ئابا دابى ئاخبارات شىركىتىنىڭ قارمىقىدىكى ئەرەب دۇنياسىدىكى ئەڭ چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىسى The National، يەنى ۋەتەنداش، گېزىتىدە 21 - ئىيۇن ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدە، مەزكۇر كىتابنى يېزىشقا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەردىن بىرى جەيمس مىلۋارد بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت بېرىلگەن بولۇپ، ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئارىدىن تۆت يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، بۇ كىتابنىڭ بەزى ئاپتورلىرى تېخىچە خىتايغا كىرگۈزمەيدىغانلار قارا تىزىملىكىدە ئىكەن.
كىتاب يېزىشقا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر دېگۈدەك خىتاينىڭ قارا تىزىملىكىدە
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2004 - يىلى " شىنجاڭ: جۇڭگونىڭ مۇسۇلمان چېگرىسى" ناملىق كىتاب تېخى نەشرىدىن چىقماي تۇرۇپلا، كىتابنىڭ قوليازمىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر كىتابنى ھاپىلا - شاپىلا تەرجىمە قىلدۇرۇپ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا تارقاتقان.
نەتىجىدە خىتاي ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا مەبلەغ چىقىرىپ كىتاب يازدۇرۇپ خىتاينىڭ ئاۋارىچىلىك قاپلىغان مۇسۇلمان چېگرىسىدىكى ھاكىمىيىتىگە زەخمەت يەتكۈزمەكچى بولۇۋاتىدۇ دەپ چۈشەنگەن ھەمدە كىتاب يېزىشقا قاتناشقان 14 مۇتەخەسسىسىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك خىتاينىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.
"ھۆكۈمەت يېپىق تۇۋاقنى يېپىق پېتى قالدۇرۇش ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەل تۆلەشكە رازى تېمىلارمۇ بار"
خىتاينى شۇنچە بىئارام قىلغان بۇ كىتابنى يېزىشقا ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان جورج تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلەر پروفېسسورى جەيمس مىلۋاردمۇ قاتناشقان بولۇپ، ماقالىدە ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئۇ، خىتاي تەرەپتە بۇ چەكلىمىنى بىكار قىلىشتا ھېچقانداق شەپە يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ماقالىدە بۇ كىتابنىڭ خىتاينى شۇنچە بىئارام قىلىشىدىكى سەۋەب ھەققىدە توختالغان ۋە: "خىتاينى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەرنى ئەندىشىگە سالغان نەرسە ئېنىق بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ، بۇ يەردە خىتاي مۇنازىرە قىلىنىشىنى خالىمايدىغان ھەمدە ھۆكۈمەت يېپىق تۇۋاقنى يېپىق پېتى قالدۇرۇش ئۈچۈن ھەر قانداق بەدەل تۆلەشكە رازى تېمىلارنىڭ بارلىقى،" ئىكەن.
"چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرى ئارىسىدا خىتاي تەتقىقاتى ساھەسىنى خەتەرلىك دەپ قارايدىغانلارمۇ بارغانچە كۆپەيمەكتە"
ماقالىدە. "چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرى ئارىسىدا خىتاي تەتقىقاتى ساھەسىنى خەتەرلىك دەپ قارايدىغانلارمۇ بارغانچە كۆپەيمەكتە، ھەمدە بەزىلەر بەزى تېمىلاردا تەتقىقات ئېلىپ بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا" دەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، مەزكۇر كىتابنى يېزىشقا قاتناشقان، ئەمما ھازىر ئۆز ئىسىمنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئاپتورنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىنىپ ھازىر بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى قوغداشقا بەك ئېتىبار بېرىۋاتقانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدە خەۋەر - ئۇچۇرلارنى قانداق كونترول قىلسا، دۆلەت سىرتىدىمۇ شۇنداق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن مەركىزىي ئىدىيە بولسا، خىتاي تەتقىقاتى ئېلىپ بارىدىغان مۇتەخەسسىسلەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىتايغا بېرىش ھەمدە خىتاي ھەققىدىكى بىرىنچى قول ماتېرىياللارغا ئېرىشىش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، شۇڭلاشقىمۇ خىتاي تېمىسىدا تەتقىقات قىلغۇچىلار ئېغىر تاللاشقا دۇچ كەلمەكتە ئىكەن.
شاۋ ئەپەندى: " خىتاينىڭ غەربكە بولغان ئېھتىياجى غەرىبنىڭ خىتايغا بولغان ئېھتىياجىدىن كۆپ يۇقىرى"
بۇ ھەقتە توختالغان لوندوندا تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان تەتقىقاتچى سىن مىڭشاۋنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەگەر سىز خىتاينىڭ چىشىغا تەگمىسىڭىز، ئۇلار سىزنى ھاراق - شاراپ، تاماق - بەزمىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىپ، ھەتتا سىزگە لازىملىق مۇھىم ھۆججەتلەرنى بېرىشىمۇ مۇمكىنكەن. ئەمما سىز خىتاينىڭ زىتىغا تېگىپ قويۇپ خىتايغا كىرەلمەي قالسىڭىز، خىتاي تەتقىقاتى ساھەسىدىن ئايرىلدىم دېسىڭىزمۇ بولىدىكەن.
ئەمما، مۇتەخەسسىسلەر ئارىسىدا بۇ خىل ھادىسىگە نىسبەتەن ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ، بۇ ھەقتە توختالغان تەتقىقاتچى شاۋ ئەپەندى، ئىلمى ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشتا ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ كۆپرەك كۈچ چىقىرىشى لازىملىقىنى كۆرسەتكەن ۋە: "ئەگەر سىز بۇ مەسىلىگە سوغۇق قانلىق بىلەن نەزەر سالسىڭىز. خىتاينىڭ غەربكە بولغان ئېھتىياجى غەربنىڭ خىتايغا بولغان ئېھتىياجىدىن كۆپ يۇقىرى. ئامېرىكىنىڭ ۋىزا قاتارلىقلارغا چەك قويۇش ئىقتىدارى خىتايدىن جىق كۈچلۈك" دېگەن.