دىلشات رىشىت: خىتاي تېررورلۇققا قارشى ھەرىكىتىنىڭ قانۇنسىزلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش تېررورىزمغا قارشى ھەرىكەتنى باشلاپ ئارىدىن 10 يىل ئۆتكەندە تېررورىزمغا تەبىر بېرىشى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

0:00 / 0:00

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ، تېررورىزمغا قارشى بىر قانۇن لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلماقتا. لايىھىدە، تېررورلۇققا تەبىر بېرىلگەن ۋە تېررورلۇق قارشى ھەرىكەتنى دۆلەتنىڭ قايسى ئورگانلىرى قانداق ئېلىپ بارىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. لايىھىدە يەنە، تېررورچى ۋە ئۇلارنى قوللىغۇچىلارنىڭ مال بىساتلىرىنىڭ توڭلىتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش تېررورىزمغا قارشى ھەرىكەتنى باشلاپ ئارىدىن 10 يىل ئۆتكەندە تېررورىزمغا تەبىر بېرىشى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

خىتاينىڭ يېڭى قانۇن لايىھىسىدە، زوراۋانلىق يولى بىلەن خەلق ئىچىدە ۋەھىمە پەيدا قىلىش ۋە ھۆكۈمەت ۋە خەلقئارا ئورگانلارغا تەھدىت سېلىش تېررورلۇق جىنايىتى دەپ بېكىتىلگەن. يېڭى لايىھىدە يەنە، يۇقىرىقىدەك ھەرىكەتلەرگە كۈشكۈرتۈش، ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش ۋە باشقىچە يوللار بىلەن قوللاش ھەم تېررورلۇق دەپ بېكىتىلگەن.

لايىھىدە يەنە، تېررورچىلارنىڭ تىزىملىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار تەرىپىدىن تۇرغۇزۇلۇپ، ئاممىغا ئاشكارىلىنىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلغانلارنىڭ مال بىساتلىرىنىڭ توڭلىتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، لايىھىدە بانكا قاتارلىق ئىقتىسادىي ۋە غەيرىي ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشلار تېررورلۇق تىزىملىكىدىكىلەرنىڭ مال بىساتلىرىنى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا دوكلات قىلىشى ۋە تۇتۇپ قېلىشى تەشەببۇس قىلىنغان. لايىھىدە ئاشكارا ھالدا، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتتە، ھۆكۈمەتكە ماسلىشىشى تەلەپ قىلىنغان. خىتاينىڭ مۇئاۋىن ج خ مىنىستىرى ياڭ خۇەننىڭ ئالدىنقى كۈنى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، خىتايدا ھازىرغا قەدەر تېررورلۇقنىڭ ئېنىق بىر تەبىرى يوقلۇقى، شۇ سەۋەبتىن تېررورىزمغا قارشى ھەرىكەتلەردە بىر قاتار قىيىنچىلىقلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن بۇ ھەقتە رادىئومىزغا بايانات بېرىپ: خىتاي تېررورلۇققا قارشى ھەرىكىتىنىڭ قانۇنسىزلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈچلىرىنى، 2001-يىلدىن باشلاپ تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەشكە باشلىغان. يەنى شۇ يىلى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي تۇنجى قېتىم، ئۆزىنىڭ تېررورلۇقنىڭ قۇربانى ئىكەنلىكىنى، شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈچلىرىنىڭ خەلقئارا تېررورىزمىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ۋە دۇنيادىن شەرقى تۈركىستانچىلارغا قارشى ھەرىكەتتە ياردەم سورىغان.

خىتاي ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا، 4 تەشكىلات 11 شەخسنى، تېررورچىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ دۇنياغا ئېلان قىلغان.

باياناتچى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىقىغا ئوخشاش تېررورلۇقنى ئەيىبلىگەن باياناتلىرىدا دۇنيانى ئىشەندۈرەلمىگەن. ئەكسىچە تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى تونۇشى ۋە چۈشىنىشىگە تۈرتكە بولغان. خىتاي يېقىنقى 10 يىلدىن بېرى ئاسىيا قىتئەسىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردىن 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر پىدائىي، سىياسىي پاناھلانغۇچىلارنى قايتۇرۇپ ئەكەتتى. ئەمما، خىتاي ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئوخشاش مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى. بولۇپمۇ خىتاينىڭ گۇەنتانامودىكى 22 نەپەر ئۇيغۇرنى قايتۇرۇپ ئەكېتىش تەلىپى ئامېرىكا تەرىپىدىن ئارقا-ئارقىدىن ۋە قەتئىي پوزىتسىيىدە رەت قىلىندى. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جياڭ يۈ تۈنۈگۈن مەزكۇر قانۇن لايىھە ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، خىتاي پەقەت دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ، ئەتراپىدىكى ئاجىز دۆلەتلەرنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرگەن. خىتاي ئەمدى مەزكۇر قانۇن ئارقىلىق غەرب ئەللىرىنىڭمۇ ھىمايىسىگە ئېرىشىشكە تىرىشماقتا.

دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشى، ھەقىقەت كۈرىشىدۇر. شۇڭا خىتاينىڭ ئۆز سىياسىي مەنپەئەتلىرىنى چىقىش قىلىپ تۈزۈپ چىققان بۇ قانۇن بەلگىلىمىسى ئارقىلىق خەلقئارا جامائەتنىڭ، بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈرەلىشى مۇمكىن ئەمەس.