خىتاي تارىخى «سەن ئۆل، مەن ياشاي» بىلەن تولۇپ تاشقان تارىخ

خىتايدا يېقىندا ئېچىلغان ئىككى يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان مۇلاھىزىلەردە خىتاي كومپارتىيىسى رەھبەرلىرىنىڭ تارىختىكى خىتاي مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىرىدىنمۇ ناچار ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

0:00 / 0:00

24-مارت گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىدا «خىتاي مەركىزى كومىتېتى قانداقسىگە خەلقتىن ئۆزىگە قەتئىي ئىشىنىش، گۇمانلانماسلىقنى تەلەپ قىلالايدۇ؟» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدا خىتاي كومپارتىيىسى رەھبەرلىرىنىڭ تارىختىكى خىتاي مۇستەبىتلىرىدىن ھېچ پەرقى يوقلۇقى، بەلكى ئۇلاردىن تېخىمۇ يالغانچى، ئالدامچى ئىكەنلىكى بايان قىلىندى. خىتايدا ھاكىمىيەت ئالمىشىش بولۇۋاتقان بىر پەيتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ چاقىرىق خىتاينىڭ ئىچكى زىددىيەتلىرىنىڭ پارتلاش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى، كومپارتىيىنىڭ سىياسىي كرىزىس پاتقىقىغا پېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

«خىتاي مەركىزى كومىتېتى خەلقتىن قانداقسىگە قەتئىي ئىشىنىش، گۇمانلانماسلىقنى تەلەپ قىلالايدۇ؟» ناملىق ماقالىنى خىتاي يازغۇچىسى لۇ جىرېن يازغان.

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ ئەسكەرتمىسىگە ئاساسلانغاندا لۇ جىرېن خىتاينىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىنى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تارىخىنى يازغان شەخسلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى تەيۋەندە نەشر قىلىنغان بولۇپ، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغىمۇ تارقالغان ۋە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان.

ئۇنىڭ «خىتاي مەركىزى كومىتېتى خەلقتىن قانداقسىگە قەتئىي ئىشىنىش، گۇمانلانماسلىقنى تەلەپ قىلالايدۇ؟» ناملىق ماقالىسى «خىتاي تارىخى سەن ئۆل، مەن ياشاي بىلەن تولۇپ تاشقان تارىخ» دېگەن جۈملە بىلەن باشلانغان. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىككى يىغىن مەزگىلىدە خۇ جىنتاۋنىڭ قىلغان سۆزىگە بىنائەن، كومپارتىيە ئەمدى خەلقتىن «ئىدىيە جەھەتتە پارتىيىگە قەتئىي ئىشىنىش، گۇمانلانماسلىق، سىياسىي جەھەتتە قەتئىي بولۇش، تەۋرەنمەسلىك، ھەرىكەتتە پارتىيىنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىنى قەتئىي ئىجرا قىلىش» دېگەن ئۈچ ئىشنى تەلەپ قىلغان. خۇ جىنتاۋنىڭ يىغىندا نېمە دېگەنلىكى نامەلۇم. «كومپارتىيىنىڭ زادى نېمىسىگە ئىشىنىش كېرەك؟» دېگەن سوئال بىلەن مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن ئاپتور، كومپارتىيە تارىخىدىن مىساللار كەلتۈرۈپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى تارىخىنىڭ ساختىكار ۋە قانلىق تارىخ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشقان.

ماقالىدە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ خاتالىقلىرى مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:
«‹پارتىيىگە قەتئىي ئىشىنىش، گۇمانلانماسلىق› دېگەن سۆزنىڭ ئۆزى شەخسكە چوقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خاتا سۆز. كومپارتىيىنىڭ مەبۇدى ماركس بولسا ‹ھەممىدىن گۇمانلىنىش كېرەك› دېگەن. ئىلگىرى ماۋ زېدۇڭغا چوقۇنۇش ئەسەبىيلىشىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن ئىدى. ئەگەر خەلق پارتىيىگە قەتئىي ئىشەنسە، گۇمانلانمىسا، پارتىيە خاتالاشقاندىمۇ ئىشىنىۋەرسە، گۇمانلانمىسا، زەرەرنى دۆلەت ۋە خەلق تارتىدۇ. كومپارتىيە بولسا ئىزچىل خاتالىشىپ كېلىۋاتقان پارتىيىدۇر. گېپىدە تۇرمايدىغان پارتىيىدۇر. ئۇنىڭغا قانداقمۇ ئىشەنگىلى بولسۇن؟ ‹چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش› تە ئاچارچىلىقتىن نۇرغۇن ئادەم ئۆلۈپ كەتتى. ماۋ زېدۇڭ بۇ جىنايەتنىڭ باش جاۋابكارى بولغان جۇ ئېنلەينى كۈرەش قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھوقۇقىنى قوغداپ قېلىشقا تىرىشتى. ئۆلگەن ئادەمنىڭ سانى 30-40 مىليون ئارىسىدا ئىدى. 1947-يىلى كومپارتىيە ئېلان قىلغان ‹تۇپراق قانۇنى پروگراممىسى› دا پۇقرالارنىڭ يەرگە بولغان شەخسىي ئىگىدارچىلىقى ئېتىراپ قىلىنغان. ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتۈپلا ‹كوپىراتسىيىلەشتۈرۈش› تۈزۈمى ئېلان قىلىنىپ بايلارنىڭ يەرلىرى مۇسادىرە قىلىندى، نامراتلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بېرىلدى ياكى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈۋېلىندى. 1957-يىلىدىكى ئىستىل تۈزىتىشتە ئوڭچىللىق قالپىقى بىلەن قارىلانغان زىيالىيلار ئەسلىدە جاڭ كەيشىگە قارشى تۇرۇپ جۇڭگونىڭ ئازادلىقىغا تۆھپە قوشقان سولچىللار ئىدى. ‹ئېچىلىپ سايراش› ھىيلىسى بىلەن ‹يىلاننى ئۇۋىسىدىن چىقىرىش› ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، نۇرغۇنلىغان چوڭ زىيالىيلارنى يوقاتتى. كومپارتىيە ماۋ دەۋرىدە بىردەم ئوڭچىللارنى باستۇرسا، بىردەم سولچىللارنى باستۇردى. دىڭ شاۋپىڭنىڭ 80-يىللاردىكى ‹ئورتاق بېيىش› چاقىرىقىنى كومپارتىيە بىردەمدىلا ‹بەزى جايلار ئالدىن بېيىش› قا ئۆزگەرتىپ، بۈگۈن باي بىلەن كەمبەغەللىك پەرقىنى ۋايىغا يەتكۈزدى. بېيىغانلار كومپارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئۇرۇق-جەمەتى بولدى. بۇنىڭ بەدىلىنى خەلق تارتتى. يەنى كومپارتىيە ئىزچىل لەۋزىدە تۇرمىدى. ئۇنىڭغا قانداقمۇ ئىشەنگىلى بولسۇن؟»

ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇرېشىتھاجى كېرىمى ئەپەندى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىگە بولغان قاراشلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە، يېقىنقى بىرقانچە كۈندىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيەت قاتلىمىنىڭ ئىچكى قىسمىدا كەسكىن سۈركىلىشلەر بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەگەر خىتايدا سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ دېموكراتىيە ئەمەلگە ئاشسا، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغىمۇ بەلگىلىك پايدىسى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

«خىتاي مەركىزى كومىتېتى خەلقتىن قانداقسىگە قەتئىي ئىشىنىش، گۇمانلانماسلىقنى تەلەپ قىلالايدۇ؟» ناملىق ماقالىدە يەنە شۇنداق يېزىلغان:
«خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھوقۇقى ھېچقاچان دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن ئەمەس. مەركەزدىن يەرلىككىچە بولغان ھوقۇق قانۇنسىز تەقسىمات بىلەن بەلگىلەنگەن. كومپارتىيىنىڭ ‹ئۈچ قەتئىي› نى تەكىتلىشى كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ پۇقرالارنى ياخشى ئىدارە قىلىشى، مۇقىملىقنى ساقلىشى، ھاكىمىيەتنى قوغدىشى ئۈچۈن يارىتىلغان سۆزدۇر. بۇنىڭغا جىنمۇ ئىشەنمەيدۇ.»