافرىقا تەتقىقاتچىسى Shu yungo بولسا، بۇ ۋەقە مۇقىمسىز جايلارغا مەبلەغ سېلىشنىڭ خەۋپ - خەتىرىدىن بىر سىگنال دەپ كۆرسەتكەن.