خىتاي يېمەكلىرى ھازىر دۇنيادا مىسلىسىز كرىزىس ئىچىدە
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2008.10.14
2008.10.14
AFP Photo
خىتايدا ھازىر 'سۈت' دېسە، كىشىلەرنىڭ چىرايى ئۆڭۈپ كېتىدۇ. خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلىرى ئىشلەپچىقىرىپ پۈتۈن دۇنيادا بازارغا سالغان سۈت يېمەكلىرىدە زەھەر بارلىقى ئېنىقلانغانلىقى خىتاي مىللىتى ئۈچۈن ناھايىتى قاتتىق زەربە بولدى. ھازىر چەتئەللەردە تۇرۇۋاتقان، يېمەكنىڭ تەمىنى تېتىشقا زوقمەن خىتايلار 'خىتايدا ئىشلەندى' دېگەن خېتى بار يېمەكنى كۆرسىلا، ئىچىدە سۈت بارمىدۇ، دەپ ئويلايدىغان ۋە ئۇنى تېتىپ كۆرۈشتىن تىلىنى يىغىدىغان بولدى. ھەتتا ئۆزلىرىنى جۇڭگو بىلەن ھەمنەپەس - ھەمتەقدىر، دەپ قەسەم قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەر خىتايلارمۇ 'خىتايدا ئىشلەندى' دېگەن خېتى بار ھەر قانداق مالنى كۆرسە چىرايى ئۆڭىدۇ، زۇۋانى تۇتۇلۇپ قالىدۇ.
خىتايلار سۈت ئىچىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن 'باياشات تۇرمۇش كۆچۈرۈۋاتىمىز' دەپ كۆرەڭلەشكە باشلىغان ئىدى
مەزكۇر ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل بۇرۇن، خىتاي ئۇچۇر ۋاستىلىرى خىتايلاردا كالتىسىي ماددىسى كام، ئەگەر كۈندە سۈت ئىچىپ بەرسە، بەدىنىدە كام بولغان بۇ ماددا تولۇقلىنىپ كۈچلىنىپ كېتىدۇ، دەپ تەشۋىق قىلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن، خىتايلار ئۆيلىرىدە سۈت ئىچىشكە ئادەتلەندى.بالىلىرىغا، ھامىلدار ئاياللارغا، ياشانغانلارغا ھەر كۈنى سۈت ئىچكۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى. بالىلار باغچىلىرىدا ناشتىدا سۈت بېرىدىغان بولدى، مەكتەپلەردىمۇ ئوقۇغۇچىلارغا سۈت بېرىدىغان بولدى. بۇنىڭ بىلەن خىتايلار، خۇددى دۇنيادا باشقىلار تېخى شۇنداق قىلالمىغاندەك، ئۆزلىرىچە 'باياشات تۇرمۇش كۆچۈرۈۋاتىمىز' دەپ كۆرەڭلەيدىغان بولدى.
خىتايلار ئەمدى ئۆزلىرى سۈت ئەمەس، بەلكى يىللاردىن بۇيان زەھەر ئىچىۋاتقانلىقىنى سەزدى
مەزكۇر ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، ھازىر بۇنداق باياشاتلىقنىڭ كەينىدە نېمە بارلىقى ئايان بولغان ئىدى.2004 - يىلى ئەنخۇينىڭ فۇياڭ شەھرىدە 'يۇغانباش بالا' ماركىلىق سۈت پاراشۇكى دېلوسى پاش بولغاندا، گەرچە خىتايلار بۇنداق زەھەر سۈتكە پىسەنت قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىل 9 - ئايدا 'سەنلۇ' ماركىلىق سۈت پاراشۇكىدا زەھەر بارلىقى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، شىمالىي ئامېرىكىدىكى سودا سارايلىرىدا 'ئاق توشقان' كەمپۈت، 'لىدۈن'سۈتلۈك چاي، ، 'مېڭنيۇ'سۈت يېمەكلىرى، 'يىلى'سۈت پاراشۇكى ، 'رىچىڭ' ناۋات سۈيى ، 'توخۇ گۆشى قوناق' دېگەندەك بىر يۈرۈش خىتاي يېمەكلىرىنى سېتىش توختىغاندىن كېيىن، خىتايلار ئۆزلىرىنىڭ سۈت ئەمەس، بەلكى يىللاردىن بۇيان زەھەر ئىچىۋاتقانلىقىنى، ھازىر سالامەتلىك كرىزىسىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى سېزىشكە باشلىدى.
'چەتئەللىكلەر سۈت ئىچسە كۈچلىنىپ بەدىنى تاشتەك بولۇپ كەتسە، خىتايلار سۈت ئىچسە بەدىنىنىڭ ئۆزىدىلا تاش ئۈنىدۇ' دېگەن يۇمۇرنىڭ مەنىسىنى چۈشەندى. شۇنىڭدىن كېيىن 'جۇڭگولۇقنىڭ جېنى ئېتىبارسىز' ، 'خىتايدا ياشىماق تەس' دەپ ھۆكۈمەتكە نارازىلىق ئىپادىلەيدىغان تەنقىدلەر چىقتى.
خىتاي يېمەكلىرى بازاردىن چىكىندۈرۈلگەندە شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تەشۋىقاتلىرىمۇ كېرەككە كەلمىدى
مەزكۇر ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، شۇنىڭدىن كېيىن، خوڭكوڭدا ئىشلەنگەن 'ۋېندى' ماركىلىق سۈتلۈك چاي، 'يۇەنياڭ'ماركىلىق قەھۋە، چىڭداۋدا ئىشلەنگەن 'قۇش چاڭگىسى'ماركىلىق قەھۋە، ماكاۋدا ئىشلەنگەن 'لوتتې'ماركىلىق بۆلدۈرگەن پېچىنىسى، ئەنخۇيدا ئىشلەنگەن 'يۇغانباش بالا' ماركىلىق سۈت پاراشۇكى، ھەتتا ئامېرىكا بازىدىكى 'م م' ماركىلىق كەمپۈت قاتارلىق بىر يۈرۈش سۈت يېمەكلىرىمۇ بازاردىن چېكىندۈرۈلدى.نيۇيوركتا، ھىندۇنېزىيىدە، ئاۋسترالىيىدە، كانادادا، جەنۇبىي ئاسىيا بازارلىرىدا ، ياۋروپا بازارلىرىدىمۇ ' خىتايدا ئىشلەندى' دېگەن خېتى بارلىكى يېمەكلەر ھەممىسى بازاردىن چېكىندۈرۈلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تەشۋىقاتلىرىمۇ كېرەككە كەلمىدى.