يىغىنغا بىرلىك ۋەخپىنىڭ مەسئۇل ۋە ئەزالىرى، تۈرك ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، يازغۇچى، ئاخباراتچىلار بولۇپ 100 گە يېقىن كىشى قاتناشتى، يىغىنغا خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى خې جاڭچۈەن تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، ئۇ، يىغىندا سۆز قىلىپ، "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىن سۈركۈلۈش پەيدا بولغان تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشىلىنىشقا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
يىغىنغا يەنە، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى ھامۇت كۆكتۈرك قاتناشقان بولۇپ، ئۇ يىغىننى كۆزىتىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
يىغىن ئاخىرىدا، خىتاي كونسۇلى خې جاڭچۈەن يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ، ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
خىتاي باش كونسۇلى خې جاڭچۈەن، "ۋاقىت" گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئېلى ئەرەن ئەپەندىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا نېمە ئۈچۈن ئاياللار ۋە 18 ياشتىن تۆۋەندىكىلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىشى چەكلەندى دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: "خىتايدا، شىنجاڭدا پۈتكۈل مەسچىتلەر ھەر كىم ئۈچۈن ئوچۇق."
ئۇ يەنە مۇخبىرنىڭ: " ئۇنداق بولسا، مەندە رەسىم بار، ئۇ رەسىمدە مەسچىتنىڭ دەرۋازىسىغا، "ئاياللارنىڭ، 18 ياشتىن كىچىكلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىشى چەكلەندى دېگەن خەتلەر يېزىلغان، بۇنى قانداق چۈشەندۈرىسىز؟ " دېگەن سوئالىغا "بەلكى بىر - ئىككى مەسچىتتە يېزىلغان بولۇشى مۇمكىن،" دەپ جاۋاب بەردى.
خىتاي كونسۇلى خې جاڭچۈەن يەنە، ئېلى ئەرەن ئەپەندىنىڭ، "نېمە ئۈچۈن خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان قىزلارنى مەجبۇرىي خىتاينىڭ ئۆلكىلىرىگە يۆتكەيدۇ ۋە پاھىشىگە مەجبۇرلايدۇ؟" دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: "ھېس قىلىشىمچە، بۇ سوئالنى سورىغان كىشى خاتا مەلۇماتقا ئىگە ئىكەن، ئۇنداق ئىش يوق."
"ۋاقىت" گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى ئېلى ئەرەن ئەپەندى، "نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلار شىنجاڭ دەپ ئاتايدۇ، شىنجاڭ دېمەك يېڭى ئۆلكە دېگەن بولىدۇ، ئۇنداق بولسا ئۇيغۇرچە شىنجاڭ ئەمەس، يېڭى ئۆلكە دەپ ئاتىلىشى لازىم. دۇنيادا ھېچقانداق دۆلەت ئۆز دۆلىتىنىڭ ئوتتۇرىسىغا سېپىل سالمايدۇ. ئەگەر شەرقىي تۈركىستان راستىنلا خىتاينىڭ زېمىنى بولسا، نېمە ئۈچۈن سەددىچىن سېپىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ چېگرىسىغا سېلىنماي، خىتاي بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئوتتۇرىسىغا سېلىنىدۇ دېگەن سوئالىغا خىتاي كونسۇلى خې جاڭچۈەن مۇنداق جاۋاب بەردى: "شىنجاڭ رايونىنى تارىختا رۇسلار ئىشغال قىلىۋالغان، كېيىن خىتايلار رۇسلاردىن قايتۇرۇپ ئالغان، رۇسلاردىن قايتۇرۇۋالغانلىقى ئۈچۈن يېڭى زېمىن مەناسىدىكى 'شىنجاڭ' دېگەن ئىسىمنى قويغان، ئىسىمغا قاراپلا ئۇ زېمىننى خىتاينىڭ ئەمەس دېيىش توغرا ئەمەس. سەددىچىن سېپىلى 8 مىڭ كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا، سەددىچىن سېپىلى موڭغۇللار دەۋرىدە قوغدىنىش ئۈچۈن ياسالغان."
كېيىن يەنە، خىتاي كونسۇلى خې جاڭچۈەن، "رۇسلار شەرقىي تۈركىستاننى قاچان بېسىۋالغان؟، خىتاي قاچان قايتۇرۇۋالدى" دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرەلمىدى.
خىتاي كونسۇلى خې جاڭچۈەن يەنە، قىرغىزىستاندا 15 يىلدىن بېرى ياشاپ كېلىۋاتقان ئۆزەر رەھىمئوغلۇ دېگەن كىشىنىڭ، "نۇرغۇن ماتېرىياللاردىن ئىزدىگەن بولساممۇ شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ھەقىقىي نوپۇسى ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە بولالمىدىم، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇسىنى خىتاينىڭ يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىمىز، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ھەقىقىي نوپۇسى قانچە؟ خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ھەقىقىي نوپۇسىنى يوشۇرىدۇ؟ دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: "نوپۇسنىڭ قانچە بولۇشى مۇھىم ئەمەس، مۇھىم بولغىنى شىنجاڭ خەلقىنىڭ خۇشال، راھەت ياشىشى، شىنجاڭدا 9 مىليون ئۇيغۇر بار، 10 مىليون خىتاي بار" دەپ جاۋاب بەردى.
كونسۇل خې جاڭچۈەن يەنە، "شەرقىي تۈركىستاندا باستۇرۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، بۇ باستۇرۇشلار قاچان ئاخىرلىشىدۇ؟ شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن باستۇرۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، بۇ باستۇرۇشلارنىڭ خاتىمە بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز، ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۈستىدىن ھەر خىل باستۇرۇشلار ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئېنىق، بۇ باستۇرۇشلار ئاخىرلاشمايدىكەن، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىرى ياخشىلانغان تەقدىردىمۇ، خىتايلار بىلەن تۈرك خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ياخشىلانمايدۇ. بۇ باستۇرۇشلار قانداق؟ قاچان ئاخىرلىشىدۇ؟ سىلەردە، ئىنسانلارنىڭ پىكىر - چۈشەنچىلىرىگە، ۋىجدانىغا، بىرلىكىگە ھۆرمەت قىلىش دېگەن نەرسە يوقمۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئىنسانىيەت چۈشەنچىسىگە بۇنچىلا قارشى چىقىسىلەر؟" دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب بېرىشتىن باش تارتتى ۋە "شىنجاڭ ھەققىدە خاتا چۈشەنچىگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ خىل سوئاللار سورىلىدۇ،" دېدى.
بىز، بۇ يىغىن ھەققىدە يىغىنغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.