ETIC: "ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا قارشىلىق بىلدۈرۈش ھوقۇقى بار"
باياناتتا، خىتايدىكى مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنىڭ يىلتىزى خىتاي يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتتە دەپ كۆرسىتىلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەركىنلىك كۈرىشى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا، خىتاي ھاكىمىيىتىنى خىتايدىكى مۇقىمسىز ۋەزىيەتتە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تونۇشقا چاقىردى. باياناتتا يەنە، خىتايدا كىشىلەرنىڭ نامايىش ئۆتكۈزۈش ۋە تەشكىلاتلارغا ئويۇشۇش قاتارلىق تېنچلىق شەكلىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تامامەن چەكلىنىشى كىشىلەرنى زوراۋانلىق يولىغا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى ۋە بۇ ۋەزىيەتكە 14 - مارت لخاسا ۋەقەسى مىسال قىلىپ كۆرسىتىلدى.
شەرقى تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ، دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشلا زۇلۇمغا قارشىلىق كۆرسىتىش ۋە زوراۋانلىقتىن قوغدىنىش ھوقۇقى بارلىقىنى بايان قىلدى ۋە باياناتىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەملىكىچى خىتاي ھاكىمىيىتىدىن باشقا، دۇنيادىكى ھەر قانداق دۆلەت ياكى مىللەت بىلەن ئىختىلابى يوقلۇقى بايان قىلىندى ۋە ئۇيغۇر مۇستەقىللىق كۈچلىرىنى ئولىمپىكقا تەھدىت دەپ كۆرسىتىشىنى ئاساسسىز دەپ بىلدۈردى.
تىبەت ياشلىرى: " زوراۋانلىق يولىنى ئېھتىمالدىن يىراق دېيەلمەيمىز"
روېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خوڭكوڭدا چىقىدىغان دۆلەت ھىمايىسىدىكى ۋېن ۋېيپاۋ گېزىتىدە، ئەلقائىدە تەشكىلاتى، تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيى ۋە شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ئىتتىپاقداشلىق قۇرغانلىقىنى ۋە بۇ ئۈچ تەشكىلاتىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارىتا تېررورلۇق ھۇجۇم پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. رويتېرىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: " بىز تىنچلىق يولى بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇشقا تىرىشىمىز، ئەمما بىز يەنە تىبەتتە قوراللىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنىمۇ چەتكە قاقمايمىز. بۇ خىتاينىڭ مەيدانى ۋە پوزىتسىيىسىگە باغلىق"
ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىتا، ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن كۈرەش ئاتاخان، "خىتاينىڭ بىزنى تېرورچى دېيىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس، مۇھىمى، ئۆز ھەركىتىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە خاراكتېرى ئۈستىدە ئويلۇشۇش مۇھىم. بىزنىڭ ھەرىكىتىمىز ھەققانىي ھەركەت. دۇنيا بۈگۈنگىچە چۈشۈنۈپ كەلگىنىدەك بۇندىن كېيىنمۇ چۈشىنىدۇ،" دېدى.
9 - ئاپرىل كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى بۇ يىل 23 - مارت كۈنىدىكى خوتەن ئاياللار نامايىشى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا خىتاينىڭ مۇقىملىقنى قوغداش باھانىسى بىلەن، خوتەندىكى ئاياللار نامايىشىنى باستۇرغانلىقى بايان قىلىنىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.