خىتاينىڭ تىبەتتە يېتىشتۈرگەن مۇستەملىكە زىيالىيلىرى ھازىر مۇستەملىكىچىلىككە قارشى ئەڭ قەتئىي جەڭچىلەر بولۇپ چىقماقتا

باش ئورگىنى دارامسالادىكى 'تىبەت ئىتتىپاقى' نىڭ 4 ‏- ئاينىڭ 21 ‏- كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىغا قارىغاندا، ھازىر تىبەت دىنىي زاتلىرى ئىچىدە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە بولغان قارشىلىق ئەڭ كۈچلۈك. باياناتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھەربىي قىسىملىرى 4 ‏- ئاينىڭ 14 ‏- كۈنى چوپىل تاشى ئىبادەتخانىسىدىن 3 دىنىي زاتنى، 4 ‏- ئاينىڭ 15 ‏- كۈنى شىتساڭ ئىبادەتخانىسىدىن 18 دىنىي زاتنى، 16 ‏- كۈنى يەنە 4 دىنىي زاتنى، 17 ‏- كۈنى نالاندا ئىبادەتخانىسىدىن 2 دىنىي زاتنى بىۋاستە تۇتۇپ كەتكەن.

0:00 / 0:00

شۇنىڭ بىلەن ھازىرغا قەدەر خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت ئىبادەتخانىلىرىدىن بىۋاستە تۇتۇپ كەتكەن كەسپى دىنىي زاتلارنىڭ سانى 200 دىن ئاشقان.

تىبەتتىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتلاردىن تىبەتلەر بەھرىمان بولالمىدى

يېڭى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ھازىر تىبەتلەر خەلقئاراغا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تىبەتتىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا كىم مەنپەئەتكە ئېرىشتى؟ دېگەن مەسىلىنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى. ھازىر بېيجىڭدا تۇرۇۋاتقان تىبەت يازغۇچىسى ۋىسېر خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش-ئىسلاھات باشلانغاندىن كېيىن، خىتايلار تىبەتكە بارغانسېرى كۆپلەپ كېلىشكە باشلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ سانىنى ئېلان قىلمايدۇ. ئەمما ھەر قانداق ئادەم لخاساغا بارسا، ئۇ جايدا يېڭىدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن خىتاي نوپۇسىنىڭ كۆپلۈكىنى ۋە بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ سانى ھازىر يەرلىك تىبەتلەرنىڭ سانىدىن ئاللىقاچان ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. يېڭىدىن تىبەتكە كۆچۈرۈپ كېلىنگەن خىتايلارنىڭ سانى لخاسادىلا ئەمەس، باشقا چوڭ شەھەرلەردىمۇ، ھەتتا ناھىيە بازارلىرىدىمۇ يەرلىكلەرنىڭ سانىدىن كۆپ. ھازىر خىتاي كۆچمەنلىرى تىبەتتە يېزىلارغا قاراپ يامراشقا باشلىدى.

تىبەت يازغۇچىسى ۋيسېر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر تىبەتتە خىتايچە تىل بىلمىگەن ھەر قانداق تىبەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتە رىقابەت كۈچى يوق. تىبەتتە ھازىر كىراچى ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىلا ئەمەس، ھەتتا رېشكىچىلىق قىلىدىغان خىزمەتمۇ خىتايلاردىن ئاشمايدۇ. تىبەتتە ھازىر خىتايچە تىل بىلمىگەن ئادەم ئىش تاپالمايدۇ. خىتايچە تىل بىلمىگەن تىبەتلەر ئاشخانىلاردا كۈتكۈچىلىك قىلىدىغان خىزمەتكىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ.

بېيجىڭدا تۇرۇۋاتقان يازغۇچى ۋاڭ لىشيۇڭ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر تىبەتتە بۇددا دىنى قائىدىلىرىدە قوللىنىدىغان بۇيۇملارنى ياساش، مېمارچىلىق، ھەتتا تىبەتچە تاماق ئېتىش قاتارلىق ئەنئەنىۋىي ھۆنەر -كەسىپلەرنىڭ ھەممىسىنى سىرتتىن كەلگەن كىشىلەر ئىگىلەپ بولدى. ھازىر تىبەتلەرگە ئۆزىنىڭ ئولتۇرىدىغان ئۆيىنى ئىجارىگە بېرىپ جان باقىدىغان تىجارەتتىن ئۆزگە ئىش قالمىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر تىبەت مەدەنىيىتىنى ھاقارەتلەشتىن مەدھىيىلەشكە ئۆتتى

ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل يازغۇچى چېن كۇيدې ئەپەندى بۈگۈن 'كۆزىتىش ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلغان 'تىبەت مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىش ھوقۇقىنى تالىشىش جىددىي كۈرىشى' دېگەن ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت مەدەنىيىتىنى 'قالاق، ياۋۇز، ئەخمىقانە مەدەنىيەت' دەپ ئاتايدىغان سۆز-ئىبارىلىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ، توساتتىنلا تىبەت مەدەنىيىتىنى ماختاش ۋە مەدھىيىلەشكە باشلىدى، بۇ ئارقىلىق تىبەتلەرنى خوش قىلماقچى ۋە ئۆزىنىڭ تىبەت مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ھەرىكىتىنى غەرب ئەللىرىدىن يوشۇرماقچى بولىۋاتىدۇ.

‏-‏ تىبەت مەسىلىسى خەلقئارالاشقاندىن كېيىن، ‏-‏ دەيدۇ چېن كۇيدې ئەپەندى ماقالىسىدە، ‏-‏ بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ھازىر 'بىرلىكسەپ' ئويۇنىنى كۆتۈرۈپ چىقتى. 4 ‏- ئايدىن باشلاپ شىۋېتسىيە، فرانسىيە، چىلى، ئارگېنتىنا، برازىلىيە، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئۆزىنىڭ 'تىبەت مەدەنىيەت ئۆمىكى' نى ئەۋەتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان تىبەت مەدەنىيىتى، تىبەت مۇزىكىلىرى، تىبەت يېمەك-ئىچمەك سەنئىتىگە دائىر بىر نەچچە مىڭ خىل كىتابنى كۆرگەزمە قىلىپ، تىبەت مەسىلىسىنى خەلقئارالىق مەسىلە ئەمەس بەلكى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى، خىتايلارمۇ تىبەت مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلدى، تىبەت مەدەنىيىتى خىتايلار ئىچىدە ئىنتايىن مودا مەدەنىيەت بولۇپ قالدى، دەپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى.

‏-‏ ئەمەلىيەتتە بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلەرگە قاراتقان يېڭى شەكىلدىكى پىسخىلوگىيىلىك ھۇجۇمى، ‏‏- ‏دەيدۇ چېن كۇيدې ئەپەندى ماقالىسىدە، ‏-‏ خىتاي ھازىر تىبەت بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت توقۇنۇشىنىڭ كۆيۈۋاتقان ئوتىنى دەرھال ئۆچۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق تىبەتلەرنى بىخۇتلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن بوي سۇندۇرۇشنى ئويلاۋاتىدۇ.

‏-‏ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى تىبەتلەردىن يېتىشتۈرگەن ئەڭ چوڭ مۇستەملىكە زىيالىيلار ئەمەلىيەتتە مۇستەملىكىچىلىككە قارشى ئەڭ قەتئىي جەڭچىلەر بولۇپ چىققانلىقىنى ھازىر ھېس قىلدى، ‏-‏ دەيدۇ چېن كۇيدې ئەپەندى ماقالىسىدە، ‏- تىبەت زىيالىيلىرى ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 1959 ‏- يىلى باستۇرۇلۇپ چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان دالاي لامانىڭ تىبەت مەدەنىيىتىنىڭ ھەقىقىي ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى 50 نەچچە يىلدىن بۇيان تىبەتلەرنى قانداق ھاقارەتلەپ كەلگەنلىكىنى، باستۇرغان دىنىي زاتلارنىڭ خىتاي تۈرمىلىرىدە ۋەھشىيلەرچە قېيىن - قىستاققا ئېلىنىپ تارتقان ئازابلىرىنى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق. تىبەت زىيالىيلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان سۈكۈتتە تۇرغانلىقى ئۇلارنىڭ خىتايغا تەسلىم بولغانلىقى ئەمەس ئىدى. توغرىسىنى ئېيتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتلەردىن تەربىيىلەپ چىققان زىيالىيلار ھازىر 'خىتاينى جەھەننەمگە ئۇزاتقۇچىلار' بولۇپ چىقتى.

تىبەتلەرنىڭ خىتايغا بولغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن كاتماندۇدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى1959 ‏- يىلىدىكى تىبەت قوزغىلىڭىنى باستۇرۇپ، دالاي لامانى تىبەتتىن قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن، تىبەتلەر دالاي لامانى سېغىنىپ تىبەتتىن چەتئەللەرگە قېچىپ چىقىشنى توختاتمىغان ئىدى. نېپالغا قېچىپ چىققان تىبەتلەرنىڭ سانىلا 20 مىڭدىن ئاشقان ئىدى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 3 ‏- ئاينىڭ 20 ‏- كۈنىدىن باشلاپ تىبەت چېگرىلىرىغا كۆپلەپ ئەسكەر توپلاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما تىبەت بىلەن بىلەن خىتايغا چېگرىداش بولغان دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە، 'بىر جۇڭگو سىياسىتى' نى ئىجرا قىلىۋاتقان نېپال ھۆكۈمىتى ئالتە ھەپتىدىن بۇيان تىبەتلەرنىڭ خىتايغا قارشى نامايىشىدا بىر تەرەپ قىلمىسا بولمايدىغان جىددىي مەسىلىگە دۇچ كەلدى. تىبەت ھەرىكىتى ھازىر بۇ دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىغا جىددىي تەسىر كۆرسەتمەكتە. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، تاكى خىتاينىڭ ئولىمپىك مەشئىلى 5 ‏- ئايدا تىبەتكە يېتىپ كەلگىچە بولغان ئارىلىقتا، بۇ دۆلەت تىبەتلەرنىڭ خىتايغا بولغان جىددىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىن ئىبارەت جىددىي ۋەزىيەتتىن خالى بولالمايدۇ.