يۇقىرقى ئورۇنلارغا ئۇرۇلغان تېلېفون لىنىيىسى باغلانغان بولسىمۇ، لېكىن تېلېفون ئېچىلمىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى، 20 - يانۋار كۈنى يېرىم كېچىدىن كېيىن، خەلقئارالىق ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون لىنىيىسىنىڭ مۇلازىمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. بىز تېلىفون مۇلازىمىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن تېلېفون مۇلازىمەت مەركىزى ھېسابلانغان 114 كە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۈكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىىسىغا، ئاپتونوم رايونلۇق 2 - خەلق دوختۇرخانىسىغا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ھەتتا 24 سائەت مۇلازىمەت قىلىدىغان ئۈرۈمچى ئائىلە زوراۋانلىقى ۋە ئاياللار قانۇن مەنپەئەتىنى قوغداش مەركىزىگە تېلېفون ئۇردۇق.
114 - نومۇرلۇق تېلېفون مۇلازىمەت شىركىتى ۋە ھۆكۈمەت ئىدارىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، دوختۇرخانا، ئۇنىۋېرسىتېت قاتارلىق جايلارغا ئۇرۇلغان تېلېفون ئاۋازىدا، ھۆكۈمەت 5 - ئىيۇلدىن كېيىن بىر تۇتاش توختىتىشنى قارار قىلىپ كېسىپ تاشلىغان ۋاقىتىكى ئاۋازدىن پەرقلىق ئۆزگىرىش بار بولۇپ، ئۇرۇلغان بارلىق تېلېفونلاردىن ئۇلانغان تېلېفون ئاۋازى چېلىندى.
ئۆتكەن يىلى 5 - ئىيۇل كۈنى، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن نارازىلىق ھەرىكىتى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قوراللىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت "مۇقىملىق "نى باھانە قىلىپ، ئېنتىرنېت تور بېكىتى، قول تېلېفون ۋە خەلقئارا ئۇزۇن يول تېلېفون لىنىيىسى قاتارلىقلارنى پۈتۈنلەي كېسىپ تاشلىدى. بۇنىڭ بىلەن ۋەتىنى ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسى ئاساسەن ئۈزۈلۈپ قالغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزەلدىن بېرى ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ خەلقئارا جامائەت ئالدىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى قانچىلىك دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى دېيىشتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېلېفون ۋە ئېنتېرنېت ۋاستىلىرىنى قامال قىلىش ئۇسۇلىنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق ھېچقانداق مەقسەتكە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ئۆزلىرىنىڭ بارلىق چارىلەرنى ئىشقا سېلىپ، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ تۈرمىگە كىرىپ كەتكەن، يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈۋىتىلگەن، يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۈرۈشتۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكىدىكى جورجى مەيسىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېلىكترونلۇق ئۇچۇر تېخنىكا پروفېسىسور دوكتورى جاڭ تيەنلياڭ ئەپەندى رادىئومىزنىڭ خىتاي بۆلۈم مۇخبىرىغا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇر ۋە تېلېفون ئالاقىسىنى كېسىپ تاشلىشى، رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغىر قېيىنچىلىق پەيدا قىلىپلا قالماي، ھۆكۈمەتنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى يوشۇرۇشتەك قىلمىشىنى ئاشكارىلاپ قويدى دېگەن.
پروفېسسور جاڭ تيەنلياڭ ئەپەندى سۆزىدە يەنە مۇنداق دېگەن" :خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى قامال قىلىشىدىن شۇنى ئېنىق كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارنى قانداق باستۇرغانلىقىنى خەلقئارانىڭ بىلىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلدى، ئۇنداق بولمايدىكەن، نېمە ئۈچۈن تېلېفون 20 - يانۋار كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي مۇلازىمەت باشلايدۇ دەپ قويۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇنى ھەقىقىي ئىجرا قىلمايدۇ. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، تېلېفون پەقەت شىنجاڭدىن سىرتقا ماڭىدۇ، سىرتتىن ئۇرۇلغان تېلېفون يەنىلا باغلانمايدۇ، نۆۋەتتە تاشقى دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىشى يەنىلا ئېغىر قىيىنچىلىققا ئۇچرىماقتا."
خىتاي ھۆكۈمىتى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە 197 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 1600 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي سوت مەھكىمىسى ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ھازىرغا قەدەر نۇرغۇن ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى ۋە قاماق ئىجرا قىلغان بولۇپ، خىتاي دۇنيا بويىچە سىياسىي مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىدىغان بىردىن بىر دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.